|
زاكاتلىرىڭلارنى ئادا قىلىڭلار
ئابدۇلمەلىك
ئەلقاسىم
نېمەتلەرنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى بېيىتقان، قانائەتلەندۈرگەن، بىرلىرىنى
باي قىلىپ، بىرلىرىنى كەمبەغەل قىلغان، بىرىنى يۇقىرى قىلىپ، بىرلىرىنى تۆۋەن
قىلغان جانابى ئاللاھقا ھەمدۇسانا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە
تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلىرىگە دۇئا ۋە سالاملارنى يوللىغاندىن كېيىن،
مەقسەتكە كېلەيلى؛
ئىسلامدىن ئىبارەت نېئمەتنى ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمە ۋە پرىنسىپلىرىنى ئادا
قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغان جانابى ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتىمىز. زاكات ئىككى شاھادەت ۋە
نامازدىن كېيىنكى ئىسلامنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ پەرزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسلامنىڭ تۆتىنجى
ئەركانى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە زاكاتنى ناماز بىلەن ئوخشاش
ئورۇندا قويغان ھالدا 28 يەردە زىكىر قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَأَقِيمُواْ
الصَّلاَةَ وَآتُواْ الزَّكَاةَ وَارْكَعُواْ مَعَ الرَّاكِعِينَ نامازنى
ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار.
فَإِن
تَابُواْ وَأَقَامُواْ الصَّلاَةَ وَآتَوُاْ الزَّكَاةَ فَإِخْوَانُكُمْ فِي
الدِّينِ ئەگەر
ئۇلار (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ
قېرىندىشىڭلار بولىدۇ (يەنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە ئۇلار سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر).
وَمَا
أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاء
وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ
]ئۇلار
پەقەت ئىبادەتنى اﷲ غا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) اﷲ
قىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى).[
زاكاتنى ئادا قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلاردىن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن:
«ئىسلام بەش پەرز ئۈستىگە قۇرۇلغان: اﷲ دىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام اﷲ نىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ھەج
قىلىش، روزا تۇتۇش.» [بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس]
ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ناماز
بىلەن زاكاتنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ قارىغان كىشى بىلەن چوقۇم ئۇرۇش قىلىمەن. چۈنكى،
زاكات دېگەن مالنىڭ ھەققى.» [بۇخارىي رىۋايىتى]
ساھابىلەر زاكاتنى بېرىشتىن باش تارتقانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش مەسىلىسىدە بىرلىك
ھاسىل قىلغان. شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلار زاكاتنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئوخشاش ۋاجىب
ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن.
زاكات ئىقتىسادىي ئىبادەت بولۇپ، ئادا قىلغۇچىلار ساۋابقا ئېرىشىدۇ، پەرۋاسىز
قارىغانلار جازالىنىدۇ. زاكاتنى ئادا قىلىشتا مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى مېھرى-
مۇھەببەتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېخىللىقتىن پاكلاش
روللىرىنى ئوينايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
خُذْ
مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا
](ئى
مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن
ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن.[
زاكاتنى ئادا قىلىش مالغا بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنى كۆپەيتىدۇ، ئاللاھ تائالا
ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بىرىدۇ. بۇ خۇسۇستا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَمَا
أَنْفَقْتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَهُوَ يُخْلِفُهُ
](اﷲ
نىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى اﷲ تولدۇرۇپ بېرىدۇ.[
ـ ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئى ئادەم بالىسى! اﷲ يولىدا
خەجلىگىن، ساڭىمۇ بېرىلىدۇ“» [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
