بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى ئالماشتۇرۇش | силавийәнчә

 

 

   

پەرزەنتلىرىمىز ۋە مەسئۇلىيەت روھى

مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلمۇنجىد

ئاللاھقا ھەمدۇسانا، پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارنى دوست تۇتقانلارغا دۇئا ۋە سالام يوللايمەن.

كۆپىنچە كىشىلەر پەرزەنتلىرىدە كۆرىلىۋاتقان لىڭتاسمىلىق، ئەيش- ئىشرەتكە بېرىلىش قاتارلىقلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەرلىك روھىنى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى قانداق يېتىلدۈرىمىز؟ بۇ سوئال دەۋرىمىزدىكى پەرزەنت تەربىيىلەش ساھەسى دۈچ كېلىۋاتقان ئەڭ قېيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىسلامچە ئۇسۇلى ۋە شەرئىي كۆرسەتمىلىرىدىن بىر قانچىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

سەبىلەرگە چوڭلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش

مەسىلەن، پەرزەنتلەرنى چاقىرغاندا گويا چوڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرىش؛ بۇنداق قىلىش ئۇلاردىكى مەسئۇلىيەت روھىنى غىدىقلاشقا پايدىلىقتۇر. پەرزەنتلەر ئۆزىنى چوڭلاردەك ھېس قىلىدۇ-دە، يېتىلىشىگە كۈچ قېتىلىدۇ، ھېس- تۇيغۇسى نورمالدىكى بالىلىق سەۋىيىسىنىڭ بىر بالداق ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ، ئۆزىگە چوڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنغانلىقىنى روشەن ھېس قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىچىكلەرنى چوڭلارنىڭ ئىسمىدا چاقىراتتى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل كىشى ئىدى. مېنىڭ ئەبۇ ئۇمەير ئىسىملىك بىر قېرىندىشىم بار ئىدى – سۇتتىن ئايرىلغان چاغلىرى بولسا كېرەك- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلگەن چاغلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەي ئەبۇ ئۇمەير، ھەي ئەبۇ ئۇمەير، فۇغەير (بۇلبۇلنىڭ چۈجىسى) نېمە قىلىۋاتىدۇ، دەپ تاماشا قىلاتتى.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان:5735]

سەئىد ئۇممۇ خالىدتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كىيىملەر كەلتۈرۈلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك تۆت بۇرجەكلىك قارا كىيىم بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ: «مۇشۇنى (بىرەرسىگە) كىيدۈرۈپ قويساق قانداق قارايسىلەر؟» دېۋىدى، كىشىلەر جىم تۇردى. رەسۇلۇللاھ: «مېنىڭ يېنىمغا ئۇممۇ خالىدنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېۋىدى، ئۇ كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېلىندى. رەسۇلۇللاھ «تۆت بۇرجەكلىك قارا كىيىمنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ قويۇپ: كونارتىۋېتىڭ (كىيىم كونىرىسۇن، سىز سالامەت بولۇڭ)، ئۈزۈۋېتىڭ» دېدى. ئۇ كىيىمدە يېشىل ياكى سېرىق بەلگىسى بار ئىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ھەبەش تىلى بىلەن: «ئى ئۇممە خالىد، بۇ سەنناھ، سەنناھ، يەنى چىرايلىق، چىرايلىق» دېدى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان: 5375]

ئاممىۋى سورۇنلارغا بىرگە ئېلىپ بېرىپ، چوڭلار بىلەن بىر قاتاردا ئولتۇرغۇزۇش

بۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى بېيىيدۇ، ئەقلى دائىرىسى كېڭىيىدۇ، چوڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. ئۇيۇن – تاماشاغا بىرىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. ساھابىلەر پەرزەنتلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبەتلىرىگە ئېلىپ باراتتى. مەسىلەن، مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرغاندا يېنىدا ساھابىلىرىدىن بىر كىشى ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنىڭ كىچىك بىر ئوغلى بولۇپ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كىلەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يېنىدا ئولتۇرغۇزاتتى.» [ئىمام نەسەئىي رىۋايىتى]

ئۆتمۈشتىكىلەرنىڭ قەھرىمانلىقلىرى، ئىسىلامىي ئۇرۇشلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىلىرىنى ھېكايە قىلىپ بېرىش

