|
مۇسۇلمان سودىگەرلەرگە چاقىرىق
فۇئاد ئەششەلھۇب
بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئۇ زاتنى مەدھىيىلەيمىز، ئۇنىڭدىن مەغپىرەت
تىلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمىز، نەپسىمىزنىڭ شۇملۇقلىرى، ئەمەللىرىمىزنىڭ
يامانلىقلىرىدىن ئۇنىڭغا سېغىنىمىز، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى،
ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ. بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ
يوقلۇقىغا، ئۇنىڭ شېرىكسىز، يەككە – يېگانە ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ
ئۇنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن.
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ بىرى، سودا – سېتىقنى ھالال
ۋە مۇباھ، ئۈسۈم ۋە جازانىنى بولسا ھارام قىلغانلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق
دەيدۇ:
]وَأَحَلَّ اللّهُ
الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا[
]ئاللاھ
سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە
زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى[ [سۈرە
بەقەرە، 275-ئايەت]
سودا – سېتىق ئارقىلىق كىشىلەر ھاياتىدا ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلىرىنى قولغا
كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىشلىرىنى ھەل قىلىدۇ؛ كىشىلەر داۋاملىق باشقىلارنىڭ
قولىدىكى نەرسىلەرگە موھتاج بولۇپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن، تىجارەت كىشىلەرنىڭ ئارزۇ
قىلغان نەرسىلىرىگە ئېرىشىش يولىدىكى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ماقۇللانغان يوللۇق
ۋاسىتە ئىدى. سودا – سېتىق پۇللۇق نەرسىگە ئىگە بولۇش يولىدا پۇل سەرپ قىلىش
دېمەكتۇر.
بۇ يەردە سۆزىمىزنى مال – دۇنياغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋاسىتە ئېلىم – سېتىم
يولىنى تاللىغان مۇسۇلمان تىجارەتچىلەرگە مەركەزلەشتۈرىمىز. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مەلۇم مۇددەت سودا بىلەن شۇغۇللانغان، يەنە ئەبۇ بەكىر سىددىق،
ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف ۋە باشقىلاردىن تەشكىل تاپقان نۇرغۇن
ساھابىلەرمۇ تىجارەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ شۇغۇللانغان
تىجارىتى ياكى قولغا كەلتۈرگەن مال – دۇنياسى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ
بەلگۈلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىش ياكى پەرۋاسىز قاراشلىرىغا توسالغۇ بولۇپ قالمىغان.
ئۇلار تاپقان – تەرگەنلىرىنى ئاللاھنىڭ دىنى ۋە يولىدا ھېچ ئىككىلەنمەستىن سەرپ
قىلغان. ھەر قانداق ۋاقىتتا دۇنيا ئۇلارنىڭ قولىدا بولغان، ھەرگىزمۇ قەلبىگە
ھۆكۈمران بولىۋالمىغان. بۇنى ئىسپاتلايدىغان مۇنۇ قىسسىدىنمۇ جانلىق مىسال بولمىسا
كېرەك.
«ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئارزۇ قىلغان ھالدا
بارلىق مال- دۇنياسىنى سەدىقە قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا
كەلگىنىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن:
”ئائىلەڭدىكىلەر
ئۈچۈن نېمىلەرنى ئېلىپ قالدىڭ“ دەپ
سورىۋېدى، ئەبۇ بەكىر:
”ئۇلارغا
ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى قالدۇردۇم.“ دەپ
جاۋاپ بەردى.» [بۇ
ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان: 1678]
بۇ ھەقتە يەنە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغان مەشھۇر قىسسىلەر
بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ بىر قېتىملىق ئەسكەرلەرنى
قوراللاندۇرۇش ئىشىدا مال – دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسمىنى سەرپ قىلىۋەتكەن ئىدى،
