|
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىش – ھەرىكەتلەر ۋە ئۇنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى
بارلىق مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى يېگانە ئاللاھقا خاستۇر،
دۇئا ۋە سالاملار پەيغەمبەر ۋە ئەنبىيالارنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى- پەيغەمبىرىمىز
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن!
تۆۋەندىكى بىر قاتار ئىشلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چەكلىگەن ۋە بۇلارغا
يېقىنلىشىشتىن توسىقان:
كىبىر ۋە چوڭچىلىق قىلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«قەلبىدە زەررىچىلىك تەكەببۇرلۇقى بار ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ»
دېگەن بىر سەھىھ ھەدىستۇر. كىبىر دېمەك- ھەقىقەتنى قوبۇل قىلماسلىق، كىشىلەرنى
كۆزگە ئىلماسلىق، دېمەكتۇر.
رىيا (كۆز-كۆز قىلىش) ۋە شۆھرەتپەرەستلىك:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى باشقىلارغا ئاڭلىتىش غەرىزىدە بىرەر ئەمەلنى قىلسا، ائاللاھ تائالامۇ
قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەيىبلىرىنى كىشىلەرگە ئاڭلىتىپ رەسۋا قىلىدۇ. كىمكى باشقىلارغا
كۆرسىتىش غەرىزىدە بىرەر ئەمەل قىلسا ائاللاھ مۇ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەيىبلىرىنى
كىشىلەرگە كۆرسىتىپ رەسۋا قىلىدۇ».
دېگەن بىر سەھىھ ھەدىستۇر.
ناچار ئىش ۋە سۆز- ھەرىكەتلەر:
بۇنىڭ دەلىلى
«قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئەڭ ناچار ئادەم كىشىلەرنى ناچار سۆزلىرى
ئارقىلىق رەنجىتىدىغان كىشىدۇر.»
دېگەن بىر سەھىھ ھەدىستۇر.
يالغانچىلىق:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگەن كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا
ۋاي.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
گۇناھ ۋە پىتنىلەر:
بۇنىڭ دەلىلى
«پىتنە قەلبلەرگە گويا شېغىل تاشلار شەكلىدە كىرىشكە ئۇرىنىدۇ، قانداق بىر قەلب
ئۇنى قوبۇل قىلىدىكەن ئۇنىڭدا بىر قارىلىق شەكىللىنىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان بىر سۆزىنى ئوغرىلىقچە
ئاڭلىسا، قىيامەتتە ئۇنىڭ قۇلىقىغا قوغۇشۇن ئېرىتىپ قۇيۇلىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
رەسىم تارتىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئازاب جەھەتتە ئەڭ قاتتىق بولىدىغىنى سۈرەت
سىزغۇچىلاردۇر،»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
چېقىمچىلىك:
بۇنىڭ دەلىلى
«چېقىمچى جەننەتكە كىرمەيدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر. چېقىمچىلىق- كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش مەقسىتىدە گەپ
توشۇشنى كۆرسىتىدۇ.
غەيۋەت:
بۇنىڭ دەلىلى
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”غەيۋەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟“ دېۋىدى، ئۇلار:
”ئاللاھ ۋە ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى بىلگۈچىدۇر“ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
”قېرىندىشىڭ ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى تىلغا ئېلىشىڭ“ دېۋىدى ”قېرىندىشىمدا بار
بولغان ئىشنى دېسەمچۇ؟ دەپ سورالدى“، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئەگەر ئۇنىڭدا يوق
نەرسىنى دېسەڭغۇ تۆھمەت قىلغان بولىسەن، بار نەرسىنى دېسەڭ غەيۋەت قىلغان بولىسەن“
دېدى.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
لەنەت ئېيتىش:
بۇنىڭ دەلىللىرى
«مۆمىنگە لەنەت ئېيتىش ئۇنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاشتۇر.»
ۋە
«كۆپ لەنەت ئېيتقۇچىلار قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىشقا ۋە گۇۋاھلىق بېرىشكە
يارىمايدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىسلەردۇر.
سىرنى ئاشكارىلاش:
بۇنىڭ دەلىلى
«قىيامەت كۈنى اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئورنى ئەڭ ناچار بولىدىغان ئادەم ئەر ـ ئايال ئۆز –
ئارا سىردىشىپ، ئارقىدىن سىرلىرىنى باشقىلارغا يايغان ئادەمدۇر».
