بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى ئالماشتۇرۇش | силавийәнчә

 

 

   

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەدەب ئەخلاقى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

قۇرئان كەرىم ـ ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك سۆزى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شانلىق مۆجىزىسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى، ئۇنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ئەمەل قىلىش بىلەن ئىككى ئالەملىك سائادەتلەرگە، ئۇنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىبادەتنىڭ ساۋابىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان بىر ئۇلۇغ كىتابتۇر. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنى كۇپرى ۋە زالالەتنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ نۇرىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ھىدايەت مەشئىلى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ]ئى مۇھەممەد! قۇرئاننى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن كۇپرىنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ئىماننىڭ نۇرىغا چىقىرىشىڭ ئۈچۈن، غالىب، ھەممە تىللاردا مەدھىيىلەنگەن ئاللاھ تائالاھنىڭ يولىغا باشلىشىڭ ئۈچۈن چۈشۈردۇق[. [سۈرە ئىبراھىم 1- ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مۇشۇ كىتاب (قۇرئان) بىلەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەرتىبىسىنى يۇقىرى قىلسا، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەرتىبىسىنى تۆۋەن قىلىدۇ.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى]

قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلسۇن ـ بىلمىسىمۇن، ئۇنىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلغان ئادەم چوقۇم ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ]شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار ھەرگىز كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر.[ [سۈرە فاتىر 29ـ 30ـ ئايەتلەر].

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇڭلار، قۇرئان كەرىم ئۆزىنى ئوقۇغانلارغا قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلغان ھالدا كېلىدۇ.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۆمىن خۇددى ئۇترۇججە دېگەن مېۋىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى تاتلىق كېلىدۇ. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۆمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، ئەمما تەمى تاتلىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇناپىق رەيھانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، ئەمما تەمى ئاچچىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇناپىق (ياۋا) خەمەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقىمۇ يوق، تەمىمۇ ئاچچىقتۇر.» [ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

ئۇ يەنە بىر ھەدىسىدە: «ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشى بىر ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بۇ بىر ساۋاب ئون ھەسسىگە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. ئەلىف، لام،مىم نى بىر ھەرپ دەپ ھېسابلىمايمەن، بەلكى ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. [ئىمام تىرمىزىي رىۋايىتى]

شۈبھىسىزكى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش تەكبىر، تەھلىل، تەسبىھ ۋە دۇئادىنمۇ ئەۋزەل ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ”قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ماڭا زىكىر ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىن مەندىن ھاجىتىنى سورالمىغان بەندەمگە، سورىغانلارغا بەرگىنىمدىنمۇ ياخشىراقىنى بېرىمەن“ دېدى. ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا سۆزلەردىن ئۇلۇغلىقى، خۇددى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن ئۇلۇغلىقىغا ئوخشاشتۇر.» [ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى].

قۇرئان كەرىمنى ئاڭلاشمۇ كاتتا ئىيادەتلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ]ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە (سۆز قىلماستىن) جىم تۇرۇڭلار[ [سۈرە ئەئراف 204 ـ ئايەت].

قۇرئان كەرىم بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ياخشى ئەمەللەرگە ياتىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ]مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا قۇرئان بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن[ [سۈرە قاف 45ـ ئايەت]. 

قۇرئاننى ئوقۇش، يادلاش، مەنىسىنى چۈشىنىش، ئۇنى باشقىلارغا ئۈگىتىش ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۈگىنىش ھەم ئەمەل قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سائادەتمەنلىرى ۋە ئەڭ سەرخىللىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەنلەردۇر» دەپ كۆرسەتكەن [ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇرئان ئوقۇشنى ئۈگىنىشكە تەشەببۇس قىلىپ مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى ماھىرلىق بىلەن ئوقۇيدىغان ئادەم ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. كۆكۈل قويسىمۇ ئۇنى تەسلىكتە قىينىلىپ ئوقۇغان كىشىگە ئىككى ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بېرىلىدۇ» [ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى].

قۇرئان ئوقۇغاندا كۆز يېشى قىلىشنىڭ پەزىلىتى چوڭدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان غەمكىنلىك بىلەن چۈشتى، ئۇنى ئوقۇغىنىڭلاردا يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇڭلار، ئەگەر يىغا كەلمىسە، ئۆزئارا يىغلىشىڭلار. ئۇنى چىرايلىق ئاھاڭدا ئوقۇڭلار. كىمكى قۇرئاننى چىرايلىق ئاھاڭدا ئوقۇمايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس.» [ئىمام ئىنبى ماجە رىۋايىتى]

ئاللاھ تائالا پەرزەنتلىرىگە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىشنى ئۈگەتكەن ئاتا ـ ئانىلارنىڭمۇ مۇكاپاتلىرىنى تولۇق بەرگۈچىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قۇرئان ئوقۇيدىكەن ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ئىش كۆرىدىكەن، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ بېشىغا قۇياشنىڭ نۇرىدىنمۇ نۇرلۇق تاجىنى كىگۈزىدۇ» [ئىمام ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى]

قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەدەپلىرى

1ـ قۇرئاننى تاھارەت بىلەن ئوقۇش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ]شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغاندۇر. ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ[. [سۈرە ۋاقىئە 77ـ 79ـ ئايەتلەر].