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قارىتىپ: ”ئوسمانغا بۈگۈندىن ئېتىبارەن قىلغان
ئەمەللىرى زىيان يەتكۈزمەيدۇ“ دەپ
ئىككى قېتىم تەكرارلىغان.» [بۇ
ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ۋە غەريب ھەسەن ھەدىس دېگەن]
مۇسۇلمان تىجارەتچى قېرىندىشىم، ساڭا «مۇسۇلمان تىجارەتچى» دەپ خىتاپ قىلىشىمنىڭ
سەۋەبى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، سەن پۈتۈن ئەس- يادىنى ۋاسىتە تاللىماستىن مال- دۇنيا
توپلاشقا، كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇل – مېلىنى سۇغىرىۋېلىشقا قاراتقان كاپىر
تىجارەتچىگە ئوخشىمايسەن، ساڭا «مۇسۇلمان تىجارەتچى» دەپ خىتاپ قىلىشىمنىڭ سەۋەبى
يەنە شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، سېنىڭ ئىسلامىڭ بار، ئىمانىڭ بار؛ كۆرگەن- بىلگەنلەر،
تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىنسىز كىشىلەر تاللىغان ۋاسىتىسىنىڭ يوللۇق ياكى
يولسىز بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، پۇل- مال ئۈچۈن ھەممە يولنىڭ ئىشىكىگە مىنىپ
بېقىشتىن قاچمايدىكەن. ئۇلار ئۈچۈن مۇھىمى قوللانغان ۋاسىتىسىنىڭ ئەخلاق ۋە قىممەت
قاراشلارغا ئۇيغۇن بولۇش بولماسلىقى ئەمەس، بەلكى قانچىلىك مىقداردا بولسا بولسۇن
پۇل تېپىش ئىكەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ يەردە تىجارەتچى قېرىنداشلىرىمىزغا بەزى نەسىھەتلەرنى
سۇنماقچىمىز؛ بۇ نەسىھەتلەر ئۇلارنىڭ يوللىرىنى يۇرۇتقۇسى، خاتالىقلىرىنى
تۈزىتىۋېلىشلىرىغا ھەمدەم بولغۇسى، ئازغانلارنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈسى… ئاللاھنىڭ
يارىدىمى بىلەن سۆزۈمنى باشلايمەن:
ئەي مۇسۇلمان تىجارەتچى، مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىشىڭ زۆرۈردۇر، مۇسۇلمانلارنى
ئالدىماسلىق، ئىستېمالچىغا ئېغىر كەلمىگۈدەك دەرىجىدە پايدا ئېلىش، مالنىڭ سۈپىتى
ھەققىدە كۆپتۈرمەسلىك ئاساسىدا خېرىدارغا مەلۇمات بېرىش، مالنىڭ ئەيبىنى
يۇشۇرماسلىق قاتارلىقلار سېنىڭ كىشىلەرگە قىلىدىغان نەسىھىتىڭنىڭ بىر قىسمىدۇر.
مالنىڭ ئەيبىنى يوشۇرۇش ئالدامچىلىق بولۇپ، ئاللاھ تائالا رازى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن
باشقا مالنىڭ ئەيبىنى يوشۇرۇش سودىنىڭ بەرىكىتىنى ئۈچىرىۋېتىدۇ. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«سودا قىلغۇچى ئىككى تەرەپ ئايرىلىپ كەتمىسىلا، سودا ئىختىيارلىق بىلەن بولىدۇ.
ئەگەر ئىككى تەرەپ راست سۆزلىسە ۋە مالنىڭ ئەيبىنى يوشۇرمىسا ئۇلارنىڭ سودىسىدا
بەرىكەت بولىدۇ. ئەگەر يالغانچىلىق قىلسا ۋە مالنىڭ ئەيبىنى يوشۇرسا سودىسىنىڭ
بەرىكىتى يوق بولۇپ كېتىدۇ». [بىرلىككە
كەلگەن ھەدىس. بۇخارى: 2110، مۇسلىم: 1532]
كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا چاقىرىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنى
تاشلىما، بۇنداق قىلىش ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىدۇر. بۇيرىغان،
توسىغان ئىشلىرىڭ ۋە دەۋەتلىرىڭ مۇلايىم ۋە گۈزەل سۆزلەرنى قىلىش ئاساسىدا ئىشقا
ئاشسۇن، سېلىق سۆزلەشنى ئۇنۇتما؛ چۈنكى سىلىق سۆز تاقىلىپ قالغان قەلبلەرنىڭ
ئىشىكىنى ئاچىدۇ. دەۋەت قىلىشنىڭ يوللىرى كۆپتۇر. مەسىلەن، دۇككىنىڭغا كەلگەن
كىشىگە ئاللاھنى خاتىرلىتىش، دىنى كىتاب، لىنتا قاتارلىقلارنى تارقىتىش...
ۋەباشقىلار.
كىشىلەرگە راست سۆزلىشىڭ ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭ شەرت؛ ئاللاھتىن قورققان،
كىشىلەرگە راست سۆزلىگەن ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا
ئېرىشىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنى مەخلۇقاتلىرىغا ياخشى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا
ئويلىمىغان يەردىن رىزق بېرىدۇ.