بۇ تۈر ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەندە ئۇلارنىڭ جەسۇرلۇق روھى يېتىلىدۇ. جەسۇرلۇق مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتىدۇر. زۇبەر ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ بىرىنى بەزى ئۇرۇشلارغا شاھىت قىلدى، يەنە بىرى بولسا دادىسىنىڭ دۇلىسىدىكى كونا جاراھەتلەرنىڭ ئىزلىرىنى ئويناپ ئولتۇراتتى. ئۇرۋە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «يەرمۇك ئۇرۇشى كۈنى ساھابىلەر زۇبەيرگە: باشلامچى بولساڭ مۇشرىكلارنىڭ سېپىگە ھۇجۇم قىلمايمىزمۇ؟ دېدى. زۇبەير: مەن ھۇجۇم قىلسام، سىلەر مېنى مات قىلىسىلەر، ېدى. ئۇلار: سېنى مات قىلمايمىز، دېدى. زۇبەير مۇشرىكلارغا ھۇجۇم قىلىپ ھەتتا سەپلەرنى يېرىپ، ئىچىگە كىردى. قاراپ باققۇدەك بولسا، ئۆزى يالغۇزلا ھۇجۇم قىلغان، قالغانلار يوق، شۇنىڭ بىلەن ئارقىغا ئۆرۈلۈپ چېكىندى. شۇ چاغدا، ئۇلار ئېتىنىڭ يۈگىنىنى تۇتۇۋېلىپ، قىلىچ بىلەن دولىسىغا ئىككىنى ئۇرۇۋەتتى. بەدىر ئۇرۇشىدا قىلىچ بىلەن ئۇرۇلغان يارىسى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلەتتى. مەن كىچىك چېغىمدا بارماقلىرىمنى يارىلىرىغا تىقىپ ئوينايتتىم. ئۇرۋە يەنە مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى زۇبەير بىلەن ئوغلى ئابدۇللا بار ئىدى. ئۇ ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنى بىر ئادەمگە تاپشۇرۇپ قويۇپ مۇشرىكلارغا ئاتلىق ھۇجۇم قىلدى.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان: 3678]

چوڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىش

ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلىنغان مونۇ ھەدىسمۇ بۇ دائىرىگە كىرىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىچىكلەر چوڭلارغا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئولتۇرغانلارغا، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا سالام قىلىشى كېرەك. يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇلاقلىق ئادەم پىيادىگە سالام قىلىشى كېرەك، دېيىلگەن.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان: 5736]

ئولتۇرۇشلاردا كىچىكلەرنى ھۆرمەتلەش، قەدىر- قىممىتىنى قىلىش

بۇ نوقتىنى تۆۋەندىكى مىسال تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ: سەھلىبنى سەئىد رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر چىنىدە ئىچىملىك بېرىلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئىچتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر كىچىك بالا، سول تەرىپىدە ياشانغان ئادەملەر بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەي بالا، بۇ ئىچىملىكنى ياشانغانلارغا بېرىشىمگە ئىزنە قىلامسەن؟» دېگەن ئىدى، ئۇ بالا: ياق رەسۇلۇللاھ، سىلىدىن ئاشقان مېنىڭ نېسىۋەمنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرەلمەيمەن، ـ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئىچىملىكنى ئۇنىڭغا بەردى.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان: 2180]

ئۇلارغا بىر قىسىم ماھارەتلەردىن تەلىم بىرىش

سۇ ئۈزۈش، ئوقيا ئېتىش، ئات مېنىش قاتارلىقلارغا ئوخشىغان ماھارەتلەرنى ئۆگىتىش لازىم. ئەبۇ ئۇمامە ئىبنى سەھىل مۇنداق دەيدۇ: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ”پەرزەنتلىرىڭلارغا سۇ ئۈزۇشنى ئۆگىتىڭلار“ دەپ خەت يازدى.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى] 

بوشاڭلىق ۋە ھاۋايى – ھەۋەسنى كۈچلەندۈرىدىغان ئامىللاردىن يىراق تۇتۇش

بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭ ئاياللارغا ئوخشاش ئۇسۇل ئوينىشىنى، ئاياللارغا ئوخشاش بەللىرىنى تولغىشىنى ۋە يىپەك كىيىملەرنى كېيىشىنى، ئالتۇن ئىستېمال قىلىشىنى توسىشى لازىم. ئىمام مالىك مۇنداق دەيدۇ: «مەن كىچىك بالىلارنىڭ ئالتۇندىن بىر نەرسە سېلىشىنى يامان كۆرىمەن، چۈنكى، ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك سېلىشنى توسقانلىقىغا ئائىت ھەدىس يىتىپ كەلدى. مەن مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولسۇن ئەرلەرنىڭ ئالتۇن ئىشلىتىشىنى يامان كۆرىمەن.» [مۇۋەتتا مالىك]

بۇلاردىن توسۇش تۆۋەندىكىگە ئوخشاش ئىشلار ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.