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئايال كىشىنىڭ خۇشپۇراق ئىستېمال قىلىپ سىرتقا چىقىشى:
بۇنىڭ دەلىلى
«بارلىق
كۆزلەر زىنا قىلىدۇ، ئەگەر ئايال كىشى خۇشپۇراق ئىشلەتكەندىن كېيىن، كىشىلەر
ئارىسىدىن ئۆتسە، ئۇ ھالدا ئۇمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
مۇسۇلماننى ”كاپىر“ لىق بىلەن ئەيىبلەش:
بۇنىڭ دەلىلى
«بىر كىشى ئۆزىنىڭ بۇرادىرىنى ”ئى كاپىر!“ دېسە، قارشى تەرەپ ئۇ دېگەندەك بولسا بۇ
سۆز دېيىلگۈچىگە چۈشىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا دېگۈچىگە يانىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئۆز ئاتىسىدىن باشقا بىرىنى
”ئاتام“
دەپ قاراش:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى بىر كىشىنىڭ ئۆز ئاتىسىدىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئاتام دەپ
دەۋا قىلسا جەننەت ئۇنىڭغا ھارام بولىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
مۇسۇلماننى قورقىتىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننى قورقىتىشى ھالال بولمايدۇ.»
ۋە
«كىمكى تۆمۈرنى بىلەن قېرىندىشىغا تەڭلەيدىكەن پەرىشتىلەر ئۇ قولىنى يىغىۋالغانغا
قەدەر ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىسلەردۇر.
مۇناپىق ۋە پاسىقلارنى
”خوجا“
دەپ ئاتاش:
بۇنىڭ دەلىلى
«مۇناپىقلارنى ”خوجا“ دېمەڭلار، ئەگەر ئۇنى خوجا، دەپ بىلسەڭلار، رەببىڭلارنى
غەزەپلەندۈرىسىلەر.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئاياللارنىڭ قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشى:
بۇنىڭ دەلىلى
«ئاللاھ
تائالا قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلدى»
ۋە ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
«بىز ئاياللار جىنازىغا ئەگىشىشتىن چەكلەندۇق، لېكىن چەكلىنىش ھارام دەرىجىسىدە
ئەمەس ئىدى.»
دېگەن سەھىھ ھەدىسلەردۇر.
ئايال كىشىنىڭ يولدىشىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشى:
بۇنىڭ دەلىلى
«قاچانكى بىر ئەر ئۆز ئايالىنى بىللە بولۇشقا چاقىرسا، ئايالى ئۇنىمىسا، ئەر ئۇ
ئايالغا غەزەپلەنگەن ھالدا يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا ھەتتا تاڭ ئاتقۇچە
لەنەت ئوقۇيدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ھاكىمنىڭ پۇخرالىرىغا خىيانەت قىلىشى:
بۇنىڭ دەلىلى
«قايسى بىر كىشىنى اﷲ بىر قەۋمگە ھاكىم قىلغان بولسا ئۇ ئۆز قەۋمىگە خىيانەتكار
ھالدا ئۆلگەن بولسا اﷲ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئىلىمسىز پەتىۋا بېرىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى
ئىلىمسىز ھالدا پەتىۋا بېرىدىكەن، گۇناھى پەتىۋا بەرگۈچىگە بولىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئايال كىشىنىڭ تالاق تەلەپ قىلىشى:
بۇنىڭ دەلىلى
«سەۋەبسىزلا يولدىشىدىن سۆزىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئايال ئۈچۈن جەننەتنىڭ پۇرىقى
ھارامدۇر.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ھايۋانلارغا قوڭغۇراق ئېسىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«پەرىشتىلەر ئىت ۋە قوڭغۇراق بار كارۋانغا ھەمراھ بولمايدۇ»
ۋە
«قوڭغۇراق شەيتاننىڭ نەيلىرىدىندۇر.»
دېگەن سەھىھ ھەدىسلەردۇر.
جۈمە نامىزىغا ئېتىبارسىز قاراش:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى ئېتىبارسىز قاراپ ئۈچ قېتىم جۈمە نامىزى ئوقۇمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ
قەلبىگە مۆھۈر بېسىۋېتىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
باشقىلارنىڭ يىرىنى ناھەق ئىگەللىۋېلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى باشقىلارنىڭ بىر غېرىچ يېرىنى ناھەق ئېلىۋالسا اﷲ (قىيامەت كۈنى) بۇ يەرنىڭ
يەتتە قېتىغىچە ئۇنىڭ بوينىغا يۆگەپ قويىدۇ»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان سۆز:
بۇنىڭ دەلىلى بەندە نېمە دەۋاتقانلىقىغا پەرۋا قىلماي، اﷲ غەزەپلەنگىدەك بىر سۆزنى
قىلىپ سالىدۇ ـ دە، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن اﷲ ئۇ كىشىنى دوزاخقا چۈشۈرۋېتىدۇ» دېگەن
سەھىھ ھەدىستۇر.
ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن باشقا ئارتۇق گەپ – سۆز:
بۇنىڭ دەلىلى
«اﷲ نى زىكىر قىلىشتىن (پايدىلىق سۆزلەردىن) باشقا سۆزلەرنى تولا قىلماڭلار. چۈنكى،
اﷲ نى زىكىر قىلىشتىن باشقا سۆزلەرنى تولا قىلىش دىلنى قاتۇرۈۋېتىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
چاچ ئۇلاش ۋە ئۇلىتىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«اﷲ چاچ ئۇلىغۇچىغا ۋە ئۇلاتقۇچىغا لەنەت قىلسۇن»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
مۇسۇلمانلار ئارا ئاداۋەت:
بۇنىڭ دەلىلى
«بىر مۆمىننىڭ دىنى قېرىندىشىنى ئاداۋەت يۈزىسىدىن گەپ قىلماي ئۈچ كۈندىن ئارتۇق
تاشلىۋېتىشى ھالال ئەمەس.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
باشقا جىنسىدىكىلەرگە ئوخشىۋېلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇچى ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى
ئاياللارغا لەنەت قىلدى، دېيىلگەن.»
دېگەن سەھىھ ھەدىسلەردۇر.
بەرگەن ھەدىيەنى قايتۇرۇۋېلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«بەرگەن سوۋغىسىدا ياندۇرۇپ ئېلىۋالىدىغان كىشى ئۆز قۇسۇقىنى يېگەن ئىتقا
ئوخشايدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
دۇنيالىقنى كۆزلەپ ئىلىم تەلەپ قىلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى اﷲ رازىلىقى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىلىمنى، دۇنياۋى غەرەز ئۈچۈن ئۆگەنسە،
قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ھارام قىلىنغان جايلارغا قاراش:
بۇنىڭ دەلىلى
«ئادەم بالىسىغا ئۇنىڭ زىنادىن بولغان نېسىۋىسى پۈتۈلگەن بولسا ئۇنى قىلماسلىققا
چارىسى بولمايدۇ. ئىككى كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر. ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى زىناغا
ئائىت سۆزنى ئاڭلاشتۇر، تىلنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزنى قىلىشتۇر، قولنىڭ زىناسى
تۇتۇشتۇر. پۇتنىڭ زىناسى زىناغا مېڭىشتۇر، كۆڭۈل زىنانى خالايدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇ.
جىنسىي ئەزا بۇ خاھىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
يات ئاياللار بىلەن خىلۋەت جايدا بىللە تۇرۇش:
بۇنىڭ دەلىلى
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار يات ئايال كىشى بىلەن خىلۋەت جايدا بىللە تۇرمىسۇن، سۆزسىزكى،
ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتاندۇر».
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئايال كىشىنىڭ ۋەلىيسىز نىكاھلىنىشى:
بۇنىڭ دەلىلى
«قانداق بىر ئايال ۋەلىيسىنىڭ روخسىتىسىز نىكاھلىنىدىكەن، نىكاھى ئىناۋەتسىزدۇر،
نىكاھى ئىناۋەتسىزدۇر، نىكاھى ئىناۋەتسىزدۇر.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئىنسانلارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنغان ئىش- ھەرىكەت:
بۇنىڭ دەلىلى
«اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”مەن شېرىك كەلتۈرگۈچىنىڭ شېرىكىدىن بىھاجەت، كىم مەندىن
باشقا نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىپ بىر ئەمەلنى قىلسا، ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ شېرىكى بىلەن
بىللە قالدۇرىمەن (يەنى مەن ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئەجىر بەرمەيمەن)“ »
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى:
بۇنىڭ دەلىلى
«اﷲ قا، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان ئايالنىڭ بىر كېچە ـ كۈندۈزلۈك سەپەرنى
مەھرەمسىز، يالغۇز سەپەر قىلىشى ھالال ئەمەستۇر»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
مېيىت ئۈچۈن يىغلاش:
بۇنىڭ دەلىلى
«قانداق بىر مېيىتكە ئۈن سېلىپ يىغلانسا قىيامەت كۈنى ئۇ مېيىت ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن
ئازابلىنىدۇ»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ناماز ئوقۇغۇچىلارنى بىئارام قىلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى سامساق، پىياز ۋە كۈدە يەيدىكەن، بىزنىڭ مەسچىتىمىزگە يېقىن كەلمىسۇن، چۈنكى
پەرىشتىلەرمۇ ئادەم بالىسى ئازار يېگەن نەرسىدىن ئازار يەيدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى اﷲ دىن غەيرى بىلەن قەسەم قىلسا، ئۇ كاپىر ياكى مۇشرىك بولىدۇ »،
«اﷲ سىلەرنى ئاتاڭلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ، كىمكى قەسەم قىلماقچى بولسا
اﷲ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن»
دېگەن سەھىھ ھەدىسلەردۇر.