سەندىن بىر نەرسە سېتىۋېلىپ، ئارقىدىن پۇشايمان قىلغان كىشىلەرنى ئەپۇ قىلغىن؛
چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەر بىر نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلىشى،
قايغۇرىشى، سېتىۋالمىغان بولسامچۇ، دەپ كېتىشلىرى مۇمكىن. ئەنە شۇنداق كىشىلەر
سېنىڭ يېنىڭغا سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى ساق- سالامەت قايتۇرۇپ ئەكەلسە، ئۇلارنىڭ بۇ
قىلمىشىنى كەچۈرگىن، پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرگىن، ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلگەن مالنىڭ
پۇلىغا ئۆزلىرىنىڭ سېتىۋېلىش ئىستىكى بولمىغان باشقا بىر نەرسىنى سېتىۋېلىشقا
مەجبۇرلىمىغىن. سەندىكى دۇنيا سۆيگۈسى كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىدىن يۇقىرى ئورۇنغا
چىقىۋالمىسۇن، شۇنى بىلگىنكى، سەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ پايدا كەلتۈرىسەن، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«كىمكى بىر مۇسۇلماننى ئەپۇ قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.» [بۇ
ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان: 3460]
ئېلىم – سېتىمدا كەڭ قۇرساق بولغىن، قېيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ئېتىبار قىل،
ئۇنىڭغا ھەمدەم بول. ئاللاھمۇ سەن ئاللاھنىڭ يارىدىمىگە موھتاج بولغان ئەڭ ئېغىر
دەقىقىلەردە ساڭا ياردەم قىلغۇسى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«بىر نەرسە ساتقاندا ۋە بىر نەرسە ئالغاندا، قەرز سۈيلىگەندە كەڭ قورساق بولغان
ئادەمگە ئاللاھ رەھىم قىلسۇن.» [ئىمام
بۇخارىي:2076]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە
قەرز بېرىپ تۇرىدىغان بىر ئادەم بولۇپ ئۇ خىزمەتكارىغا (قەرز سۈيلەپ بارغاندا)
ئەگەر قىيىنچىلىقى بار ئادەمنىڭ قېشىغا بارساڭ ئۇنىڭدىن قەزرنى كەچۈرۋەت، ئاللاھمۇ
بىزنى كەچۈرۋەتسە ئەجەپ ئەمەس دەيتتى. كېيىن ئۇ كىشى ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقاندا
ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرىۋەتتى.»
[ئىمام بۇخارىي: 2078، مۇسلىم:1562]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«قانداق بىر كىشى قىيىنچىلىقى بار ئادەمگە قەرزنىڭ ۋاقتىنى سۈرۈپ بەرسە ياكى
كەچۈرۋەتسە، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ سايىسىدىن باشقا سايا يوق كۈندە ئۇ كىشىگە
ئەرشىنىڭ ئاستىدىن سايە بېرىدۇ.» [بۇ
ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان: 3014]
مال- مۈلكىڭنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلغىن، ئۇ سېنىڭ ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر،
زاكاتنى ئادا قىلساڭ پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىلغان بولىسەن، مېلىڭنىڭمۇ بەرىكىتى
بولىدۇ، ئەگەر بويۇنتاۋلىق قىلساڭ ئاللاھنىڭ ھەققىنى گەدىنىڭگە ئالغان بولىسەن،
مېلىڭنىڭمۇ بەرىكىتى ئۆچۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مال- دۇنيارىڭ سېنىڭ ئۈچۈن دۇنيا
ۋە ئاخىرەتلىك ئاپەتكە ئايلىنىدۇ، ئالتۇن- كۈمۈشتىن خەزىنىسى بولۇپ، ھەققىنى ئادا
قىلمىغانلار قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغان بولسا، سەنمۇ شۇ خىل ئاقىۋەتكە
قالىسەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
]وَالَّذِينَ
يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ وَلاَ يُنفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ اللّهِ
فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ . يَوْمَ يُحْمَى عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ
فَتُكْوَى بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ هَـذَا مَا كَنَزْتُمْ
لأَنفُسِكُمْ فَذُوقُواْ مَا كُنتُمْ تَكْنِزُونَ[
]ئالتۇن
- كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان)
قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن -
كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پىشانىلىرى، يانلىرى
ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا:
”بۇ
سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن – كۈمۈشۈڭلار ( سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى
ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن - كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى
تېتىڭلار“ دېيىلىدۇ.[ [سۈرە
تەۋبە 34 ـ 35 ـ ئايەتلەر]
شۇنىمۇ بىلگىنكى، مېلىڭنىڭ زاكىتىنى – ئاللاھنىڭ ئۈستۈڭدىكى ھەققىنى- ئادا
قىلماسلىقىڭ تۈپەيلى، ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان بولىسەن؛ چۈنكى
سەن يامغۇرنىڭ ياغماسلىقىغا سەۋەب بولۇپ قالىسەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق
دەيدۇ:
«مېلىنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەنلەر ئاسماندىن يامغۇرنىڭ يېغىشىغا تۇسالغۇ بولۇپ قالىدۇ،
ھايۋاناتلار بولمىغىنىدا ئىدى، يامغۇر ياغمىغان بولاتتى.» [ئىبنى
ماجە:4019، ئەلبانى بۇ ھەدىسنى «ھەسەن» دېگەن: 3262.]