1- كىچىكلەرگە سالام بىرىش. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىچىك بالىلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇلارغا سالام بەردى.» [بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان: 4013]

2- ئۇنىڭغا مەسلىھەت سېلىش، پىكرىنى ئېلىش.

3- يېشى ۋە ئىقتىدارىغا ئۇيغۇن ۋەزىپىلەرنى بېرىش.

4- ئۇلارغا سىر ساقلىتىش. بۇ ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى نوقتىلارغا مونۇ ھەدىس نەمۇنىدۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىىندۇ «مەن كىچىك بالىلار بىلەن ئويناۋاتقان ۋاقتىمدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىمغا كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە سالام بەرگەندىن كېيىن، مېنى بىر ئىشقا بۇيرىدى، بۇ ئىش بىلەن ئانامنىڭ بۇيرىغان ئىشىنى كېچىكتۈرۈپ قويدۇم. مەن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئانام: سەن نېمە دەپ ئەمدى قايتىپ كەلدىڭ؟ دەپ سورىدى. مەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېنى بىر ئىشقا بۇيرىغانلىقىنى ـ ئېيتتىم. ئانام: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نېمە كېرەككەن؟ دېدى. مەن ئۇ بىر مەخپىيەتلىكتۇر، دېدىم. ئانام: ئۇنداقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىرىنى ھېچكىمگە ئېيتما دېدى. [بۇنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان: 4533]

يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ قېشىمىزغا كەلدى ۋە بىزگە سالام بەردى، مەنمۇ ئۇ يەردىكى بالىلارنىڭ بىرى ئىدىم. ئارقىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ قولۇمدىن تارتتى ۋە مەندىن بىرسىگە ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزى مەن قايتىپ كەلگۈچە تامنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ تۇردى.» [بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان]

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بالىلار بىلەن ئويناپ يۈرەتتىم. قارىسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئارقامدا ماڭا قاراپ كېلىۋېتىپتۇ. ئىچىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەن تەرەپكە كېلىۋاتىدۇ، دېدىم-دە، ھويلىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرىنىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىمغا كەلگەنلىكىنى تۇيمايلا قاپتىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەردىنىمدىن تۇتۇپ، يىنىك شاپىلاقلاپ قويۇپ، «مۇئاۋىيەنى چاقىرىپ كەل» دېدى. مۇئاۋىيە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاتىپى ئىدى، مەن مۇئاۋىيەنىڭ قېشىغا كەلدىم ۋە «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سېنى بىر ئىش ئۈچۈن چاقىرتتى، بارغىن» دېدىم. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى] 

پەرزەنتلەردىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىدىغان بىر قىسىم يارىدەمچى ئامىللار:

1- نۆۋىتى كەلگەندە جاسارەتلىك بولۇشنى ئۆگىتىش. نۇتۇق سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرۈشمۇ بۇ دائىرىگە كىرىدۇ.

2- كىيىم- كېچەكلىرىدە شەرمى- ھايالىق بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، چاچلىرىنى ياسىتىش، مېڭىش- تۇرۇش ۋە ھەرىكەتلىرىدە ھاۋايى- ھەۋەسكە بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يىپەك كېيىملەرنى كېيىشتىن توسۇش.

3- پەرزەنتلەرنى ھاۋايى- ھەۋەستىن، ھورۇنلۇقتىن، راھەت- پاراغەتتىن، بىكارچىلىقتىن يىراق تۇتۇش. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئېغىر كۈنلەردە ياشاشنى ئۆگىنىڭلار، نېمەتلەر داۋاملىق ئوخشاش بولمايدۇ.»

4- نامۇناسىپ سورۇنلاردا، بولىمىغۇر جايلاردا، ناخشا- مۇزىكىلىق ئولتۇرۇشلاردىن يىراق تۇتۇڭلار. بۇ خىل سورۇنلار ئىنساندىكى مەسئۇلىيەت روھىنى ئاجىزلىتىپ، مەسىلىلەرگە جىددىي قارىمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

بۇلار پەرزەنتلەرنىڭ مەسئۇلىيەت روھىنى جانلاندۇرىدىغان بىر قىسىم ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەردۇر. توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچى جانابى ئاللاھتۇر.

وصلى الله على نبينا محمد وعلى آله وصحبه وسلم.

ئەسكەرتىش: قىسمەن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىندى.

ئا.قارلۇقى

ماقالىلەر سەھىپىسىگە قايتىش

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org