زاكاتنى ئادا قىلىشتا بېخىللىق قىلغان ياكى تولۇق ئادا قىلمىغانلارنىڭ قاتتىق
ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَالَّذِينَ
يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ وَلاَ يُنفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ اللّهِ
فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ¯يَوْمَ
يُحْمَى عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكْوَى بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنوبُهُمْ
وَظُهُورُهُمْ هَذَا مَا كَنَزْتُمْ لأَنفُسِكُمْ فَذُوقُواْ مَا كُنتُمْ
تَكْنِزُونَ
]ئالتۇن
- كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى اﷲ نىڭ يولىداسەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان)
قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن -
كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پىشانىلىرى، يانلىرى
ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: ”بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن –
كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى اﷲ نىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان
ئالتۇن - كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار“ دېيىلىدۇ.[
زاكاتى ئادا قىلىنمىغان ھەر قانداق مال- مۈلۈك قىيامەت كۈنى ساھىبىنى ئازابقا دۇچار
قىلىدىغان خەزىنىدۇر. بۇنىڭغا ئىشارە قىلىدىغان يەنە بىر نوقتىنى پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ مونۇ سەھىھ ھەدىسىدىن كۆرىۋېلىش مۇمكىن: «ئالتۇن ـ كۈمۈشنىڭ
زاكىتىنى بەرمىگەن كىشى قىيامەت كۈنى ئۇزۇنلىقى ئەللىك مىڭ يىلغا باراۋەر كېلىدىغان
كۈندە، اﷲ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ ئۇ كىشىنىڭ جەننەتكە ياكى
دوزاخقا كىرىدىغانلىقى ئېنىق بولغانغا قەدەر ئالتۇن ـ كۈمۈش (لىگەندەك) كەڭ قىلىنىپ
جەھەننەمنىڭ ئوتى بىلەن قىزىتىلىپ ئۇ كىشىنىڭ بېقىنى، پىشانىسى ۋە دۈمبىسى داغلىنىپ
تۇرىدۇ، ئۇلار سوۋۇپ قالغان ھامان ئوتتا قايتا قىزىتىلىپ تۇرۇلىدۇ- دېدى.» - مۇسلىم
رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنىڭ داۋامىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۈگىسى، كالىسى ۋە قويىنىڭ
زاكاتىنى ئادا قىلمىغانلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار
بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ تائالا
ئاتا قىلغان مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىمىغان كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى مال- دۇنياسى
تاقىر باشلىق بىر يىلان سۈرىتىدە كېلىدۇ-دە، ئاغىزىنى ئاچقان ھالدا ئۇنى قوغلاشقا
باشلايدۇ، يىلان يېقىنلاشقانچە ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن قاچىدۇ. ئاخىرىدا يىلان ئۇنىڭغا:
”مەن سېنىڭ مېلىڭ، مەن سېنىڭ خەزىنەڭ“
دەپ ۋاقىرايدۇ.» بۇ ھەدىستىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ
ئايىتىنى تىلاۋەت قىلدى:
وَلاَ
يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَبْخَلُونَ بِمَا آتَاهُمُ اللّهُ مِن فَضْلِهِ هُوَ
خَيْرًا لَّهُمْ بَلْ هُوَ شَرٌّ لَّهُمْ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُواْ بِهِ يَوْمَ
الْقِيَامَةِ
]اﷲ
ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل-مالغا) بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى
ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛
ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ
سېلىنىدۇ.[
تۆت تۈرلۈك مالغا زاكات ۋاجىبتۇر:
(1) تېرىقچىلىقتىن ھاسىل بولغان مەھسۇلاتلار، (2)مال- چارۋىلار، (3) ئالتۇن- كۈمۈش،
(4) تىجارەت باسقۇچىدىكى مال-مۈلۈك.
بۇ تۆت تۈرلۈك مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىش شەرتى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن مۇئەييەن مىقدار
بولۇپ، شۇ مىقدارغا يەتمىگەن ماللارغا زاكات كەلمەيدۇ.
ئالتۇن 20 مىسقال ياكى 92 گرامغا يەتسە زاكات ۋاجىب بولىدۇ. قولىدا بۇ مىقداردا
ئالتۇنى بار كىشىلەر، مۇددىتى بىر يىلغا توشقان تەقدىردە بۇ ئالتۇننىڭ زاكىتىنى
ئايرىشى پەرزدۇر. زاكاتنىڭ مىقدارى ئۆشرىنىڭ تۆتتىن بىرى بولۇپ، %2.5 كە توغرا
كېلىدۇ. (باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا 40تىن بىرى زاكاتقا ئايرىلىدۇ.)