ئاللاھنىڭ يولىغا پۇل- مال سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈڭگە پايدا يەتكۈزگىن؛ قاچانكى
مېلىڭنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تېپىشقا قاراتساڭ، ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلساڭ،
ئۆزۈڭگە ياخشىلىق قىلغان بولىسەن ۋە پەرۋەردىگارىڭغا يېقىنلىشىسەن، مېلىڭنىڭ ئاللاھ
يولىدا سەرپ قىلغىنىڭدىن باشقىسى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى شىخخىر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ،
«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: تەكاسۇر
سۈرىسىنى ئوقۇۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
”ئادەمنىڭ
بالىسى: مېنىڭ مېلىم، مېنىڭ مېلىم، دەيدۇ. ئى ئىنسان! پەقەت ئۇ ماللىرىڭنىڭ ئىچىدىن
يەپ تۈگىتىۋالغىنىڭ ياكى كىيىپ چىرىتىۋالغىنىڭ ۋە ياكى سەدىقە بېرىپ (ئاخىرەت
ئۈچۈن) ئەۋەتىۋالغىنىڭلار سېنىڭدۇر“ دېدى.» [بۇ
ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان: 1631]
تۆت تەڭگە پۇل ئۈچۈن نامازنى قولدىن بىرىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلە؛ چۈنكى دۇنيا
ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا پاشىنىڭ قانىتىچىلىكمۇ بىر نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. نامازغا ئەزان
ئۇقۇلغان ھامان ئۆتكۈنچى دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرىنى چۆرىۋەتكىن-دە، ئەبەدىيلىك
ئاخىرەت مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاتلانغىن. كىمكى سودا- سېتىققا ئەھمىيەت
بىرىپ، نامازنى ئېتىبارسىز قالدۇرىدىكەن، گۇناھكار بولىدۇ، ھارام ئىش قىلغان
بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
]يَا
أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِي لِلصَّلَاةِ مِن يَوْمِ
الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ذَلِكُمْ خَيْرٌ
لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ[
]ئى
مۆمىنلەر!جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە
خۇتبىسنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم -
سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.[ [سۈرە
جۇمۇئە، 9-ئايەت] بۇ
ھۆكۈم يالغۇز جۈمە نامىزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى نامازنىڭ ۋاقتىدا قىلىنىشىغا سەۋەپ
بولىدىغان ھەر قانداق تىجارەت ئۈچۈن كۈچكە ئىگە.
ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلىگىن. ئالدامچىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى
بويىچە مۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ:
«كىمكى ئالدامچىلىق قىلىدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس.» [بۇ
ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان:102]
ئالدامچىلىقنىڭ گۇناھى كەبىرە (ئېغىر گۇناھ) قاتارىغا كىرىدىغانلىقىدا گەپ يوق.
ئالدامچىلىقنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، باشقىلارغا قارىغاندا تىجارەتچىلەر بۇنى
ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ئاللاھ سىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر، شۇڭا تىجارەت بىلەن
شۇغۇللىنىدىغان ئىنسان سىرلار ئېچىپ تاشلىنىدىغان كۈندىن ھەزەر ئەيلىشى لازىم.
دۇنيادا مەخپىي قالغان ئىشلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئاشكارا بولىدۇ.
جازانىدىن ھەزەر ئەيلە؛ جازانە ئەڭ ناچار مال بولۇپ، ئەڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ
بارىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
]يَمْحَقُ
اللّهُ الْرِّبَا وَيُرْبِي
الصَّدَقَاتِ وَاللّهُ لاَ يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ[
]ئاللاھ
جازانىنىڭ (بەرىكىتىنى) ئۈچۈرۈۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ (بەرىكىتىنى) زىيادە قىلىدۇ.