يالغان قەسەم قىلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى
بىر مۇسۇلماننىڭ مېلىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن يالغان قەسەم قىلىدىكەن، ئۇ بۇ ئىشى
سەۋەپلىك گۇناھكار بولىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەن ھالدا
ئۇچىرىشىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
سودىدا قەسەم قىلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«تىجارەتتە كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى قەسەم تىجارەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ،
بىراق بەرىكەتنى يوقىتىدۇ»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«باشقىلارغا ئوخشىۋالغانلار بىزدىن ئەمەستۇر.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ھەسەت قىلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«ھەسەت قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، ھەسەت ياخشىلىقلارنى، ئوت ئوتۇننى
كۆيدۈرگەندەك كۆيدۈرۋېتىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
قەبرە قاتۇرۇش:
بۇنىڭ دەلىلى
«رەسۇلۇللاھ قەبرىگە گەج ئىشلىتىشتىن ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن ۋە ئۇنىڭغا تام
قوپۇرۇشتىن چەكلىدى.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ۋاپاسىزلىق، خىيانەت قىلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«ھەر بىر ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ھەر بىر كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە بىر بايراق بولۇپ
بۇ پالانچىنىڭ ۋاپاسىزلىقى دېيىلىدۇ»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
قەبرىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇش:
بۇنىڭ دەلىلى
«سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ چوغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ كىيىمىنى كۆيدۈرۈپ تېرىسىگە
تۇتاشتۇرۋالغىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قەبرە ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن ياخشىدۇر.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
قارىلىق تۇتۇش:
بۇنىڭ دەلىلى
«اﷲ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئايالنىڭ ئېرىگە تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتقاندىن
باشقا ئۆلۈپ كەتكەن تۇغقانلىرىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارىلىق تۇتۇشى ھالال
بولمايدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
تىلەمچىلىك قىلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«بىر بەندە تىلەمچىلىكنىڭ ئىشىكىنى ئاچسىلا، اﷲ ئۇنىڭغا قەلەندەرلىكنىڭ ئىشىكىنى
ئېچىۋىتىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
يالغان خېرىدار ياللاش:
بۇنىڭ دەلىلى
«مالنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش ئۈچۈن يالغان خېرىدار ياللىماڭلار، بىر ئادەم
ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودا قىلمىسۇن.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
يۈتۈپ كەتكەن نەرسىسىنى مەسچىتتە ئېلان قىلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى بىراۋنىڭ يۈتكەن نەرسىسىنى مەسچىتتە ئېلان قىلغانلىقىنى ئاڭلىسا، اﷲ يۈتكەن
نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىگەي دېسۇن، چۈنكى مەسچىت يۈتكەن نەرسىلەرنى ئېلان قىلىش
ئۈچۈن قۇرۇلمىغان.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈش:
بۇنىڭ دەلىلى «ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچى ئۆزىگە قانداق گۇناھنىڭ
بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا ئىدى، ئۇنىڭ ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشتىن 40
تۇرغىنى ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى.» دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
رىۋايەت قىلغۇچى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 40 كۈن ياكى 40 ئاي ياكى 40 يىل
دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلمىدىم، دېگەن.
ناماز دىگەرنى ئوقۇماسلىق:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى ئەسىر نامىزىنى ئوقۇمىسا قىلغان ئەمەلىنىڭ ساۋابى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدۇ»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
نامازغا سەل قاراش:
بۇنىڭ دەلىلى
«بىز بىلەن مۇناپىقلار ئارىسىدىكى ئەھدە (ئۇلارغا تەگمەسلىكنىڭ ئامىلى) نامازدۇر.