قولغا كەلتۈرۈلگەن پايدا ئەسلى سەرمايىگە تەۋە بولۇپ، يېڭى بىر يىل توشقۇزۇشقا
كېرەك يوق، شۇنىڭدەك ھالال باش ھايۋانلارنىڭمۇ كۆپىيىشى ئەسلىدىكى سانغا تەۋە
بولۇپ، ئەسلىنىڭ مىقدارى زاكات ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا يېڭى بىر يىلنىڭ ئۆتىشىنى
ساقلاشقا كېرەك يوق.
دەۋرىمىزدە كىشىلەر ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان قەغەز پۇللار، مەيلى ئۇ دەرھەم،
دىنار، دوللار ياكى باشقا بىر نەرسە دەپ ئاتالسۇن، ئوخشاشلا ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ
ھۆكۈمىگە تەۋە بولۇپ، قىممىتى ئالتۇن- كۈمۈشنىڭ زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن،
ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن بولسا زاكات ئايرىش ۋاجىپتۇر.
پۇل دائىرىسىگە ئاياللارنىڭ ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرىمۇ
كىرىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئېغىرلىق ئۆلچىمى زاكات ئادا قىلىش مىقدارىغا يەتكەن ۋە
ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن بولسا، زاكىتى ئايرىلىشى شەرت. ئۆلىمالارنىڭ ئەڭ ساغلام دەپ
قارالغان سۆزلىرى بويىچە زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئىستېمال قىلىش ياكى ئارىيەت بىرىش
ئۈچۈن ھازىرلانغان بولۇشىنىڭ پەرقى يوق. بۇ يەكۈن مونۇ ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن
چىقىرىلغان: «ئالتۇن ـ كۈمۈشنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشى...» دېگەن يۇقىرىقى
ھەدىستۇر.
بىر سەھىھ رىۋايەتكە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئايالنىڭ قولىدا ئىككى دانە
ئالتۇن بىلەزۈكنى كۆرۈپ: «”بۇنىڭ
زاكىتىنى ئادا قىلامسىز؟“ دەپ سورىغان، ئايال:
”ياق“
دەپ جاۋاب بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئۇ
ئىككى بىلەيزۈكنىڭ ئورنىغا قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئوتتىن ئىشلەنگەن ئىككى بىلەيزۈك
سېلىپ قويۇشىغا چىدىيالامسىز؟“ دەپ سورىغان،
ئايال دەرھال بىلەيزۈكنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇ بىلەيزۈكنى ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ يولىغا
بېغىشلىدىم“ دېگەن.» - بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد
ۋە نەسەئىي رىۋايەت قىلغان.
رىۋايەتلەردە تەكىتلىنىشىچە، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئالتۇندىن ياسالغان
پارقىراق بىر نەرسە سالاتتى، بىر كۈنى: ”ئى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى، بۇ نەرسىلەر خەزىنە
دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟“ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «زاكاتىنى ئايرىش
شەرتى ھازىرلىنىپ، زاكاتى ئايرىلغان مال خەزىنە دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.» دەپ جاۋاب
بەرگەن. بۇ مەنىدە يەنە نۇرغۇن ھەدىسلەر بار.
سودا- سېتىق ئۈچۈن ھازىرلانغان ماللار يىل ئاخىرىغا كەلگەندە ھېسابلىنىپ،
قىممىتىنىڭ 40 تىن بىرى زاكات سۈپىتىدە ئايرىلىدۇ. مالنىڭ قىممىتىنىڭ پۇلى بىلەن
ئوخشاش، كەم ياكى ئارتۇق بولۇشى مۇھىم ئەمەس. سەمرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ
ھەدىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزنى سېتىشقا ھازىرلىغان
نەرسىلىرىمىزنىڭ سەدىقىسىنى ئايرىشقا بۇيرۇيتتى.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى] بۇ
دائىرىگە سېتىشقا ھازىرلانغان زېمىن، بىنا، ماشىنا، سۇ تارتىش ماشىنىلىرى قاتارلىق
سېتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق نەرسىلەر كىرىدۇ.