ئاللاھ ھەر بىر ناشۈكۈر (يەنى جازانىنى ھالال سانىغۇچى) گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ.[ [سۈرە
بەقەرە، 276-ئايەت]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ]الَّذِينَ
يَأْكُلُونَ الرِّبَا لاَ يَقُومُونَ إِلاَّ
كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ
قَالُواْ إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا وَأَحَلَّ اللّهُ الْبَيْعَ
وَحَرَّمَ الرِّبَا فَمَن جَاءهُ مَوْعِظَةٌ مِّن رَّبِّهِ فَانتَهَىَ فَلَهُ
مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللّهِ وَمَنْ عَادَ فَأُوْلَـئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ
هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ[
]جازانە،
ئۆسۈم يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ
ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال
بىلىپ
”سودا-
سېتىق، جازانىگە ئوخشاش (جازانە نېمىشقا ھارام بولىدۇ؟)“ دېدى.
ئاللاھ سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخىسكە ۋە
جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن
ۋەز - نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن)
يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ (يەنى
ئاللاھ خالىسا ئۈنى كەچۈرىدۇ، خالىسا جازالايدۇ). قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى
دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.[ [سۈرە
بەقەرە، 275-ئايەت]
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق
دېگەن:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جازانە ئالغۇچى ۋە جازانە بەرگۈچىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ
گۇۋاھچىسى ھەم خاتىرلىگۈچىگە لەنەت قىلدى.» [بۇ
ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان: 1598]
جازانىنىڭ تۈرلىرى كۆپتۇر. سەن بۇ خىل ۋاسىتىنى پالانى- پۇكۇنىلارنىڭ قوللانغىنىنى
باھانە قىلما، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتقاندەك جازانىنىڭ ھۆكمىنى ئىلىمدا
يېتىشكەن ئۆلىمالاردىن سورىغىن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
]ئەگەر
(بۇنى) بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن سوراڭلار.[ [سۈرە
ئەنبىيا، 7-ئايەت] ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋالىرىغا ئېتىبارسىز قاراشتىن ھەزەر ئەيلە،
ئەگەر ياخشى ئاقىۋەتكە دۇچار بولاي دېسەڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قۇتقۇزغىن.
ئەييىنە شەكلىدە بىر نەرسە سېتىشتىن ھەزەر ئەيلە. بۇنداق قىلىشنى پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام چەكلىگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«ئەييىنە شەكلىدە مال ساتساڭلار، كالىنىڭ قۇيرىقىغا ئېسلىپ، تېرىقچىلىق بىلەن بولدى
قىلساڭلار، جىھادنى تاشلاپ قويساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەرگە شۇنداق
بىر خارلىقنى ھۆكۈمران قىلىپ قويىدۇكى، تاكى سىلەر دىنىڭلارغا قايتمىغۇچە ئاللاھ ئۇ
خارلىقنى ئۈستۈڭلاردىن كۆتىرىۋەتمەيدۇ.» [ئەبۇ
داۋۇد: 3462، بۇ ھەدىسنى ئەلبانى سەھىھ دېگەن]
ئەييىنە: بىر كىشىنىڭ مۇئەييەن مالنى ئىككىنچى بىر كىشىگە نىسى سېتىپ، ئارقىدىن
مالنى ساتقان كىشىنىڭ سېتىۋالغۇچىدىن ئەرزان باھادا نەخ پۇلغا سېتىۋېلىشىنى
كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىر كىشى ماشىنىسىنى ئىككىنچى بىر كىشىگە نىسى 20 مىڭ سومغا
ساتقاندىن كېيىن، ماشىنىنى نەخ 15 مىڭ سومغا يەنە ئۆزى سېتىۋالىدۇ. ئوتتۇرىدىكى 5
مىڭ سوم مۇددەت توشقانغا قەدەر دەسلەپ سېتىۋالغان كىشىنىڭ قەرزى بولۇپ قېلىۋىرىدۇ.
بۇنداق قىلىش جازانە يېيىش ئۈچۈن قوللىنىلغان ھىيلە بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇنداق
قىلىش گوياكى نىسى دەرھەمنى نەخ دەرھەمگە پەرقلىق باھادا سېتىش بىلەن ئوخشاشتۇر.
ئوتتۇرىدىكى مالنى ھىلىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا دەسمايە قىلغان. [سالىھ ئەلفەۋزان،
مۇلەخخەسۇل فىقھى، 2-جىلد، 13-بەت.]
