|
سەدىقە:
پەزىلىتى ۋە تۈرلىرى
ئەلىي ئىبنى مۇھەممەد ئەددىھامى
بارلىق
مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى يىگانە ئاللاھقا خاستۇر، دۇئا ۋە
سالاملار پەيغەمبەر ۋە ئەنبىيالارنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى- پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن!
ئاللاھ
تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇيرۇق قىلغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُل لِّعِبَادِيَ الَّذِينَ آمَنُواْ يُقِيمُواْ
الصَّلاَةَ وَيُنفِقُواْ مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرّاً وَعَلانِيَةً مِّن قَبْلِ أَن
يَأْتِيَ يَوْمٌ لاَّ بَيْعٌ فِيهِ وَلاَ خِلاَلٌ﴾
«مۆمىن
بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار نامازنى ئادا قىلسۇن، ئالدى – ساتتىمۇ، دوستلۇقمۇ
بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) كېلىشتىن بۇرۇن، بىز ئۇلارغا بەرگەن مال –
مۈلۈكتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەدىقە قىلسۇن.» [ئىبراھىم سۈرىسى، 31-ئايەت]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَأَنفِقُواْ
فِي سَبِيلِ اللّهِ وَلاَ تُلْقُواْ بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ
وَأَحْسِنُوَاْ إِنَّ اللّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ﴾
«ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل - مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆزەڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار،
ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ.» [بەقەرە
سۈرىسى، 195-ئايەت]
يەنە مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ أَنفِقُواْ مِمَّا رَزَقْنَاكُم﴾
«ئى
مۆمىنلەر! سىلەرگە بىز رىزق قىلىپ بەرگەن مال- مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا)
سەرپ قىلىڭلار.» [بەقەرە سۈرىسى، 254-ئايەت]
يەنە مۇنداق دەيدۇ:
﴿أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ أَنفِقُواْ مِن طَيِّبَاتِ
مَا كَسَبْتُمْ﴾
«ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلىرىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار.»
[بەقەرە سۈرىسى، 267-ئايەت]
يەنە مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَاتَّقُوا اللَّهَ
مَا اسْتَطَعْتُمْ وَاسْمَعُوا وَأَطِيعُوا وَأَنفِقُوا خَيْراً لِّأَنفُسِكُمْ
وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ﴾
«تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار،
(ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، (ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ)
ئۆزەڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ
مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر.» [تەغابۇن سۈرىسى، 16-ئايەت]
سەدىقىنىڭ پەزىلىتىگە ئىشارە قىلىدىغان ھەدىسلەرنىڭ بىرى پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ مونۇ ھەدىسىدۇر: «ئاللاھ تائالا پات
ئارىدا ھەر بىرىڭلار بىلەن ئوتتۇرىغا تەرجىمان قويماستىن بىۋاستە سۆزلىشىدۇ. ئۇ
ئادەم ئوڭ تەرىپىگە قارىسىمۇ پەقەت ئۆزى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنىلا كۆرىدۇ. سول
تەرىپىگە قارىسىمۇ پەقەت ئۆزى ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن ئەمەللىرىنىلا كۆرىدۇ. ئۆزىنىڭ
ئالدىغا قارىسا ئالدىدىلا تۇرغان دوزاختىن باشقىنى كۆرمەيدۇ. خورمىنىڭ يېرىمىچىلىك
نەرسە بىلەن سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار. كىمكى شۇنچىلىك نەرسىنىمۇ
تاپالمىسا بىرەر ئېغىز ياخشى سۆز قىلىش بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلانسۇن.»
[بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]
سەدىقە بىرىشكە بۇيرىغان، رىغبەتلەندۈرگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر ھەققىدە ئەستايىدىل
پىكىر يۈرگۈزگەن كىشىلەر سەدىقىنىڭ پەزىلىتىگە باشقا ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتىنىڭ
يەتمەي قېلىشىنىڭمۇ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.
سەدىقىنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى
بىرىنچى: سەدىقە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانىڭ غەزىپىنى بېسىقتۇرىدۇ: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يۇشۇرۇن بېرىلگەن سەدىقە
ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى ئۈچۈرىدۇ.» [سەھىھ ئەتتەرغىيب]
ئىككىنچى: سەدىقە گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«سەدىقە گويا سۇ ئوتنى ئۆچۈرگەندەك، گۇناھلارنى
ئۆچۈرىدۇ.» [سەھىھ ئەتتەرغىيب]
ئۈچىنچى: ئىنساننى دوزاخ ئوتىدىن ساقلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«خورمىنىڭ يېرىمىچىلىك نەرسە بىلەن سەدىقە قىلىپ
بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار.»
تۆتىنچى: سەدىقە بەرگۈچى قىيامەت كۈنى بەرگەن سەدىقىسىنىڭ سايىسدا تۇرىدۇ. ئۇقبە
ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى
ئاڭلىغان ئىدىم، دەيدۇ: «كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم
چىقىرىلىپ بولغانغا قەدەر، ھەر كىم ئۆزلىرى بەرگەن سەدىقىلىرىنىڭ سايىسىدا تۇرىدۇ.»
