بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى ئالماشتۇرۇش | силавийәнчә

 

 

   

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن 

غەزەپنى يېڭىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى

 ئابلىكىم تۇرسۇن

ئاچچىقلىنىپ، تېز غەزەپلىنىش ۋە ئۆزىنى تۇتالماسلىق كىشىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بەختسىزلىكلەرنى ۋە بالايى – ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. خۇسۇسەن، رامىزان كۈندۈزلىرىدە كۆپلىگەن كىشىلەر ئاددىغىنا ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئۆزلىرىنى تۇتىۋالالماستىن، گاھىدا روزىسىنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىپ سالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇسۇسەن رامىزاندا ئاچچىقلىماسلىق توغرىسىدا قايتا – قايتا ئېيتقان تەۋسىيەلىرىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئەسلىرىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «سېنى بىراۋ تىللىسا ”مەن روزىدارمەن“ دېگىن» دېگەن سۆزىدىكى تەربىيە غەزەپنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرىدىن بىرى بولغاننىڭ سىرتىدا، ئىنساننى ھەمىشە شۇنداق كەڭ قورساق بولۇشقا يېتەكلەيدىغان ئەمەلىي تەربىيەدۇر. رامىزاندا ”مەن روزىدارمەن“ دېيىش بىلەن كىشىلەرنىڭ يامانلىقىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ شۇنداق قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى رامىزان ئېيىى تەربىيىلىنىش، مەنىۋىياتنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە ياخشى ئەخلاقلارغا ئۆزىنى كۆندۈرۈش ئېيىدۇ. رامىزاندا شۇنداق كەڭ قورساق بولغان ئادەم باشقا ئايلاردىمۇ ھەمىشە شۇنداق بولۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا رامىزاننىڭ پايدىسىنى كۆرگەن بولىدۇ ۋە رامىزاننىڭ شاراپىتى بىلەن شاراپەتلەنگەن بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد ئاچچىقنى يېڭىشنىڭ چارىسى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «غەزەپ شەيتاندىن بولغان بىر پالاكەت بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن كۆپلىگەن مۇسىبەتلەر ۋە بالالار يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ئىسلام شەرىئىتىدە بۇ يامان خۇلۇق توغرۇلۇق تەپسىلى بايانلار كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە غەزەپتىن ئىبارەت بۇ ئاغرىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرى بايان قىلىنغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1- ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەش. سۇلەيمان ئىبنى سەردتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم. ئىككى ئادەم جېدەللىشىپ يۈزلىرى غەزەپتىن قىزىرىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن بىر سۆزنى بىلىمەنكى، ئەگەر شۇ سۆزنى دېسە ئۇنىڭدىكى غەزەپ يوقىلىدۇ. ئەگەر ”ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن دېسە، ئۇنىڭ ئاچچىقى پەسىيىدۇ» دېدى.

2- سۇكۇت قىلىش.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار غەزەپلەنگەندە سۇكۇت قىلسۇن» دېگەن. چۈنكى قاتتىق غەزەپلەنگەن ئادەم ئۆزىنى تۇتۇپ، ئېغىزىنى يۇمۇپ تۇرالىسا، ئېغىز جاراھىتى سەۋەبلىك كېيىن كېلىدىغان كۆپلىگەن پۇشايمانلاردىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.

3- جىم تۇرۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار غەزەپلەنگەن چېغىدا ئۆرە تۇرغان بولسا، ئولتۇرىۋالسۇن، ئولتۇرغان بولسا يېتىۋالسۇن» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ غەزەپلەنگەن كىشىنى كېيىن پۇشايمان كېلىدىغان كۆپلىگەن خاتالىقلاردىن ساقلاش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى غەزىبىنى باسالمىغان ئادەم ئۆرە تۇرغىنىدا قارشىسىدىكى كىشىگە تاياق ئېتىشى مۇمكىن. بەلكى ئۆتۈرىۋېتىش ۋەقەسىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئولتۇرىۋالغىنىدا بۇ خىل خاتالىققا چۈشۈشتىن نىسبەتەن ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇ يېتىۋالغىنىدا پۈتۈنلەي ساقلىنىپ قالالايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق ئۆگەتكەن.

4- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە نەسىھەت قىلىشىنى سورىغان بىر ئادەمگە: «غەزەپلەنمە» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم قايتىلىغان.

5-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە: «غەزەپلەنمە، جەننەتكە كىرىسەن» دېگەن.

6- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە: «كىمكى ئىنتىقام ئېلىشقا كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ، غەزىبىنى يۇتىدىكەن، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ قەلبىنى رازىمەنلىك بىلەن تولدۇرىدۇ» دېگەن.

7- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە: «كۈچلۈك يېقىتىشتا ئەمەس، بەلكى غەزىبىنى بېسىۋېلىپ ئۆزىنى تۇتىۋېلىشتا» دەپ كۆرسەتكەن.

8- غەزەپنى يېڭىش تەقۋادارلارغا خاس گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ]تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل - مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[ [سۈرە ئال ئىمران 134- ئايەت].

9- نەسىھەت ئېلىش. غەزەپ ئىنسان تەبىئىتىدە بولغان نەرسە. غەزەپلەنمەسلىك ئىنساننىڭ قولىدا ئەمەس. ئەمما غەزەپنى يېڭىش ئىنساننىڭ قولىدا. ئۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرى ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي مۇئەللىمى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى تەۋسىيەلىرىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى بەندىلىرى غەزەپلەنگىنىدە، ئاللاھ ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى زىكىر قىلىنسا، دەرھال ئاچچىقىدىن يانىدۇ. بۇ ساھابىلارنىڭ ۋە سالىھلارنىڭ ھاياتىدا، ھەتتا ھازىرقى زاماندىمۇ كۆپ قېتىم تەجرىبىدىن ئۆتكەن مەسىلە. شۇڭا قاتتىق غەزەپلەنگەن كىشىگە: «پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭ» دەيدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. چۈنكى بۇنىڭ پايدىسى بار.

قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىنداش! سىز بىلەن مەن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تەۋسىيەلىرىنى ھاياتىمىزدا تەجرىبە قىلىپ كۆرەيلى. چوقۇم پايدىسىنى كۆرىدىغانلىقىمىزغا ئىمانىم كامىل. جانابى ئاللاھ تائالا سىزنى ۋە مېنى گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا نەسىپ ئەتكەي. ئۇلۇغ رامىزاننىڭ شاراپەتلىرى بىلەن شاراپەتلىنىشكە نەسىپ ئەتكەي. ئامىين.

ماقالىلەر سەھىپىسىگە قايتىش

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org