پايدىسى ھارام ياكى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان سودا- سېتىقتىن
ھەزەر ئەيلە. بۇنداق سودا قىلىش ھارامدۇر، گۇناھ ۋە زۇلۇمغا يارىدەملىشىشتۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
]وَلاَ
تَعَاوَنُواْ عَلَى الإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ[
]گۇناھقا
ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار[ [سۈرە
مائىدە، 2-ئايەت]
بۇ خىل تىجارەتنىڭ دائىرىسىگە ھاراق، چالغۇ ئەسۋاپلىرى، تاماكۇ ۋە بۇلارغا ئوخشىغان
سېتىشى چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىرىدۇ.
مەيلى ساتقان ياكى سېتىۋالغان بولسۇن، قېرىندىشىڭنىڭ سودىسىنى بۇزما، بۇنداق قىلىش
مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۆچ- ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چاچىدۇ، چېچىلاڭغۇلىقىغا سەۋەپ
بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل سودا ھارامدۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«سىلەردىن بەزىڭلار ـ بەزىڭلارنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودا قىلمىسۇن.» [بۇ
ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان:2139]
ساتقان كىشىنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودا قىلىشنىڭ مىسالى، ئەھمەد ئۆمەردىن بىر
ماشىنىنى ئون مىڭ سومغا سېتىۋالغاندىن كېيىن باشقا بىرسى كېلىپ، مەن ساڭا بۇنىڭدىن
ياخشى، سۈپەتلىك ماشىنىنى توققۇز مىڭ ياكى سەككىز مىڭغا بىرەي، دەپ سودىنى
بوزغىنىغا ئوخشاش بىر ئىشتۇر.
سېتىۋالغان كىشىنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودا قىلىش. مىسالى، ئەھمەد ئۆمەرگە بىر
مالنى توققۇز سومغا ساتقاندىن كېيىن بىر كىشى كېلىپ، مالنى ساتقۇچى ئەھمەتكە مالنى
ماڭا بەرگىن، مەن ئون سوم بىرەي، دەپ سودىنى بۇزغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش بولۇپ،
بۇلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر.
يالغان خېرىدار ياللاش ئارقىلىق مال باھاسىنى قەستەن ئاشۇرىۋېتىشتىن ھەزەر ئەيلە.
بۇنداق قىلىش زۇلۇمدۇر، دۈشمەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق
دېگەن:
«گۇمان قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار، چۈنكى گۇمان قىلىش بولسا سۆزلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ
يالغىنىدۇر، ھەسەت قىلىشماڭلار، ئۆچمەنلەشمەڭلار، جاسۇسلۇق قىلىشماڭلار، بىر ـ
بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەشمەڭلار، مال باھاسىنى قەستەن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار(يەنى
يالغاندىن خېرىدار ياللىماڭلار) ۋە اﷲ نىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار.»
[ئىمام بۇخارىي:6066]
مال ئىگىسىنىڭ يالغاندىن «بۇ مالنى مانچىگە بەردىم» ياكى «مانچىگە سېتىۋالدىم»
دېيىشىمۇ بۇ دائىرىگە كىرىدۇ.
يەنە مال ئىگىسىنىڭ «مانچىگە كەلمىسە ساتمايمەن» دېيىش ئارقىلىق خېرىدارنىڭ ئۆزى
دېگەن باھاغا يېقىنلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشمۇ بۇ دائىرىگە كىرىدۇ.
مەسىلەن، نورمالدا بەش سومغا ساتىدىغان بىر مالنى ئون سومغا ساتىمەن دېيىش ئارقىلىق
خېرىدارنىڭ ئون سومغا يېقىن بىر باھادا سېتىۋىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
دۇنيانىڭ ئەرزىمەس ماتالىرى ئۈچۈن يالغان قەسەم ئىچمە. بۇنداق قىلىش كىشىلەرنىڭ
مال- مۈلكىنى ناھەق يىۋېلىش ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتۇر. ئۆزەڭنى ئاللاھنىڭ ساڭا
غەزەپ قىلىشىدىن ساقلاپ قالغىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«مۇسۇلماننىڭ مېلىنى ناھەق ئېلىۋېلىش ئۈچۈن يالغان قەسەم قىلغان كىشى گۇناھكار
بولىدۇ ۋە ئاللاھ تائالا بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەن مۇلاقات بولىدۇ.» [ئىمام
بۇخارىي: 2357، مۇسلىم:138]
يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«تىجارەتتە كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى قەسەم تىجارەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ،
بىراق بەرىكەتنى يوقىتىدۇ.» [ئىمام
مۇسلىم:1067]
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
«”ئاخىرەت
كۈنى، ئاللاھ ئۈچ تۈرلۈك ئادەملەرگە گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى
گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ“ دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى، ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ: ئۇلار تۈگەشتى، ئۇلار زىيان تارتتى، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار زادى
قانداق ئادەملەر؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
”ئىشتىننى
ئۇزۇن قىلىۋالغان ئادەم، مىننەتخور ئادەم، ئۆزىنىڭ مېلىنى يالغان قەسەم ئىچىپ
ساتقان ئادەم“ دېدى.»