يەزىد مۇنداق دەيدۇ: ”ئەبۇ مەرسەد خاتالىق سادىر كۈنى بىرباش پىياز ياكى بىرەر كەيك
چاغلىق بىر نەرسە سەدىقە قىلماي قالمايتتى.“ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ
سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە يوق بولغان قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ئۆز سايىسىگە
ئالىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئادەمنىڭ قاتارىدا «ئوڭ قولى
نېمىنى بەرگەنلىكىنى سول قولى بىلمەي قالغىدەك دەرىجىدە مەخپىي سەدىقە بەرگەن
كىشى.» نىمۇ تىلغا ئالغان. [ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم]
بەشىنچى: سەدىقە بەدەندىكى كېسەللەرگە داۋادۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق
دەيدۇ:
»كېسەللىرىڭلارنى
سەدىقە ئارقىلىق داۋالاڭلار.» ئىبنى
شەفىق مۇنداق دېگەن:
”ئىبنى
مۇبارەككە بىر كىشىنىڭ تىزىغا يەتتە يىلدىن بىرى بىر يارىسىنىڭ بارلىقىنى، بارلىق
دورىلارنى ئىشلىتىپ كۆرگەنلىكىنى، دوختۇرلارنىڭمۇ ساقايمايدۇ، دېگەنلىكى
ئېيتقانلىقىنى، ئىبنى مۇبارەكنىڭ ئۇنىڭغا جاۋابەن: سەن بېرىپ، سۇغا ئېھتىياجى بار
بىر يەرگە قۇدۇق كولىغىن، ئۇ يەردىن سۇ چىقىپ، سەندىن چىقىدىغان قان توختاپ قېلىشى
مۇمكىن، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئۇ كىشى ئىبنى مۇبارەك دېگىنى ئىجرا قىلىپ ساقىيىپ
كەتتى.“ [سەھىھ
ئەتتەرغىيب]
ئالتىنچى: سەدىقە قەلىبنىڭ قاتتىقلىشىپ كېتىشىگە ئوخشىغان كېسەللەرگىمۇ شىپا
بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەلبىنىڭ قاتتىقلىشىپ كەتكەنلىكىدىن شىكايەت
قىلغان بىر كىشىگە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر قەلبىڭنىڭ
يۇمشىشىنى ئارزۇ قىلساڭ مىسكىنگە تائام بەرگىن، يېتىمنىڭ بېشىنى سىلىغىن.» -
بۇ ھەدىسنى ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
يەتتىنچى: سەدىقە ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بىر قاتار بالالارنى كۆتۈرىۋېتىدۇ. يەھيا
ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق ۋەسىيەت قىلغان: «سىلەرنى سەدىقە بېرىشكە
بۇيرۇيمەن. سەدىقە بىرىشنىڭ مىسالى گوياكى، بىر كىشىنى دۈشمەنلەر ئەسىر ئېلىپ،
قولىنى بوينىغا باغلاپ، بوينىنى كېسىپ تاشلاش ئۈچۈن ھازىرلانغاندا، ئۇ كىشى: مەن
سىلەرگە ئاز- كۆپ ھەممە نەرسىنى سەدىقە قىلىمەن، دېيىشى، شۇلارنىڭ قاتارىدا
ئۆزىنىمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.» [سەھىھۇل
جامىئـ]
مەيلى گۇناھكار ياكى زالىم ھەتتا كاپىر تەرىپىدىن قىلىنغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر،
سەدىقنىڭ ئاجايىپ تەسىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن بالالارنى
كۆتۈرىۋېتىدۇ. بۇ سىناپ كۆرگەن بارلىق كىشىلەر بىلىدىغان، ئېتىراپ قىلىدىغان
ئىشتۇر.
سەككىزىنچى: بەندە ياخشىلىقنىڭ ھەقىقىتىگە سەدىقە بىرىش ئارقىلىق يېتەلەيدۇ. ئاللاھ
تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿لَن تَنَالُواْ الْبِرَّ حَتَّى تُنفِقُواْ مِمَّا تُحِبُّونَ﴾
«ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە
قىلمىغىچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر.» [ئال ئىمران
سۈرىسى، 92-ئايەت]
توققۇزىنچى: سەدىقە بەرمەيدىغان كىشىلەرنىڭ دەل ئەكسىچە، سەدىقە بەرگۈچىلەرگە
پەرىشتىلەر ھەر كۈنى دۇئا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«بەندىلەر ئۈچۈن ھەر سەھەردە ئىككى پەرىشتە چۈشۈپ،
بىرى: ئى ئاللاھ! خەيرلىك ئىشلارغا خىراجەت قىلغۇچىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن ـ
دەيدۇ. يەنە بىرى: ئى ئاللاھ بېخىلنىڭ مېلىنى يوق قىلىۋەتكىن، دەيدۇ.»
[بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]
ئونىنچى: سەدىقە بەرگۈچىنىڭ مېلى بەرىكەت تاپىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مۇنداق دەيدۇ: «سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ.» [سەھىھ
مۇسلىم]
ئون بىرىنچى: مال ئىگىسىنىڭ سەدىقە قىلغان مېلىدىن باشقا ھېچ نەرسىسى قالمايدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَا تُنفِقُواْ مِنْ خَيْرٍ فَلأنفُسِكُمْ﴾
«مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر.»
[بەقەرە سۈرىسى، 272-ئايەت]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز بىر قوي
سويغان ئىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قويدىن نېمىسى
قېلىپ قالدى؟» دېدى. مەن: قويدىن پەقەت تاغاق تەرىپى قىلىپ قالدى ، دېدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تاغاقىدىن باشقا سەدىقە قىلىنغان ھەممە يېرى ھەقىقەتەن
ئاخىرەت ئۈچۈن قېلىپ قالدى» دېدى. [سەھىھ مۇسلىم]
ئون ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا سەدىقە بەرگۈچىگە ھەسسىلەپ ئەجىر بېرىدۇ. ئاللاھ
تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿إِنَّ الْمُصَّدِّقِينَ
وَالْمُصَّدِّقَاتِ وَأَقْرَضُوا اللَّهَ قَرْضاً حَسَناً يُضَاعَفُ
لَهُمْ وَلَهُمْ أَجْرٌ كَرِيمٌ﴾
«سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ۋە ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە
بەرگۈچىلەرگە (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە بەرگۈچىلەر،
ياخشىلىق يوللىرىغا خۇشاللىق بىلەن پۇل - مال سەرپ قىلغۇچىلارغا) ھەسسىلەپ (ساۋاب)
بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زور مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىلىدۇ.» [ھەدىد سۈرىسى، 18-ئايەت]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
﴿مَّن ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللّهَ قَرْضاً حَسَناً فَيُضَاعِفَهُ لَهُ
أَضْعَافاً كَثِيرَةً وَاللّهُ يَقْبِضُ وَيَبْسُطُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ﴾
«كىمكى ئاللاھقا قەرزي ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل- مېلىنى
خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە (يەنى ئون ھەسسىدىن
يەتتە يۈز ھەسسىگىچە) كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ (سىناش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرنىڭ
رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى ) كەڭ قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى)
ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلسىلەر.» [بەقەرە سۈرىسى، 245-ئايەت]
ئون ئۈچىنچى: سەدىقە بەرگۈچى ئۈچۈن جەننەتتە «سەدىقە ئىشىكى» ئىسىملىك مەخسۇس ئىشىك
ئېچىلىدۇ.
