|
ئەجىرنى كۆپەيتىپ، گۇناھلارنى تۈگىتىشنىڭ ئۆنۈملۈك يوللىرى
بارلىق
مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى يېگانە ئاللاھقا خاستۇر، دۇئا ۋە
سالاملار پەيغەمبەر ۋە ئەنبىيالارنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى- پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن!
بۇ، ئاللاھ
تائالاغا شىرىك كەلتۈرمەستىن ئىبادەت قىلىدىغان، بۇ دۇنيادىن بارلىق گۇناھلىرى
مەغپىرەت قىلىنغان، قىيامەت كۈنى بولسا جانابى ئاللاھنىڭ ھېچ نەرسە سورىماستىنلا
ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك جەننىتىگە كىرگۈزىۋېتىشىنى ئەڭ يۈكسەك غايە قىلغان بارلىق
مۇسۇلمانلارغا يېزىلغان رىسالىدۇر. بۇ قىسقىغىنە رىسالىدە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى دەلىل قىلىش ئارقىلىق گۇناھلارنى يۇيىدىغان ۋە
كاتتا ئەجىرلەرگە ئىگە قىلىدىغان بەزى ئىش- ئەمەللەرنى بايان قىلىپ چىقىمىز.
ھەممىگە قادىر ۋە ھەممىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى جانابى ئاللاھنىڭ ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل
قىلىشىنى تىلەيمىز.
1- تەۋبە قىلىش:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كۈن غەربتىن چىقىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلسا، اﷲ
ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.» - مۇسلىم∕ 2703. «بەندە سەكراتقا چۈشۈپ قالمىغانلا
بولسا، اﷲ ئۇ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.»- تىرمىزى.
2- ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىش:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن يول ئالسا اﷲ ئۇنىڭغا
جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.» - مۇسلىم∕ 2699.
3- ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشىراقى بولغان ۋە
رەببىڭلارنىڭ نەزىرىدە پاكراقى، دەرىجەڭلار ئىچىدىكى يۇقىرراقى بولغان ۋە سىلەر
ئۈچۈن ئالتۇن ـ كۈمۈش سەدىقە قىلغاندىنمۇ، دۈشمەنلىرىڭلارغا ئۇچرىشىپ سىلەر
ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئۇلار سىلەرنىڭ بوينۇڭلارغا ئۇرغاندىنمۇ ياخشىراق بولغان
ئەمەلدىن خەۋەر بەرمەيمۇ؟“ دېدى. ساھابىلار: شۇنداق قىلغىن ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى!
دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئۇ بولسىمۇ اﷲ نى زىكىر قىلىش“ دېگەن. » -
تىرمىزى.
4- ياخشى ئىشلارنى قىلىش ۋە ياخشى يولنى كۆرسىتىپ قويۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بارلىق قىلىنغان ياخشىلىقلار سەدىقىدۇر»-
بۇخارىي10/374، «ياخشىلىقنى كۆرسىتىپ قويغۇچى شۇ ياخشىلىقنى ئۆزى قىلغانغا
ئوخشاشتۇر.»- مسلم:1005.
5- ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھىدايەتكە چاقىرسا ئۇ ئادەمگە شۇ
ھىدايەتكە ئەگەشكەن ئادەملەرنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەستىن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ
ئەجرىگە ئوخشاش ئەجىر بولىدۇ.» - مۇسلىم: 2674.
6- ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرىڭلار بىر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى
بىلەن (ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن) ئۆزگەرتسۇن. ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى
بىلەن (سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق) ئۆزگەرتسۇن. ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى
بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، ئاشۇ قەلبى بىلەن نارازى بولۇش بولسا، ئىماننىڭ ئەڭ
ئاجىز ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.» - مۇسلىم:49.
7- قۇرئان كەرىمنى ئۇقۇش، تىلاۋەت قىلىش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇڭلار، ”قۇرئان كەرىم“ قىيامەت
كۈنى ئۆزىنى ئوقىغان كىشىلەرگە شاپائەت قىلغان ھالدا كېلىدۇ.» - مۇسلىم: 804.
8- قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە
ئۇنى ئۆگەتكەن كىشىلەردۇر.» - بۇخارىي:9/66.