قانداق بىر ئادەم نامازنى تەرك ئەتسە كاپىر بولىدۇ»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئازغۇنلۇققا چاقىرىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى گۇمراھلىققا چاقىرسا، ئۇ ئادەمگە شۇ گۇمراھلىققا ئەگەشكەن ئادەملەرنىڭ
گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەستىن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ گۇناھىغا ئوخشاش بولۇپ
تۇرىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
بىر نەرسە ئىچكەندىكى دېققەتسىزلىك:
بۇنىڭ دەلىلى
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈرە تۇرغان ھالدا سۇ ئىچىشتىن توسقان.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئالتۇن ياكى كۈمۈش قاچىدا بىر يىيىش:
بۇنىڭ دەلىلى
”ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى ئىنچىكە ـ كەڭ
تالالىق يىپەك رەختلەردىن كىيىم كىيىشتىن، ئالتۇن ـ كۈمۈش قاچىلاردا ئىچىشتىن
چەكلەپ: «ئۇلار دۇنيادا كاپىرلار ئۈچۈن، ئاخىرەتتە سىلەر ئۈچۈن» دېدى.“
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
سول قولى بىلەن بىر نەرسە ئىچىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«سول قولۇڭلار بىلەن يېمەڭلار، چۈنكى شەيتان سول قولى بىلەن يەپ ـ ئىچىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
سىلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇش:
بۇنىڭ دەلىلى «تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈۋەتكۈچى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن سەھىھ
ھەدىستۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالات ئوقۇشقا سەل قاراش:
بۇنىڭ دەلىلى
«مېنىڭ نامىم تىلغا ئېلىنغاندا، ماڭا دۇرۇت ئېيتمىغان كىشىنىڭ بۇرنى توپىغا
مىلەنسۇن»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
گەپكە ئۇستا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پاسۇن چىقىرىپ سۆزلەش:
بۇنىڭ دەلىلى
«قىيامەتتە ئەڭ غەزىپىمنى قوزغايدىغان ۋە مەندىن ئەڭ يىراق بولىدىغىنىڭلار
تۇترۇقسىز، تولا سۆزلەيدىغان، ئۆزىنىڭ سۆزدە ئۇستا ئىكەنلىكىنى نامايەندە قىلىش
ئۈچۈن ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ قىلىۋاتقان سۆزىگە ماسلاشتۇرۇپ چىرايىغا ھەر خىل تۈس
بەرگۈچى ۋە باشقىلارنى ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرگىچىلەردۇر.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئىت بېقىش:
بۇنىڭ دەلىلى:
«كىمكى ئوۋ ياكى چارۋا ئىتىدىن باشقا ئىت باقسا، ھەر كۈنى ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ
ساۋابىدىن ئىككى قىيرات كېمىيىپ بارىدۇ»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر. (بىر قىيرات - بىر نەرسىنىڭ 24 تىن بىرىدۇر).
ھايۋانلارنى قىيناش:
بۇنىڭ دەلىلى
«بىر ئايال بىر مۈشۈكنى ئۆلۈپ قالغۇچە سۇلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن دوزاختا ئازابلانغان»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
جازانە بېرىش، ئېلىش، ۋاسىتە بولۇش:
بۇنىڭ دەلىلى
«بىلىپ تۇرۇپ بىر دىرھەم مىقدارى جازانە يىگەن كىشىنىڭ گۇناھى ئوتتۇز ئالتە قېتىم
زىنا قىلغاندىنمۇ ئېغىردۇر.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ھاراق ئىچىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«بەش ئىشنى قىلغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ: ھاراقكەش، سېھىرغا ئىشەنگۈچى، سىلە-
رەھىمنى ئۈزۈپ قويغۇچى، كاھىن ۋە قىلغان ئىشى ئۈچۈن مىننەت قىلغۇچى»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا دۈشمەنلىك قىلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى مېنىڭ دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا
جەڭ ئېلان قىلىمەن.“»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
ئىسلام ئىلىنىڭ ھىمايىسىدىكى كاپىرلارنى ئۆلتۈرۈش:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى ئىسلامنىڭ ھېمايىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان بىرىنى ناھەق ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ
كىشى جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقى يۈز يىللىق مۇساپىدە
بولىدۇ. »
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
مىراسخورنى مىراستىن مەھرۇم قىلىش:
بۇنىڭ دەلىلى
«كىمكى مىراسخورنى مىراسخورنى مىراسىدىن مەھرۇم قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى
قىيامەت كۈنى جەننەتتىكى مىراسىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.»
دېگەن سەھىھ ھەدىستۇر.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئا.قارلۇقى |