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
«كىمكى اﷲ يولىدا جۇپ ـ جۇپى بىلەن نەرسە سەرپ قىلسا ئۇ
كىشى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن: ئى اﷲ نىڭ بەندىسى! بۇ ئىشىك ياخشىدۇر، دەپ
چاقىرىلىدۇ. ئەگەر بىر كىشى ناماز ئەھلى بولسا ناماز ئىشىكىدىن، جىھاد ئەھلى بولسا
جىھاد ئىشىكىدىن، روزا ئەھلى بولسا رەييان ئىشكىدىن، سەدىقە ئەھلى بولسا، سەدىقە
ئىشىكىدىن چاقىرىلىدۇ» دېدى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاتا ـ ئانام ساڭا پىدا
بولسۇن ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى! بىرەر كىشىنىڭ ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ بىرەرىدىن
چاقىرىلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ بىر ئادەم ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن
چاقىرىلمامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە چاقىرىلىدۇ، مەن سېنىڭ ئاشۇ
كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن. [بىرلىككە
كەلگەن ھەدىس]
ئون تۆتىنچى: قاچانكى بىر كىشى سەدىقە بىرىش- روزا تۇتۇش، جىنازىگە ئەگىشىش، كېسەل
يوقلاش قاتارلىقلارنى بىر كۈندە ئېلىپ بارىدىكەن، ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىب بولىدۇ.
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
«”بۈگۈن
ئاراڭلاردىن كىم روزا تۇتتى؟“ دەپ
سورىۋىدى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
”مەن“ دەپ
جاۋاب بەردى. ئارقىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
”بۈگۈن
ئاراڭلاردىن كىم جىنازىگە ئەگەشتى؟“ دەپ
سورىۋىدى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
”مەن“ دەپ
جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە:
”بۈگۈن
ئاراڭلاردىن كىم كېسەل يوقلىدى؟“
دەپ سورىۋىدى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
”مەن“ دەپ
جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تېپىلغان كىشى
جەننەتكە كىرىدۇ.» [بۇ
ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئون بەشىنچى: سەدىقە ئارقىلىق ئىنساننىڭ قەلبى ھېكمەت ۋە ھىدايەت نۇرى بىلەن
نۇرلىنىدۇ، قەلب ئارام تاپىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە ئاللاھ يولىدا
نەپىقە قىلغان كىشى بىلەن، بېخىللىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن مۇنداق بىر ئوخشىتىشنى
بايان قىلىدۇ: «بېخىل ئادەم بىلەن سېخى ئادەمنىڭ مىسالى
ئۈستىگە كۆكرىكىدىن بوينىغىچە ساۋۇت كىيىۋالغان ئىككى ئادەمنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ.
ئەمما سېخى ئادەم خەجلىگەنچە ئۇچىسىدىكى كىيىم كېڭىيىپ ياكى بەدىنىنىڭ ئۈستىدە
ئۇزىراپ ماڭىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ بارماقلىرىنىمۇ، يېپىپ ماڭغان ئىزلىرىنىمۇ ئۆچۈرىدۇ
(دۈشمەندىن ئەنە شۇنداق قوغدايدۇ). ئەمما بېخىل ئادەم خەجلەشنى خالىمىغانسىرى،
ساۋۇتنىڭ بىر ھەر بىر ھالقىلىرى چىرمىشىۋالىدۇ، بېخىل ئادەم تۆمۈر ساۋۇتنى
كېڭەيتىشكە ھەرقانچە ئۇرۇنسىمۇ، ئۇنىڭغا كېڭىيىپ بەرمەيدۇ (نەتىجىدە مەغلۇپ
بولىدۇ).» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]
سەدىقە قىلغۇچىنىڭ سەدىقە قىلغانچە قەلبى ئېچىلىدۇ، راھەتلەيدۇ. قانچە كۆپ سەدىقە
قىلغانچە خوشاللىقى كۈچىيىدۇ، جانلىنىدۇ. سەدىقىنىڭ يالغۇز مۇشۇ پايدىسىنىلا
ھېسابقا ئالغاندىمۇ ئىنساننىڭ تېخىمۇ كۆپ سەدىقە بىرىشى ۋە سەدىقە بىرىشكە
ئالدىرىشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفسِهِ فَأُوْلَئِكَ هُمُ المُفْلِحُونَ﴾
«ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.» [ھەشىر
سۈرىسى، 9-ئايەت]
ئون ئالتىنچى: سەدىقە- ئېھسان قىلغۇچى كىشى ئۆلىمالاردىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا
ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئەڭ مەرتىۋىلىك ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن
دۇنيادا تۆت تۈرلۈك ئادەم بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا مال ۋە ئىلىم بەرگەن، ئۇ شۇ نەرسە
ئۈستىدە ئۆز رەببىدىن قورقىدىغان، ئۆز تۇققاندارچىلىقنى يەتكۈزىدىغان ۋە اﷲ نىڭ
ئۇنىڭدىكى ھەققىنى بىلىدىغان ئادەم بولۇپ، مانا بۇ ئەڭ ئەۋزەل مەرتىبە ئىگىسىدۇر.» [ھەدىس]
ئون يەتتىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەپىقە قىلىدىغان باينى كېچىلىرى ئوقولغان
قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرما قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق
دەيدۇ: «پەقەت ئىككى تۈرلۈك ئىشقىلا ھەسەت قىلىشقا
بولىدۇ. بىرى، ئاللاھ قۇرئان ئىلمىنى ئاتا قىلغان كىشى بولۇپ، ئۇ كىشى كېچە ۋە
كۈندۈزلەردە قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدۇ. يەنە بىرى، ئاللاھ مال ئاتا قىلغان كىشى بولۇپ،
ئۇ كىشى ئۇ مالنى كېچە ۋە كۈندۈزلەردە ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ.» ئاللاھ
تائالا يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممسىنى بىر ئىنساننىڭ ئادا قىلىشىغا مۇۋەپپەق قىلسا نەتىجە
نېمە بولۇپ كېتىدۇ؟! بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ پەزلىدىن ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز.