9- سالاملىشىش:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھنىڭ نامى بىلەن
قەسەمكى، بىر ئادەم مۆمىن بولمىغۇچىلىك جەننەتكە كىرمەيدۇ. بىر- بىرىنى ياخشى
كۆرمىگۈچىلىك مۆمىن بولمايدۇ، مەن سىلەرنى ئۇنى قىلساڭلار بىر- بىرىڭلارنى ياخشى
كۆرىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويمايمۇ؟ سىلەر ئاراڭلاردا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار».
– مۇسلىم:54
10- ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى
مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن دوستلاشقان كىشىلەر قەيەردە؟ بۈگۈن، مەن ئۇلارنى مېنىڭ
سايەمدىن باشقا ھېچقانداق سايە يوق كۈندە، ئۆز سايەمگە ئالىمەن» دەيدۇ. – مۇسلىم:
2566
11- كېسەللەرنى يوقلاش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ يەنە بىر
مۇسۇلمان بۇرادىرىنى ئەتىگەندە يوقلىسا 70 مىڭ پەرىشتە كەچكىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن
مەغپىرەت تىلەيدۇ. كەچتە يوقلىسا، 70 مىڭ پەرىشتە تاڭ ئاتقۇچە مەغپىرەت تىلەيدۇ.
ئەگەر ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان خورمىلار بولىدۇ». – تىرمىزى: 969
12- دىن يولىدا كىشىلەرگە يارىدەم بېرىش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ
قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە
ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.» - مۇسلىم: 2699.
13- باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچماسلىق:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇنيادا بىر بەندە يەنە بىر بەندىنىڭ ئەيىبىنى ياپسا،
قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ». – مۇسلىم: 2590
14- مېھرى- شەپقەتلىق بولۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېھرى ـ شەپقەت ئەرشكە ئېسىقلىق بولۇپ، ئۇ:
مېنى كىم يەتكۈزسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا مېنى يەتكۈزىدۇ ۋە مېنى كىم ئۈزۈپ قويسا، ئاللاھ
ئۇنىڭدىن مېنى ئۈزىدۇ، دەيدۇ.» - 10/350 مۇسلىم: 2555
15- گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئەڭ كۆپ سەۋەپ
بولىدىغان نەرسە نېمە؟ـ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھتىن
قورقۇش ۋە گۈزەل ئەخلاق»دېگەن ئىدى. – تىرمىزى: 2003
16- راستچىل بولۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «راستچىللىق ياخشىلىققا، ياخشىلىق جەننەتكە
باشلايدۇ.» - بۇخارىي: 10/423، مۇسلىم: 2607
17- ئاچچىقىنى يۇتۇۋېتىش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆچىنى ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق
ئاچچىقىنى يۇتسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇ ئادەمنى چاقىرىپ كىشىلەرنىڭ
ئالدىدا چاقىرىپ خالىغان شەھلا كۆزلۈك ھۈرلەردىن تاللاتقۇزىدۇ.» - تىرمىزى: 2022
18- سورۇنلاردىكى سەھۋەنلىكلىرى ئۈچۈن دۇئا ئۇقۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىرەر سورۇندا ئولتۇرۇپ، ئۇ سورۇندا
پايدىسىز سۆزنى كۆپ قىلغان بولسا شۇ سورۇندىن تۇرۇپ كېتىشتىن بۇرۇن: «ئى ئاللاھ!
