بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى ئالماشتۇرۇش| силавийәнчә

 

 

   

ھۆرمەتلىك تورداش  قېرىنداشلار! ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى مۇھەممەد ئەلىي سابۇنىنىڭ "رەۋائىئۇل بەيان فىي تەفسىرى ئاياتىل ئەھكام مىنەل قۇرئان" ناملىق تەپسىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى. بۇ، ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى تەپسىر ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىككىنچى چوڭ ئەسەر، ھۆكۈم ئايەتلىرى ساھەسىدە تۇنجى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەپسىر، ئىسلام دۇنياسىدا مۇشۇ ھەقتە يېزىلغان ئەڭ ئېسىل قىممەتلىك ئەسەر بولۇپ، مۇئەللىپ ئۇنى يېزىشتا ھۆكۈم خاراكتېرلىك ئايەتلەر ھەققىدە يېزىلغان نۇرغۇن نوپۇزلۇق كونا ـ يېڭى تەپسىرلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك ۋە يېڭى ئۇسلۇب بويىچە پۈتتۈرۈپ چىققان، تېمىلارنى ئايرىم ـ ئايرىم بۆلۈملەرگە بۆلۈپ ناھايىتى رەتلىك، ئاسان ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ بايان قىلغان، مەزھەب ئەسەبىيەتچىلىكىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئىلگىرى ۋە كېيىن ئۆتكەن، سۈننى ئەقىدىسىگە تەۋە فىقھىشۇناسلارنىڭ ھۆكۈم خاراكتېرلىك ئايەتلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى، پىكىرلىرىنى، قاراشلىرىنى، يەكۈنلىرىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ ھۆكۈم ئايەتلىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلىرى، ساھابىلار ۋە تابىئىنلارنىڭ ئىجتىھادلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىنچىكىلەپ چىقارغان ھۆكۈملىرىنى ئەينەن نەقىل قىلغان، كۈچلەندۈرۈشكە تېگىشلىك ھۆكۈملەرنى ھېچقايسى تەرەپكە يان باسماستىن كۈچلەندۈرگەن، مۇسۇلمانلار ئاممىسى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق جاۋاب بەرگەن، بەزى ھۆكۈملەر ئۈستىدە ئىسلام دۈشمەنلىرى مۇستەشرىقلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان ئىمانى ئاجىز مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرمىلاش خاراكتېرلىق قاراشلىرىغا قاتتىق رەددىيە بەرگەن.

                                                     ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

ئەسكەرتىش:

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز ئاپتور تەپسىرنى يېزىشتا دەرسلىك قوللانما بويىچە بىر قانچە بۆلۈمگە بۆلۈپ يازغانلىقى ئۈچۈن تورداشلارغىمۇ ئاپتورنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە دەرس ـ دەرس تارقىتىمىز. ھۆججەتنىڭ تۈرى "Adobe Acrobat" شىركىتنىڭ "PDF" تىپى بويىچە تارقىتىمىز. ئەگەر سىز قوللىنىۋاتقان كومپيوتېردا ئۇ پروگرام بولمىسا بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ ئەگەر PDF ھۆججەتلەر ئەكروباتتا نورمال ئېچىلماي بەتلىرى ئاق كۆرىنىۋالسا، ئاچماقچى بولغان PDF ھۆججىتىنى چۈشۈرپ بولۇپ تۆۋەندىكى  پروگرام ئارقىلىق ئاچسىڭىز ناھايىتى ياخشى بىمالال ئوقۇيالايسىز  قېنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ

قۇرئان كەرىم ئەھكام ئايەتلىرىدىن تەپسىرلەر بىرىنچى قىسىم

| كىرىش سۆز | سۈرە فاتىھە | شەرىئەتنىڭ سېھىرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى | قۇرئاندىكى ناسىخ ۋە مەنسۇخلار | نامازدا كەبىگە يۈز كەلتۈرۈش| سەفا بىلەن مەرۋە ئارىلىقىدا سەئيى قىلىش | شەرىئەت ئىلىملىرىنى يوشۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى | پاك نەرسىلەرنىڭ ھالال، نىجىس نەرسىلەرنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى | قىساستا ھاياتلىق بار | مۇسۇلمانلارغا روزىنىڭ پەرز بولۇشى | ئىسلام دىنىدا جىھاد قىلىشنىڭ پەرز قىلىنىشى | ھەج بىلەن ئۆمرىنى تولۇق ئورۇنلاش | ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۇرۇش قىلىش | ھاراق بىلەن قىمارنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى | مۇشرىك ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىش | ھەيز مەزگىلىدە ئاياللاردىن يىراق تۇرۇش | كۆپ قەسەم قىلىشتىن توسۇش | ئىسلام دىنىدا تالاق قىلىشنىڭ يولغا قويۇلۇشى | ئېمىلداشلىقنىڭ ھۆكۈملىرى | ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ ئىددىتى | خوتۇن كىشىگە توي تەلىپى قويۇش ۋە ئۇنىڭ مەھرى ھەققى... | جازانە ۋە ئۆسۈمنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىجتىمائىي جىنايەت ئىكەنلىكى | كاپىرلارنى دوست تۇتۇشنى مەنئى قىلىش | ئىسلامدا ھەج قىلىشنىڭ پەرز بولۇشى | ئىسالامدا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتى | ئىسلام دىنىنىڭ يېتىملەرنىڭ پۇل ـ مېلىغا ئەھمىيەت بېرىشى | نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار | ئەر ـ خوتۇن ئارىسىدىكى ئىناقسىزلىقنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاسىتىلىرى | مەست ۋە جۇنۇب بولۇپ قالغان ئادەمگە ناماز ئوقۇشنىڭ ھاراملىقى ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى جازىسى | خەۋپ نامىزى | يېمەكلىكلەرنىڭ ھالال بولغان ۋە ھارام بولغان تۈرلىرى | تاھارەت ۋە تەيەممۇمنىڭ ھۆكۈملىرى | ئوغرىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىشنىڭ جازاسى | قەسەمنىڭ كەففارىتى،  ھاراق ۋە قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشى | مەسجىدلەرنى ئاۋات قىلىش | مۇشرىكلارنىڭ ھەرەم مەسجىدىگە كىرىشىنى مەنئى قىلىش | غەنىمەتلەرنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى | ئۇرۇشتىن قېچىش | غەنىمەتلەرنى قانداق تەقسىم قىلىش ئەھۋالى | قۇربانلىق قىلىش ۋە مال بوغۇزلاش ئارقىلىق الله قا يېقىنچىلىق ئىزدەش |

بىرىنچى قىسىمنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن PDF ھۆججىتى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ!

قۇرئان كەرىم ئەھكام ئايەتلىرىدىن تەپسىرلەر ئىككىنچى قىسىم

| زىنانىڭ جازاسى | ئىپپەتلىك ئاياللارنى قارىلاش چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر| ئەر ـ ئايالنىڭ ئۆزئارا لەنەت ئېيتىشىشى | بوھتان چاپلاش ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىشلار | رۇخسەت سوراش ۋە زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپ ـ ئەخلاقلىرى | ھىجاب ۋە قاراش ھەققىدىكى ئايەتلەر | توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش پاھىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇش | ئۆي ئىگىلىرى يالغۇز قالىدىغان ۋاقىتلاردا رۇخسەت سوراش | تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە بىرەر نەرسە يېيىشنىڭ دۇرۇسلىقى | ئاتا ـ ئانىغا ئىتائەت قىلىش ۋە ياخشىلىق قىلىش | جاھىلىيەت  ۋە ئىسلام دەۋرىدە بالا بېقىۋېلىش | تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن مىراسخورلۇق قىلىش | جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن قىلىنغان تالاق | پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇن ئېلىش ھۆكۈملىرى | زىياپەتنىڭ ئەدەپ ـ ئەخلاقلىرى | پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش | مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھىجابلىنىشى | ھەيكەللەر ۋە رەسىملەرنىڭ ھۆكمى | شەرىئەتنىڭ ھىيلە ئىشلىتىشكە تۇتقان پوزىتسىيىسى | ئىسلام دىنىدىكى ئۇرۇش | ئەمەلنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن تاشلاپ قويۇش | كەلگەن خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈش | قۇرئان كەرىمنى پەقەت پاك كىشىلەرنىڭلا تۇتۇشىغا بولىدىغانلىقى | ئىسلامدىكى زىھار ۋە ئۇنىڭ كەففارىتى | پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەخپىي سۆزلىشىش | مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار ئارىسىدىكى نىكاھ | جۈمە نامىزى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى | تالاق ھۆكۈملىرى | ئىددەت ھۆكۈملىرى | قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش |

قۇرئان كەرىم ئەھكام ئايەتلىرىدىن تەپسىرلەر ناملىق تەپسىرنىڭ ئىككىنچى قىسمى تۈگىدى. كەرەملىك ئۇلۇغ الله قا سان ـ ساناقسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن!

ئىككىنچى قىسىمنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن PDF ھۆججىتى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ!

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمىمۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

 ↶Copyright 2005 - 2007 All Rights Reserved by http://www.munber.org↷