ئون سەككىزىنچى: ئىنسان قاچانكى، مېلى ۋە جېنىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىكەن،
ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلغان، كېلىشىمنى ئىجرا
قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭغا جانابى ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتى ئىشارەت قىلىدۇ:
﴿إِنَّ اللهَ اشْتَرَى مِنَ المُؤمِنِينَ أَنفُسَهُمْ وَأَمْوَالَهُم بِأَنَ
لَهُمُ الْجَنَّةَ يُقَاتِلُونَ فِى سَبِيلِ اللهِ فَيَقْتُلُونَ وَيُقتَلُونَ
وَعداً عَلَيْهِ حَقّاً فِى التَّورَاةِ وَالإِنجِيلِ وَالقُرءَانِ وَمَنْ
أَوفَى بِعَهدِهِ مِنَ اللهِ فَاستَبشِرُواْ بِبَيعِكُمُ الَّذِى بَايَعتُم بِهِ
وَذَلِكَ هُوَ الفَوزُ العَظِيمُ﴾
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۆمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى
بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ (دۈشمەنلەرنى) ئۆلتۈرىدۇ ۋە
ئۆلتۈرۈلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەر بىلەن جىھاد قىلىپ شېھىت بولىدۇ)، (جىھاد قىلغۇچىلارغا
جەننەتنى ۋەدە قىلىش) تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان (ئاللاھنىڭ)
راست ۋەدىسىدۇر، ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ (يەنى ئاللاھتىنمۇ
ۋاپادار ئەھەدى يوق) قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار، بۇ زور
مۇۋەپپەقىيەتتۇر.» [تەۋبە سۈرىسى،111-ئايەت]
ئون توققۇزىنچى: سەدىقە كىشىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئىمانىنىڭ دەلىلىدۇر. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سەدىقە بېرىش ئىنساننىڭ
ئىمانىغا پاكىتتۇر.» - بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يىگىرمىنچى: سەدىقە مالنى پاكلايدۇ، قەسەم، يالغان، غەپلەت قاتارلىق ئىشلار
ئارىلىشىپ قالغان ناپاكلىقلاردىن تارتىپ چىقىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
تىجارەتچىلەرگە مۇنداق نەسىھەت قىلاتتى: «ئەي
تىجارەتچىلەر، سودىدا قەسەم ۋە نامۇۋاپىق سۆزلەر سادىر بولۇپ قالىدۇ. ئۇنى سەدىقە
ئارقىلىق يوق قىلىڭلار.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، نەسەئىي، ئىبنى ماجە
رىۋايەت قىلغان، سەھىھۇل جامىئـ]
سەدىقىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى
بىرىنچى: يۇشۇرۇن بېرىلگەن سەدىقە؛ چۈنكى يوشۇرۇن بېرىلگەن سەدىقە ئاشكارا بېرىلگەن
سەدىقىگە قارىغاندا ئىخلاسقا بەكرەك يېقىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿إِن تُبْدُواْ الصَّدَقَاتِ فَنِعِمَّا هِىَ وَإِن تُخْفُوهَا وَتؤْتُوهَا
الفُقَرَاءِ فَهُوَ خَيرٌ لَّكُمْ﴾
«سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپىي بەرسەڭلار ۋە
يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ، سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارغا
كەففارەت بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.» [بەقەرە
سۈرىسى، 271-ئايەت]
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتى كەرىمە ئارقىلىق سەدىقىنىڭ كەمبەغەل كىشىگە مەخپىي شەكىلدە
بېرىلىشىنىڭ سەدىقە بەرگۈچى ئۈچۈن ئاشكارا، ئېلان قىلىپ بەرگىنىگە قارىغاندا ياخشى
ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن. ئاللاھ تائالانىڭ بولۇپمۇ كەمبەغەللەرگە مەخپىي شەكىلدە
بىرىشنى تىلغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبىگە دىققەت قىلىش لازىم. ئاللاھ تائالا مەخپىي
بەرسەڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، دېمىدى. چۈنكى، سەدىقىنىڭ ئەسكەرلەرنى جابدۇش،
كۆۋرۈك سېلىش، ئۆستەك ئېلىشقا ئوخشىغان مەخپىي ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان
تۈرلىرىمۇ بار. ئەمما كەمبەغەللەرگە يوشۇرۇن بېرىشنىڭ ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى يېپىش،
كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا چاۋىسىنى چىتقا يايغاندەك قىلىپ، خېجىل قىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا
ئىنسانلارنى بۇ كىشى سەدىقە بىرىدىكەن دېگۈزۈش ساقلىنىشقا ئوخشىغان بىر قاتار
پايدىلىرى بار. ئىخلاستىن يىراق، كىشىلەرنىڭ ماختىشىنى كۆزلەپ قىلغان سەدىقىنىڭ
ھېچقانداق پايدىسى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقىنىڭ مەخپىي بىرىلگىنى كىشىلەرنىڭ
ئارىسىدا ئاشكارا قىلىپ بېرىلگىنىدىن ياخشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مەخپىي بېرىلگەن سەدىقىنى ماختىغان، مەخپىي بەرگۈچىنى مەدھىيىلىگەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مەخپىي سەدىقە بەرگۈچىنىڭ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسىدىن
باشقا سايىۋەن بولمىغان كۈندە ئاللاھنىڭ ئەرشىسىنىڭ سايىسىدا سايىدايدىغان يەتتە
كىشىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن. يەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا سەدىقە
قىلغۇچىنىڭ قىلغان سەدىقىسى ئارقىلىق گۇناھلىرى ئۈچىرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.