2 ـ قۇرئان ئوقۇشتىن بۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ]سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن[ [سۈرە نەھل 98 ـ ئايەت].

3 ـ قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇڭلار!» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بېرەر نەرسىگە قۇرئاننى يۇقىرى ئاۋازدا چىرايلىق ئاھاڭ بىلەن ئوقۇغان پەيغەمبەرگە قۇلاق سالغىنىدەك قۇلاق سالغان ئەمەس» [ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

 4- قۇرئاننىڭ مەنىسىنى بىلمىسىمۇ، ئاللاھ ماڭا سۆزلەۋاتىدۇ دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئۇنى ئىخلاس قىلىپ ئوقۇش. ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ]ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى[ [سۈرە بەييىنە 5 ـ ئايەت].

5- قۇرئان ئوقۇشنى مەئىشەتنىڭ كەسپىگە ئايلاندۇرىۋالماسلىق. پەقەت ئاخىرەتلىك ساۋابنى كۆزلەپ ئوقۇش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ]كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق.[ [سۈرە شۇرا 20 ـ ئايەت].

6ـ قۇرئاننى قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ، ئوچۇق ئوقۇش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ]قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە ـ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن[ [سۈرە مۇززەممىل 4 ـ ئايەت].

 

قۇرئان يادلاشنىڭ پەزىلىتى

قارىيلار ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك كىشىلىرىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىن يېقىن كىشىلىرى بار، قارىيلار ئاللاھنىڭ يېقىنلىرى ۋە ئالاھىدە بەندىلىرىدۇر.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلاردىن ياشانغانلارنى، قارىيلارنى ۋە ئادالەتلىك ئىش باشقۇرغۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ئاللاھنى ئۇلۇغلىغانلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.» [ئىمام ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قارىي جەننەتكە كىرسە، ئۇنىڭغا قۇرئاننى دۇنيادىكى چېغىڭدا ئوقۇغىنىڭدەك ئۇقۇغىن ۋە يۇقىرى ئۆرلە، سېنىڭ قارارگاھىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايەتنى ئوقۇپ تۈگەتكەن جايىڭدۇر، دېيىلىدۇ». [ئىمام ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى، نەسائى رىۋايىتى].

بۇ ھەدىس، قۇرئان يادلىغان كىشىنىڭ يادلىغان ھەر بىر ئايىتىگە ئاخىرەتتە بىر دەرىجە قازىنىپ، ئۇنىڭ دەرىجىسى يادلىغان ئايەتلىرىنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

قارىيلار ئاللاھ تائالانىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدە ھۆرمەتلىك كىشىلەردۇر. ئىسلام ئۇممىتى قارىيلارنى تارىختىن بويان شۇنداق ھۆرمەتلەپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نامازدا قۇرئاننى ئەڭ ياخشى ئوقۇيدىغان كىشى ئىمام بولسۇن» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «قارىيلار قېرى – ياش ھەممىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇنىڭ سۆھبەتداشلىرى ۋە كېڭەش ئەزالىرى ئىدى.» [ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئىچىدە قۇرئاندىن ھېچنەرسە بولمىغان ئادەم خۇددى خاراب بولغان ئۆيگە ئوخشايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. [ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى]

فاتىھە سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى

 

ئەبۇسەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «مەن ساڭا مەسچىتتىن چىقىشتىن بۇرۇن قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىر سۈرىنى ئۈگىتىپ قويايمۇ؟» دەپ قولۇمنى تۇتتى. بىز مەسچىتتىن چىقماقچى بولغىنىمىزدا، مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن ماڭا قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۈرىنى ئۈگىتىپ قويىمەن دېگەن ئىدىڭغۇ؟» دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ”ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين“ دۇر، بۇ سۈرە تەكرار ئوقۇلىدىغان يەتتە ئايەتتۇر ۋە ماڭا بېرىلگەن قۇرئاندۇر» دېدى. [ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى].

مۇھەممەد يۇسۇف

ماقالىلەر سەھىپىسىگە قايتىش

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org