[ئىمام
مۇسلىم:106]
مۇسۇلمانلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈشتىن ھەزەر ئەيلىگىن. مۇسۇلمانلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈش
ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغان چاغدىكى ئەڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدىغان ئىشتۇر.
شۇنداق تىجارەتچىلەر باركى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاياللىرى خۇسۇسىدا ئاللاھتىن
قورقمايدۇ. ئۇلارنى ئالداشقا، ئىندەككە كەلتۈرۈشكە، ئاخىرىدا ئارزۇ قىلغان
نەرسىلىرىگە ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن ھەزەر ئەيلىگىن، ئاللاھ
كۆزدىن قاچقان، ھەتتا قەلبتىكى ئىشلارنىمۇ ناھايىتى ياخشى بىلگۈچى زاتتۇر.
ئاللاھتىن قورققىن، ئەي تىجارەت قىلغۇچى كىشى، ئەگەر سەندە مۇشۇنداق ئەھۋاللار
بولسا. بىلگىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىپپىتىگە تىگىش ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مۇنداق دەيدۇ:
«سىلەرنىڭ قېنىڭلارنى بىر ـ بىرىڭلار ئابرۇيىڭلارنى تۆكۈشىڭلار، ماللىرىڭلارنى
ناھەق يەۋېلىشىڭلار خۇددى مۇشۇ كۈن، مۇشۇ ئاي شەھەرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىق ھارام
قىلىنغاندەك ھارام قىلىندى.» [ئىمام
بۇخارىي:67، مۇسلىم:1679]
مۇسۇلمانلارنى رەنجىتىشمۇ ھارامدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
]وَالَّذِينَ
يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ
بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَاناً وَإِثْماً
مُّبِيناً[
]مۆمىنلەر
ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى
ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ.[ [سۈرە
ئەھزاب، 58-ئايەت]
مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىغا پىتنە- پاسات ۋە گۇناھ سادىر قىلىشقا سەۋەپ بولۇپ
قالىدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرمىگىن، ئۇنىڭ گۇناھى ساڭا بولىدۇ. بۇنداق قىلىش
مۇسۇلمانلارنى ئالداش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلماسلىق قاتارىغا كىرىدۇ.
مەسىلەن، ئەۋرەت جايلار ئېچىلىپ قالىدىغان كىيىملەر، ھارام ياكى شۇبھىلىك
ئىچىملىكلەر، سېرىق فىلىملەر، يالىڭاچ رەسىملەر... ۋەباشقىلارنى ئەكەلمىگىن.
ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش يولىدا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، مۇباھ نەرسىلەرنىمۇ
سېتىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلە. مەسىلەن، ھاراق ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئادەمگە مېۋە سۈيى،
گۇناھسىز بىر ئىنساننى ئۆلتۈرۈپ قويۇش ئېھتىماللىقى بولغان بىر كىشىگە قورال-
ياراق، ناخشا- مۇزىكا ياكى ناچار گەپ- سۆزلەرنى كۆچۈرۈپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار
ئادەمگە سىنئالغۇ، ئۇنئالغۇ لىنتىلىرى... قاتارلىقلارنى ساتمىغىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى
ئاللاھ تائالانىڭ
«گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار»
ئايىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ.
تارازا- ئۆلچەمدە كەم- زىيادە قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىگىن. بۇ ھەقتە سۈرە نازىل بولغان
بولۇپ، سۈرىنىڭ بېشىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
]وَيْلٌ
لِّلْمُطَفِّفِينَ
✽ الَّذِينَ
إِذَا اكْتَالُواْ عَلَى النَّاسِ يَسْتَوْفُونَ
✽ وَإِذَا
كَالُوهُمْ أَو وَّزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ
✽ أَلَا يَظُنُّ
أُولَئِكَ أَنَّهُم مَّبْعُوثُونَ
✽ لِيَوْمٍ
عَظِيمٍ
✽ يَوْمَ
يَقُومُ النَّاسُ
لِرَبِّ الْعَالَمِينَ[
](ئۆلچەمدە
ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي!. ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق
ئالىدۇ. كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ. ئۇلار بۈيۈك بىر
كۈندە تېرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ. ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا تىك تۇرىدۇ.[ [سۈرە
مۇتەففىفىن1ـ 5-ئايەتكىچە]
قايسى خىل شەكىلدە بولۇشتىن قەتئىي نەزەر كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلىگىن.