[ئىككى ھىجرەتنىڭ يولى]
ئىككىنچى: ساق- ساغلام چېغىدا قىلىنغان سەدىقە ئۆلۈمىدىن كېيىنگە ۋەسىيەت قىلىنغان
ياكى كېسەل ھالىتىدىكى ۋەياكى سەكراتقا چۈشكەندە قىلغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «تىنىڭ ساغلام
بولغان، كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بېخىللىق قىلىۋاتقان، باي بولۇشنى ئويلاۋاتقان
ۋاقتىڭدا قىلغان سەدىقەڭ ئەۋزەل سەدىقىدۇر، سەدىقە قىلىشنى كەينىگە سۈرۈۋەرمە، سەن
جان ھەلقۇمغا كېلىپ قالغاندا
”ماللىرىم
پالانچى، پالانچىغا بولسۇن“ دەيسەن،
لېكىن ئۇ چاغدا ماللىرىڭ ئاللىقاچان باشقا بىرىگە تەۋە بولۇپ كەتكەن بولىدۇ» دېدى. [بىرلىككە
كەلگەن ھەدىس]
ئۈچىنچى: ۋاجىبنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن بېرىلىدىغان سەدىقە. ئاللاھ تائالا
مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَيَسْئَلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَ قُلِ العَفْوَ﴾
«ئۇلار سەندىن نېمىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ،
”(ئېھتىياجدىن)
ئارتۇقىنى (سەدىقە قىلىڭلار)“ دېگىن.»
[بەقەرە سۈرىسى، 219-ئايەت]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھاجىتىدىن
ئاشمىغان ئەھۋالدا سەدىقە بىرىلمەيدۇ.» يەنە بىر رىۋايەتتە
«ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئاشقاننى بېرىش ئەڭ ياخشى
سەدىقىدۇر.» - [بۇنىڭ ئىككىلىسى بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدۇر.]
تۆتىنچى: ئىنساننىڭ قۇدرىتىنىڭ يىتىشىچە، ھاجەت ۋە ئىھتىياجلىرىغا قاراپ سەدىقە
قىلىشى ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئى ئادەم بالىسى! ئاشقان نەرسەڭنى ئىشلىتىۋالغىنىڭ سەن
ئۈچۈن ياخشىدۇر، تۇتۇپ قالغىنىڭ سەن ئۈچۈن ياماندۇر. رىزقىڭنىڭ يېتەرلىك بولغىنىغا
قارىتا مالامەت قىلىنمايسەن. ياخشىلىقنى يېقىن كىشىلىرىڭدىن باشلا.» - بۇ
ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «”بىر
دەرھەم يۈز مىڭ دەرھەمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى“ دېۋىدى،
كىشىلەر:
”قانداقسىگە؟“ دەپ
سوراشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
”بىر
كىشىنىڭ ئىككى دەرھىمى بار ئىدى، بىرىنى سەدىقە قىلىۋەتتى. بىر كىشى ئۆزىنىڭ
مېلىنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن يۈز مىڭ دەرھەم ئايرىپ سەدىقە قىلدى.» [بۇ
ھەدىسنى نەسەئى رىۋايەت قىلغان، سەھىھۇل جامىئـ]
بەغەۋى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «كىشىنىڭ ئارتۇق مېلىنى
سەدىقە قىلىشى ۋە كەمبەغەللىك پىتنىسىگە قېلىشتىن قورقۇپ ئۆزى ئۈچۈن ئۇزۇقلۇق ئېلىپ
قېلىشى ئىختىيارىدىكى ئىش. ئەمما ھەممىسىنى بىرىۋېتىپ، كېيىن قىلغانلىرىغا پۇشايمان
قىلىپ قالسا، ئۇ ھالدا ئەجرىنى بىكار قىلىۋېتىشى ھەم كىشىلەرگە يۈك بولۇپ قېلىشى
مۇمكىن. ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بارلىق مېلىنى سەدىقە قىلىش ئۈچۈن ئايرىغان
چېغىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، قىلغان تەۋەككۈلىنىڭ
ساغلاملىقىنى بىلگەنلىكى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا پىتنىنىڭ ھاكىم بولىۋېلىشىدىن
باشقىلاردىن ئەنسىرىگەندەك ئەنسىرىمىگەنلىكى ئۈچۈن ھېچقانداق ئېتىراز بىلدۈرمىگەن.
لېكىن، ئائىلىسىدە ئېھتىياجى ياكى تۈلەيدىغان قەرزى بار كىشىلەرنىڭ بارلىق مېلىنى
سەدىقە قىلىشىغا بولمايدۇ؛ چۈنكى، قەرزنى تۈلەش، ئائىلىگە نەپىقە قىلىش مۇھىمدۇر.
ئەمما، ساۋاب ئۈمىد قىلىپ، ئەبۇ بەكىردەك، ئەنسارىلارنىڭ ساھابىلەرگە قىلغان
كۆيۈمچانلىقىغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ نەپسىدىن كېچىپ، سەدىقە قىلسا، ھېچ گەپ يوق. ئاللاھ
تائالا ئۇ خىلدىكى كىشىلەرنى مۇنداق مەدھىيىلەيدۇ:
﴿وَيُؤْثِرُونَ عَلَى أَنفُسِهِمْ وَلَوْ كَانَ بِهِمْ خَصَاصَة﴾
«ئۇلار مۇھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتى) دىن ئەلا
بىلىدۇ.» [ھەشىر سۈرىسى، 9-ئايەت]
بەشىنچى: پەرزەنتلەرگە نەپىقە قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر بىر كىشى ساۋاب ئۈمىد قىلىپ ئائىلىسىگە خىراجەت
قىلسا، ئۇ قىلغان خىراجىتى ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقىدۇر.» [بىرلىككە كەلگەن
ھەدىس]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ
ئاللاھ يولىدا ئىشلەتكەن بىر دىنارىڭ، قۇل ئازاد قىلىشتا ئىشلەتكەن بىر دىنارىڭ،
مىسكىنگە سەدىقە قىلغان بىر دىنارىڭ، ئائىلەڭگە ئىشلەتكەن بىر دىنارىڭنىڭ ئىچىدىن
ئەجرى ئەڭ كاتتا بولغىنى، ئائىلەڭگە ئىشلەتكەن دىنارىڭدۇر.» [بۇ ھەدىسنى
ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.]