ساڭا ھەمدۇ ئېيتقان ھالەتتە سېنى ئۇلۇغلايمەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق
بېرىمەن، سەندىن گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىڭنى سورايمەن، ساڭا تەۋبە قىلىمەن» دېگەن
دۇئانى قىلسا ئۇنىڭ شۇ سورۇندىكى سۆزىنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. - تىرمىزى:
3/153
19- سەۋرچان بولۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارغا ئېغىرچىلىق، كېسەل، غەم ـ
قايغۇ ياكى ئەزىيەت ياكى ھەسرەت ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر ئەزىيەت يېتىپلا
قالسا، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ.» - بۇخارىي:
10/91
20- ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلىش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاتا - ئانىسى ياكى ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى
قېرىلىق ھالەتكىچە ياشىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن
كىشىنىڭ بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن، بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن، بۇرنى توپىغا
مىلىنىپ كەتسۇن!» - مۇسلىم: 2551
21- تۇل خوتۇن ۋە يېتىم- يېسىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «”تۇل
خوتۇنلارنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن تىرىشقۇچى ئادەمگە ئاللاھ
يولىدا جىھاد قىلغانغا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ“»
- بۇخارىي: 10/366
22-
يىتىملەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يېتىملارغا ئىگە بولغۇچىلار، مەن بىلەن جەننەتتە مانا
مۇشۇنداق بىللە بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئېچىپ تۇرۇپ
كۆرسەتكەن. - 10/365
23- تاھارەت ئېلىش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى تاھارەتنى كامىل ئالسا، ئۇنىڭ
خاتالىقلىرى بەدىنىدىن چىقىپ كېتىپلا قالماي، ھەتتا تىرناقلىرىنىڭ ئاستىدىنمۇ چىقىپ
كېتىدۇ.» - مۇسلىم: 245
24- تاھارەت ئالغاندىن كېيىن، شاھادەت ئېيتىش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى تاھارەتنى كامىل ئېلىپ ”ئاندىن
شېرىكى يوق بىر ئاللاھ دىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ نىڭ
بەندىسى ۋە ئەلچىسى“ دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، (يەنى كەلىمە شاھادەتنى ئوقۇسا) ئۇنىڭ
ئۈچۈن سەككىز جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، ئۇ كىشى خالىغان ئىشىكتىن كىرىدۇ.» -
مۇسلىم: 234
25- ئەزاننىڭ دۇئاسىنى ئوقۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەزاننى ئاڭلىغاندا» ”مۇشۇ مۇكەممەل
چاقىرىقنىڭ ۋە ئوقۇلغۇچى نامازنىڭ رەببى ئى ئاللاھ! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا
ۋەسىلە ۋە پەزىلەتنى بەرگىن، ئۇنى سەن ۋەدە قىلغان، ماختىلىدىغان مەرتىۋىگە
يەتكۈزگىن“ دېسە، ئۇنىڭغا مەن چوقۇم قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىمەن». – بۇخارى 2/77
26- مەسچىت سېلىش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن ھالدا
مەسچىت بىنا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر جاي
بىنا قىلىدۇ.» - بۇخارىي: 450
27- مىسۋاك ئىشلىتىش:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۈممىتىمگە ياكى كىشىلەرگە مۇشەققەت كېلىپ
قالمىسۇن دېمىگەن بولسام، ئۇلارنى ھەر نامازدا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتىم.» –
بۇخارى 2/331، مۇسلىم: 252
28- مەسچىتكە بېرىش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى ئەتىگىنى ياكى كەچلىرى مەسچىتكە كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتتە
ئەتىگەن- كەچلىك ئۈچۈن رىزىقلارنى تەييارلاپ بېرىدۇ.» – بۇخارى 2/124، مۇسلىم: 669
29- بەش ۋاقىت نامازنى جايىدا ئادا قىلىش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قانداق بىر مۇسۇلمان بەش ۋاخ نامازدا ھازىر بولۇپ تاھارىتىنى، نامازنىڭ
تەرتىپلىرىنى ۋە رۇكۇلىرىنى تولۇق قىلسا، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزمىسىلا، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى
(كىچىك) گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ. بۇ ھەر قانداق زاماندا شۇنداق بولىدۇ».