بۈگۈنكى كۈندە سودا مەركەزلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرىلىۋاتقان مۇسابىقىلەرنىڭ
كۆپىنچىسى كىشىلەرنى ئالداش، مال- مۈلكىنى قاقتى- سوقتى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى
خېرىدارنىڭ كۆرگەزمە قىلىنغان مۇكاپاتلارنىڭ بىرىگە ئېرىشىپ ئارزۇسىدا يانچۇقىدىكى
پۇلغا ئېھتىياجى بولمىغان بىر نەرسىنى سېتىۋېلىپ قالىدۇ. بۇ ئارزۇنىڭ ئەمەلگە
ئېشىشىمۇ ئاشماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەي تىجارەتچىلەر، سودىگەرلەر كىشىلەرنى يىۋېلىشتىن
ئاللاھتىن قۇرقۇڭلار.
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىن (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن) دىن مۇنداق
بىر سوئال سورالغان. سوئالنىڭ تېكىستى:
«كىشىلەرگە
”مۇئەييەن
مۇددەت ئىچىدە مەندىن ماشىنا سېتىۋالغانلار بىر نۇمۇرغا ئىگە بولىدۇ، كېيىن بۇ
نۇمۇرلار ئۈچۈن چەك تارتىلىدۇ. كىمنىڭ نۇمۇرى چىقىپ قالسا، قىممەتلىك مۇكاپاتقا
ئېرىشىدۇ“ دەپ
ئېلان قىلسا جائىز بولامدۇ؟ مەن بۇ ئارقىلىق مېلىمنى سېتىشىمنى ۋە خېرىدارلىرىمنى
كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلىمەن، بۇ ھەقتە پەتىۋا بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ سىلىنى
ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن.»
جاۋاپ: «بۇنداق قىلىش جائىز ئەمەس، چۈنكى بۇنداق قىلىش قىمار ياكى قىمارغا ئوخشاپ
كېتىدىغان بىر خىل ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
]يَا أَيُّهَا
الَّذِينَ آمَنُواْ إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالأَنصَابُ وَالأَزْلاَمُ
رِجْسٌ مِّنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ[
]ئى
مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش،قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار)
غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر،
بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار.[ [سۈرە
مائىدە، 90-ئايەت]. قىمار قاتناشقان كىشىلەر ئىچىدە ئۇتىدىغان ۋە ئۇتتۇرىدىغانلار
بولغان ھەرقانداق ئىشتۇر. فىقھى ۋە فەتاۋا ئەلبۇيۇئ: 414-بەت]
سودىگەر قېرىندىشىم:
سېنىڭ قولۇڭدىكى بۇ ماللار باشقا يەردىن ئەمەس، پەقەت ئاللاھنىڭ پەزلى، ئىنايىتى،
مەرھەمىتى ۋە مۇۋەپپەق قىلىشى ئارقىسىدا قولۇڭغا كەلگەندۇر. ئاللاھنىڭ بۇ
نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغىن، نانكۆرلۈك قىلمىغىن، سەنمۇ قەسەس سۈرىسىنىڭ
78-ئايىتىدىكى
«مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېگەن كىشىنىڭ
قاتارىغا كىرىپ قالمىغىن. بۇ خىل نېمەتكە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ يولى ئۇنىڭغا
ھالال يول ئارقىلىق ئېرىشىش، ھالال يەردە قويۇش ۋە ھالال ئورۇنغا ئىشلىتىشتۇر.»
ئاخىرىدا ئاللاھ تائالادىن ئۆزەمنىڭ، سىلەرنىڭ، شۇنىڭدەك بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ
بارلىق خاتالىقلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىنى، قولۇڭدىكى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى
ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش يولىدىكى ئەڭ ياخشى يارىدەمچىگە ئايلاندۇرۇپ بېرىشىنى،
ماللىرىڭنى ۋە بالىلىرىڭنى بەرىكەتلىك قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمەن. ئاللاھ تائالا بۇ
ئىشلارنىڭ ھەممسىگە قادىردۇر.
سبحانك اللهم وبحمدك أشهد أن لا إله إلا أنت، استغفرك وأتوب إليك، وصلى الله وسلم
وبارك على نبينا محمد وعلى آله وصحبه أجمعين، وآخر دعوانا أن الحمد لله رب العالمين.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئا. قارلۇقى |