ئالتىنچى: يېقىنلارغا قىلىنغان سەدىقە. ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىدىكى
مېلى ئەڭ كۆپ ئەنسارىلارنىڭ بىرى ئىدى. ماللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەبۇتەلھە ئەڭ ياخشى
كۆرىدىغىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىگە قاراپ تۇرىدىغان
”بەيرەھا“ دېگەن
بېغى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ باغقا كىرىپ باغنىڭ تاتلىق سۈيىنى ئىچەتتى.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
﴿لَن تَنَالُواْ البِر حَتَّى تُنفِقُواْ
مِمَّا تُحِبُّونَ﴾
ياخشى
كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر [ئال ئىمران
سۈرىسى،92-ئايەت] دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا، ئەبۇتەلھە ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا ساڭا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى. مېنىڭ
ماللىرىمنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم ”بەيرەھا“ دېگەن بېغىمدۇر. ئاللاھنىڭ
دەرگاھىدا ئەسقاتىدىغان مال بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنى سەدىقە قىلىمەن، ئى
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن ئۇنى ئاللاھ ساڭا كۆرسەتكەن يەرگە ئىشلەتكىن، دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ھاي! ھاي! نېمىدېگەن پايدىلىق! نېمىدېگەن پايدىلىق مال
بۇ! مەن سېنىڭ دېگەن سۆزۈڭنى ئاڭلىدىم. مەن ئۇنى ئۆز يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق
كۆرىمەن“ دېدى. ئەبۇتەلھە: شۇنداق قىلىمەن، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دەپ، ئۇنى
ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ۋە تاغىسىنىڭ بالىلىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى.» [بىرلىككە
كەلگەن ھەدىس]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مىسكىنگە
قىلغان سەدىقە بىر سەدىقىدۇر. ئۇرۇق - تۇغقانغا قىلغان سەدىقە، سەدىقە ۋە سىلە ـ
رەھىمدىن ئىبارەت ئىككى سەدىقەدۇر.» [بۇ ھەدىسنى ئەھمەد، نەسەئىي، تىرمىزىي
ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان.]
نەپىقە قىلىش ئەڭ مۇھىم، دەپ قارالغان ئۇرۇق- تۇغقانلار ئىككى خىلدۇر.
1- يېتىم: بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَلا
اقتَحَمَ العَقَبَةَ. وَمَا
أدرَاكَ مَا العَقَبَةُ. فَكُّ رَقَبَةٍ. أَو إِطعَامٌ فِى يَومٍ ذي مَسغَبَةٍ
. يَتِيماً ذَا مَقرَبَةٍ . أَو مِسكِيناً ذَا مَتْرَبةَ﴾
«ئۇ
داۋان ئاشمىدى. داۋان ئېشىشنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟. (داۋان ئېشىش دېگەن)
قۇل ئازاد قىلماقتۇر. ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى
توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل)گە تاماق بەرمەكتۇر.» [بەلەد
سۈرىسى، 11-15- ئايەتلەر.]
2- ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىكىنى يۇشۇرۇن تۇتىدىغان ئۇرۇق- تۇققان. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سەدىقىنىڭ ئەڭ ياخشىسى
دۈشمەنلىكىنى يۇشۇرىدىغان ئۇرۇق- تۇققانغا قىلغان سەدىقىدۇر.» [بۇ ھەدىسنى
ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي سەھىھۇل جامىئدا رىۋايەت قىلغان.]
يەتتىنچى: خولۇم - خوشنىغا قىلىنغان سەدىقە. ئاللاھ تائالا خولۇم – خوشنىغا سەدىقە
قىلىشقا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَالْجَارِ ذِي القُرْبَى وَالْجَارِ الجُنُبِ﴾
«يېقىن
قوشنىغا، يىراق قوشنىغا ياخشىلىق قىلىڭلار.» [نىسا سۈرىسى، 36-ئايەت.]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغە مۇنداق نەسىھەت قىلغان:
«ئى ئەبۇزەر! ئەگەر سەن شورپا قايناتساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى
كۆپرەك قىل ۋە قوشنىلىرىڭغا يەتكۈزگىن.» [بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]
سەككىزىنچى: ئاللاھ يولىدىكى دوست - بۇرادەرلەرگە سەدىقە قىلىش. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشىنىڭ سەرپ قىلغان
دىنارلىرىدىن ئەجرى ئەڭ كاتتا بولىدىغىنى ئائىلىسىگە ئىشلەتكەن دىنارىدۇر. ئاللاھ
يولىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاتاپ قويغان ئۇلاغقا خەجلىگەن دىناردۇر ۋە ئاللاھ يولىدىكى
بۇرادەرلىرىگە ئىشلەتكەن دىناردۇر.» [بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.]
توققۇزىنچى: مەيلى كاپىرلار ياكى مۇناپىقلارغا قارشى قىلىنغان جىھاد بولسۇن، ئاللاھ
يولىدا قىلىنغان جىھادقا قىلىنغان نەپىقە (سەدىقە) سەرپ قىلىنغان مال ئەڭ ياخشى
ھېسابلىنىدۇ؛ ئاللاھ تائالا ئاللاھ قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە ئاللاھ
يولىدا مال سەرپ قىلىشقا بۇيريدۇ. بىر قاتار ئايەتلەردە مال ئارقىلىق قىلىنغان
جىھادنى جان بىلەن قىلىنغان جىھادنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿انفِرُواْ
خِفَافاً وَثِقَالاً وَجَاهِدُواْبِأَموَالِكُمْ وَأَنفُسِكُمْ
فِي سَبِيلِ اللهِ ذَلِكُمْ خَيرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ﴾
«(ئى
مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر يېنىك بولغان ياكى ئېغىر بولغان ھالەتتە (يەنى مەيلى ياش
- قېرى، پىيادە، ئۇلاغلىق بولۇڭلار، ئوڭۇشلۇق ۋە قىيىن شارائىتتا بولۇڭلار،
ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز بولۇڭلار، ھەممە ئەھۋالدا) جىھادقا چىقىڭلار، اﷲ نىڭ
يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق
قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.» [تەۋبە سۈرىسى، 41-ئايەت.]