–مۇسلىم: 228
30- بامدات ۋە ئەسىر نامازلىرىنىڭ پەزىلىتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى بامدات ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقىسا جەننەتكە كىرىدۇ.» – بۇخارى 2/43
31- جۈمە نامىزىنى ئوقۇش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى
تاھارىتىنى كامىل ئېلىپ جۈمەگە كېلىپ جىم ئولتۇرۇپ، خۇتبە ئاڭلىسا بۇ جۈمە بىلەن
يەنە بىر جۈمە ئارىلىقىدىكى گۇناھى ۋە بۇنىڭغا يەنە ئۈچ كۈن ئىچىدىكى گۇناھى
قوشۇلۇپ ئەپۇ قىلىنىدۇ.» - مۇسلىم: 857
32- جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە توغرىسىدا سۆز قىلىپ: «جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت
بولىدىغان بىر ۋاقىت بار بولۇپ، مۇسۇلمان بەندە شۇ ئۆرە تۇرۇپ دۇئا قىلىپ،
ئاللاھتىن بىر نەرسە سورىغان ھالەتتە شۇ ۋاقىتقا ئۇدۇللىشىپ قالسا، ئاللاھ ئۇ
كىشىنىڭ سورىغان نەرسىسىنى بېرىدۇ» دېگەن. – بۇخارى 2/344، مۇسلىم: 852
33- پەرز نامازلارنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، سۈننەت نامازلارنى ئوقۇپ تۇرۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر مۇسۇلمان ئاللاھ ئۈچۈن ھەر كۈنى
پەرزدىن باشقا 12 رەكئەت نەفلە ناماز ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە بىر
ئۆي بىنا قىلىدۇ». – مۇسلىم: 728
34- گۇناھ سادىر قىلىپ سالغاندىن كېيىن، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى گۇناھ سادىر قىلىپ سالغان
ئەھۋالدا، كامىل تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاللاھ تائالادىن
مەغپىرەت تىلىسە، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ.» - ئەبۇ داۋۇد:
1521
35- كېچە نامازلىرىغا تۇرۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەرز نامازدىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل ناماز
كېچىلىك نامازدۇر.» - مۇسلىم: 1163
36- چاشگا نامىزى ئوقۇش:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ دىنىڭلاردا، ھەر سەھەردە ھەر بىر
ئۈگىلىرىڭلارغا قارىتا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك سەدىقە باردۇر. ھەر بىر تەسبىھ
(سۇبھانەللا) سەدىقە،ھەر بىر ھەمدى (ئەلھەمدۇلىللا) سەدىقە، ھەر بىر تەھلىل (لائىلە
ئىللەللا) سەدىقە ۋە ھەر بىر تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر) سەدىقە ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇش
سەدىقە، يامانلىقتىن توسۇش سەدىقەدۇر. چاشكا ۋاقتىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش
بولسا يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ»- مۇسلىم:720
37- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالات يوللاش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ماڭا بىر دۇرۇت ئېيتسا، شۇ بىر دۇرۇت
سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون رەھمەت ئاتا قىلىدۇ.» - مۇسلىم:384
38- روزا تۇتۇش:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر بەندە ئاللاھ يولىدا بىر كۈن روزا
تۇتسا، شۇ بىر كۈننىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇ ئادەمنى دوزاختىن 70 يىللىق يىراق
قىلىدۇ.» – بۇخارى 6/35، مۇسلىم: 1153
39- ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى
روزا تۇتقانغا باراۋەردۇر.» – بۇخارى 4/192، مۇسلىم: 1159
40- رامىزان روزىسىنى تۇتۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن، ساۋاپ
ئۈمىد قىلغان ھالدا رامزان روزىسىنى تۇتسا، ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت
قىلىنىدۇ.» – بۇخارى 4/221، مۇسلىم: 760
41- شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ،
ھېيتتىن كېيىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزىنى ئەگەشتۈرۈپ تۇتسا يىل بويى
روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ.» - مۇسلىم:1164
42- ئەرەفات كۈنى روزا تۇتۇش:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش ئۆتكەن يىلى ۋە كېلىدىغان
يىلىدىكى كىچىك گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ.» - مۇسلىم: 1162
43- ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاشۇرا كۈنى تۇتۇلغان روزا ئارقىلىق ئاللاھ