ئاللاھ تائالا، سەمىمى، ئىمانىغا سادىق، مۇكەممەل مۆمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق
دەيدۇ:
﴿ِنَّمَا المُؤمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُواْ بِاللهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَم يَرتَابُواْ
وَجَاهَدُواْ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللهِ أُوْلَئِكَ
هُمُ الصَّادِقُونَ﴾
«شۈبھىسىزكى،
(ھەقىقي) مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن
(ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد
قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر.» [ھۇجۇرات سۈرىسى،
15-ئايەت.]
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى
بولسۇن) نى مونۇ سۆزلىرى ئارقىلىق مەدھىيىلەيدۇ:
﴿لَكِنَ
الرَّسُولُ وَالذَّينَ آمَنُواْ مَعَهُ جَاهَدُواْ
بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ وَأُوْلَئِكَ لَهُمُ الخَيرَاتُ وَأُوْلَئِكَ
هُمُ المُفلِحُونَ. أَعَدَّ اللهُ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِى مِن تَحتِهَا
الأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ذَلِكَ الْفَوزُ العَظِيمُ﴾
«لېكىن،
پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن
جىھاد قىلدى، ئەنە شۇلار (ئىككىلا دۇنيانىڭ) ياخشىلىقلىرىغا نائىل بولىدۇ، ئەنە
شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان
جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر.» [تەۋبە
سۈرىسى، 88،89-ئايەتلەر.]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سەدىقىلەرنىڭ
ئىچىدىكى پەزىلىتى ئەڭ يۇقىرى سەدىقە ئاللاھنىڭ يولىدا تىككەن چىدىرنىڭ سايىسى ۋە
ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغان كىشىگە قىلغان خىزمەت ياكى ئاللاھ يولىدا بېرىلگەن
قورامىغا يەتكەن بىر تۆگىدۇر.» [بۇ ھەدىسنى ئەھمەد، تىرمىزىي سەھىھۇلجامىئدا
رىۋايەت قىلغان.]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ
يولىدا غازات قىلغۇچىنى جابدۇپ قويسا ئۆزىمۇ غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا
ئېرىشىدۇ.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.]
شۇنى بىلىش لازىمكى، ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھاد ئۈچۈن بىرىلگەن ئەڭ ئەۋزەل
سەدىقە دەۋرىمىزدىكىگە ئوخشاش ئېھتىياج بار، مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى سەدىقە
بېرىدىغانلار ئاز بولغان دەۋردە بىرىلگەن سەدىقىدۇر. مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلىۋاتقان
پەيتتە قىلىنغان سەدىقىلەرنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك ساۋابى بار، ئەمما، ئېھتىياج بار
چاغدىكىگە ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَا لَكُمْ
أَلاَّ تُنفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلِلَّهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ
لا يَسْتَوِي مِنكُم مَّنْ أَنفَقَ مِن قَبْلِ الْفَتْحِ وَقَاتَلَ أُوْلَئِكَ
أَعْظَمُ دَرَجَةً مِّنَ الَّذِينَ أَنفَقُوا مِن بَعْدُ وَقَاتَلُوا وَكُلاًّ
وَعَدَ اللَّهُ الْحُسْنَى وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ . مَن ذَا
الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ وَلَهُ أَجْرٌ كَرِيمٌ﴾
«نېمىشقا سىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل - مال) سەرپ قىلمايسىلەر، ئاسمانلارنىڭ ۋە
زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھقا خاستۇر، سىلەردىن مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى پۇل -
مال سەرپ قىلغانلار ۋە (رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن)
ئۇرۇشقانلار (مەككە پەتھى قىلنغاندىن كېيىن پۇل - مال) نەپىقە قىلنغانلار ۋە
ئۇرۇشقانلار (بىر - بىرى بىلەن) باراۋەر ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى (مەككە
پەتھى قىلىنغاندىن) كېيىن نەپىقە قىلغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ (دەرىجىسىدىن) چوڭدۇر،
(ئۇلارنىڭ) ھەر بىرىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان
ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. كىمكى ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ
رازىلىقىنى تىلەپ، ئۇنىڭ يولىدا پۇل - مال سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا
ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ.» [ھەدىد سۈرىسى، 10، 11-ئايەت.]
”ئەقىدىسى
بېسىمغا ئۇچىراۋاتقان، ئەقىدىنى ھىمايە قىلىدىغان ئازلاپ كەتكەن بىر پەيتتە
ھېچقانداق مەنپەئەت، مەرتىۋە ياكى باياشاتلىق كۈتمەستىن قىلىنغان نەپىقە ۋە
پىداكارلىق، ئەقىدىگە نىسبەتەن بېسىم بولمىغان، دىنغا يارىدەم بىرىدىغانلار كۆپ،
غەلىبە ۋە مۇۋەپپىقىيەت كۆرىنىپ تۇرغان چاغدا قىلىنغان سەدىقە – ئېھسان ۋە
پىداكارلىققا ئوخشىمايدۇ. بىرىنچىسىنىڭ، يېگانە ئاللاھقا بولغان تولۇق ئىشەنچ،
خالىس نىيەت بىلەن، كۆرىنىپ تۇرغان ھەرقانداق سىرتقى ئامىللاردىن يىراق،
ئەقىدىسىدىن باشقا ھېچ قانداق نەرسىنىڭ تۈرتكىسى بولمىغان ھالدا قىلىنغان سەدىقە
ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شەك يوق. ئىككىچىسىدە بولسا، نىيەت خالىس بولغان تەقدىردىمۇ
ياخشىلىق قىلىدىغانلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بىرىنچىسىگە ئوخشىمايدۇ.“ [فى
زىلالىل قۇرئان]
ئونىنچى: سەدىقە جارىيە؛ يەنى ئۆلگەندىن كېيىن قېلىپ قالىدىغان ۋە ساۋابى داۋاملىق
يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئىنسان ئۆلگەندە، ساۋابى يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە،
پايدىلىق ئىلىم ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى بالىنى تەربىيىلەپ
قويۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئەمەلىدىن باشقا ئەمەلىنىڭ ساۋابى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.»
[بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]
تۆۋەندە سەدىقە جارىيەنىڭ نەستە كۆرسىتىلگەن بىر قىسىم جايلىرىغا ئىشارە قىلىپ
ئۆتىمىز.
سەدىقە جارىيەنىڭ بېرىلىدىغان ئورۇنلىرى
بىرىنچى- ئۇسسىغانغا سۇ بىرىش، قۇدۇق كولاش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«سەدىقىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى سۇ بىرىشتۇر.» [بۇ ھەدىسنى ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئىي ۋە
ئىبنى ماجەلەر سەھىھۇلجامىئدا رىۋايەت قىلغان.]
ئىككىنچى- كەمبەغەللەرگە تاماق بېرىش: «بىرئادەم
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:
”ئىسلامدا
قايسى ئەمەل ياخشى؟“ دەپ
سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
”كەمبەغەللەرگە
تائام بېرىش، تونىغان ـ تونىمىغان كىشىلەرگە سالام بېرىش“ دېدى.» [بىرلىككە
كەلگەن ھەدىس]
ئۈچىنچى- مەسچىت سېلىش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن ھالدا مەسچىت
بىنا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىدۇ.»
[بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.]
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت
قىلىدۇ: «كىمكى بىر قودۇق كولىسا ئۇنىڭدىن ئىنس- جىن
ۋەياكى بىرەر قۇش سۇ ئىچمىگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە قىيامەت كۈنى
ئەجىر بېرىدۇ. كىمكى بىر قىرغاۋۇلنىڭ ئۇۋىسى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بىر مەسچىت
سالىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا
قىلىدۇ.» [سەھىھۇت تەرغىيب]
تۆتىنچى: ئىلىمنى ئومۇملاشتۇرۇش، قۇرئان كەرىم تارقىتىش، مۇساپىرلار ئۈچۈن ئۆي
سېلىپ بېرىش ۋە بۇ دائىرىگە كىرىدىغان يېتىم – يېسىر، تۇل خوتۇن ۋە باشقىلار. ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت
قىلىدۇ: «ئىنسانغا ئۆلگەندىن كېيىن يېتىپ تۇرىدىغان
ئەمەل ۋە ياخشىلىقلىرى ئۆگەتكەن ۋە تارقاتقان ئىلمى ياكى ياخشى تەربىيلىگەن
پەرزەنتى ياكى قالدۇرغان قۇرئان ياكى بىنا قىلغان مەسچىت ياكى مۇساپىرلارغا سېلىپ
بەرگەن ئۆي ياكى قازغان ئۆستەڭ ياكى ھايات ۋە ساغلام چېغىدا بەرگەن سەدىقىسىدىن
ئىبارەتتۇر.» [بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە سەھىھۇت تەرغىيبتا رىۋايەت قىلغان.]
قېرىندىشىم شۇنى بىلگىنكى، گويا رامىزاندا قىلغان نەپىقىگە ئوخشاش بەزى چاغلاردا
قىلغان نەپىقە بىر قىسىم چاغلاردا قىلغان نەپىقىدىن ياخشىدۇر. ئىبنى ئابباس
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ سېخىي زات ئىدى. بولۇپمۇ رامزاندا جىبرىئىل
ئەلەيھىسسالام ئۇچراشقاندا تېخىمۇ سېخىيلىشىپ كېتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن رامزاندا ھەر كېچىسى ئۇچرىشىپ قۇرئاندىن دەرس
ئوقۇشاتتى. جەزمەنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن
ئۇچراشقان چاغدىكى سېخىيلىقى شامالدىنمۇ تېز ئىدى.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]
يەنە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە قىلىنغان سەدىقىنىڭ پەزىلىتىمۇ ناھايىتى
ئۇلۇغدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «”مۇشۇ
كۈنلەردە(زۇلھەججنىڭ 1 ـ كۈندىن 10 ـ كۈنىگىچە) قىلىنغان ياخشى ئەمەل اﷲ غا ئەڭ
سۆيۈملۈكرەك بولىدۇ“ دېۋىدى،
ساھابىلار:
”ئى
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟“ دېيىشتى،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
”ئاللاھ
يولىدىكى جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدۇ. پەقەت جېنى، مېلى بىلەن جىھادقا ئاتلىنىپ،
ھېچنەرسە بىلەن قايتىپ كەلمىگەن (يەنى شېھىت بولغان) ئادەمنىڭلا ئەمىلى بۇنىڭغا
يېتىدۇ“ دېدى.» [بۇ
ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان.]
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم، بۇنىڭ بىلەن سەدىقىنىڭ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان
ئەڭ ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك سەدىقە بىرىدىغان ئەڭ ياخشى
ۋاقىتنىڭ كىشىلەرنىڭ قېيىنچىلىق، ئېھتىياج ۋە كەمبەغەللىكنىڭ قورشاۋلىرى ئىچىدە
قالغان ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن بولدىڭىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَلا اقتَحَمَ العَقَبَةَ. وَمَا
أدرَاكَ مَا العَقَبَةُ . فَكُّ رَقَبَةٍ . أَو إِطعَامٌ فِى يَومٍ ذي مَسغَبَةٍ
. يَتِيماً ذَا مَقرَبَةٍ . أَو مِسكِيناً ذَا مَتْرَبةَ﴾
«ئۇ
داۋان ئاشمىدى. داۋان ئېشىشنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟ (داۋان ئېشىش دېگەن)
قۇل ئازاد قىلماقتۇر. ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى
توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر.» [بەلەد
سۈرىسى، 11-15- ئايەتلەر.]
ئىنساننىڭ مال ئىگىسى بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان نىمىتىدۇر. نىمەتنىڭ
تاكامۇللىقى ئۇ نىمەتنىڭ ئىنساننى ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىگە ئېلىپ بېرىشى بىلەن
تاماملىنىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى مال
ياخشى كىشى ئۈچۈن نېمە دېگەن ياخشى» [بۇ ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان.]
وصلى الله وسلم على نبينا محمد وعلى آله وصحبه وسلم.
ئا. قارلۇقى |