تائالا ئۆتكەن بىر يىلنىڭ گۇناھىنى ئۈچۈرىۋېتىدۇ، دەپ بىلىمەن.» - مۇسلىم: 1162
44- ئىپتارلىق بېرىش:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى روزا تۇتقۇچىغا ئىپتارلىق بەرسە روزا
تۇتقۇچىنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيمەستىن ئىپتار بەرگۈچىگە روزا تۇتقۇچىنىڭكىگە
ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ.» - تىرمىزى: 807
45- قەدىر كېچىسى نامازغا تۇرۇش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى شەبى قەدرى كېچىسىنىڭ ئاللاھنىڭ
ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا تۇرسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى
مەغپىرەت قىلىنىدۇ. » – بۇخارى 4/221، مۇسلىم:1165
46- سەدىقە بېرىش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقە خاتالىقىنى سۇ ئوتنى ئۆچۈرگەندەك
ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.» - تىرمىزى: 2616
47- ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى ئۆمرە ھەج ئۆز ئارىلىقىدىكى
گۇناھلارغا كەففارەت بولىدۇ، قوبۇل بولغان پەرز ھەجنىڭ مۇكاپاتى پەقەتلا
جەننەتتۇر.» - مۇسلىم: 1349
48- زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇشۇ كۈنلەردە(زۇلھەججنىڭ 1 ـ كۈندىن 10 ـ كۈنىگىچە)
قىلىنغان ياخشى ئەمەل ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكرەك بولىدۇ» دېدى. ساھابىلار: ئى
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟ دېيىشتى،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ يولىدىكى جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدۇ. پەقەت جېنى،
مېلى بىلەن جىھادقا ئاتلىنىپ، ھېچنەرسە بىلەن قايتىپ كەلمىگەن (يەنى شېھىت بولغان)
ئادەمنىڭلا ئەمىلى بۇنىڭغا يېتىدۇ.» – بۇخارى 2/381
49- ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان
بىر كىشىنى جىھادقا جابدۇپ قويسا ئۇ كىشى غازى ھېسابلىنىدۇ. كىمكى جىھادقا چىقىپ
كەتكەن كىشىنىڭ بالا ـ چاقىلىرىغا شۇ كىشىنىڭ ئورنىدا ياردەم قىلسا ئۇ كىشى غازى
ھېسابلىنىدۇ.» – بۇخارى 6/11
50- ئاللاھ يولىدا نەپىقە قىلىش:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان
بىر كىشىنى جىھادقا جابدۇپ قويسا ئۇ كىشى غازى ھېسابلىنىدۇ. كىمكى جىھادقا چىقىپ
كەتكەن كىشىنىڭ بالا ـ چاقىلىرىغا شۇ كىشىنىڭ ئورنىدا ياردەم قىلسا ئۇ كىشى غازى
ھېسابلىنىدۇ.» – بۇخارى 6/37، مۇسلىم: 1895
51- مېيىت نامىزىغا ئىشتېراك قىلىش ۋە جىنازىگە ئەگىشىش:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى جىنازىغا كېلىپ، ئۇنىڭ نامىزىغا قاتناشسا،
ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىيرات ئەجىر بولىدۇ . ئۇ كىشى جىنازىغا كېلىپ، ھەتتا مىيىت
يەرلىكىگە قويۇلۇپ بولغىچىلىك بىللە بولسا ئۇنىڭغا ئىككى قىيرات ئەجىر بولىدۇ»
دېدى. ئىككى قىيرات دېگەن نېمە؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى
قىيرات دېگەن چوڭ ئىككى تاغدەك ئەجىردۇر» دېدى. – بۇخارى 3/158، مۇسلىم: 945
52- ئېغىز ۋە ئەۋرەتنى يامان ئىشلاردىن ساقلاش:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىككى ساقىلى ئوتتۇرىسىدىكى نەرسىنى (يەنى
تىلىنى) ۋە ئىككى پۇت ئوتتۇرىسىدىكى نەرسىنى (شەھۋىتىنى) ساقلاشقا ماڭا ھۆددە
قىلسا، مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى ھۆددە قىلىمەن،» – بۇخارى 11/264، مۇسلىم: 265
53- لا ئىلاھە ئىللەللاھ، سۇبھانەللاھ ، ۋە بىھەمدىھىنىڭ پەزىلىتى:
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر كىشى
”لا
ئىلاھە ئىللاللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىيكە لەھۇ، لەھۇلمۇلكۇ، ۋەلەھۇلھەمدۇ، ۋەھۇۋە ئەلە
كۇللى شەيئىن قەدىر“
دېگەن كەلىمىنى بىر كۈندە 100 قېتىم ئوقۇسا، ساۋابى ئون قۇل ئازاد قىلغاننىڭ
بارابىرىدە بولىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە 100 ياخشىلىق يېزىلىپ، ئۇنىڭدىن 100 يامانلىق
ئۆچىرىلىدۇ. شۇ كۈنى كەچ كىرگىچە ئۇ كىشى ئۈچۈن شەيتاندىن قالقان بولىدۇ، بۇنى ئۇ
كىشىدىنمۇ كۆپرەك دېمىگەن كىشى ئۇ كىشىدىن ياخشىراق ئەمەلنى كەلتۈرەلمەيدۇ.» –
بۇخارى 11/264، مۇسلىم: 265
ئا. قارلۇقى |