ئەمما سېتىش ئۈچۈن ئەمەس، ئىجارە ئۈچۈن ھازىرلانغان بىنانىڭ زاكىتى قىممىتىدىن
ئەمەس، ئىجارىسىدىن ئېلىنىدۇ. ئىجارىنىڭ قىممىتى زاكات چىقىرىش مىقدارىغا يەتكەن ۋە
بىر يىل توشقان بولۇشى لازىم. (تاكسىنىڭ كىراسىمۇ بۇ دائىرىگە كىرىدۇ.) خۇسۇسىي
ماشىنىلار، تاكسىلار سېتىش ئۈچۈن ئەمەس، ئىستېمال ئۈچۈن مەۋجۇت بولغان تەقدىردە
بۇلارغا زاكات كەلمەيدۇ.
ئۆلىمالارنىڭ ساغلام قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، قەرز زاكاتنىڭ ئادا قىلىنىشىغا
توسالغۇ بولالمايدۇ.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىش لازىمكى، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بويىچە، يېتىملەر، ئەقلى-
ھۇشى جايىدا بولمىغانلارنىڭمۇ ماللىرىمۇ ئۆلچەمگە يەتكەن، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن
بولسا زاكىتىنىڭ ئادا قىلىنىشى ۋاجىب. بۇنى ئۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلىرى
ئۇلارغا ۋاكالىتەن يىل توشقاندا ئادا قىلىپ قويۇشلىرى لازىم. بارلىق دەلىللەر بۇنى
تەقەززا قىلىدۇ. مەسىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى
يەمەنگە ئەۋەتىدىغان چاغدا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئۇلارغا بايلىرىدىن ئېلىپ
كەمبەغەللەرگە بېرىدىغان زاكاتنى پەرز قىلدى.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]
زاكات ئاللاھنىڭ ھەققى بولۇپ، زاكات بىرىش مۇناسىپ بولمىغان جايلارغا سەرپ قىلىشقا
بولمايدۇ، ئىنسان زاكات بىرىش ئارقىلىق دۇنيالىق بىرەر پايدا – مەنپەئەتنى قولغا
كەلتۈرىۋېلىش ياكى بىرەر زىيان – زەخمەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلماسلىقى
لازىم. مۇسۇلمان كىشىنىڭ زاكاتنى ئادا قىلغاندا، مەقسەتلىك ئەمەس بەلكى زاكات
بېرىشكە لايىق، شەرتلىرى ھازىرلانغان كىشىلەرگە بىرىشى، بەرگەندىمۇ بۇ ۋەزىپىنى
ساغلام ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىخلاس بىلەن
بېرىشى شەرت.
ئاللاھ تائالا زاكات بىرىلىش كېرەك بولغان كىشىلەرنى بايان قىلىپ قۇرئانى كەرىمدە
مۇنداق دەيدۇ:
إِنَّمَا
الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاء وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا
وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ
اللّهِ وَابْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِّنَ اللّهِ وَاللّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
]زاكات
پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش
كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازات قىلىشقا، قەرزدارلارغا، اﷲ نىڭ يولىغا، ئىبن
سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى)
ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.[
زاكات ئايرىشنىڭ پايدىلىرى:
ئىسلامنىڭ بىر ئەركانىنى ئادا قىلىش ھېسابلىنىدۇ. بەندىنى پەرۋەردىگارىغا
يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئىمانىنى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇلاردىن سىرت ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغىنى
بويىچە كاتتا ئەجىرگە ئېرىشتۈرىدۇ، ئۇ ئارقىلىق بەندىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۆچۈرۈپ
تاشلىنىدۇ. ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: «سەدىقە خاتالىقىنى سۇ ئوتنى ئۆچۈرگەندەك
ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.» زاكاتنى ئادا قىلىش ئىنساننى گۈزەل ئەخلاق تەرەپكە يېتەكلەيدىغان
بولۇپ، بېخىللىق ۋە قۇپاللىقتىن مەرت ۋە مېھرى – شەپقەتلىك بولۇشقا ئېلىپ كېلىدۇ.
زاكاتنى ئادا قىلىشنىڭ يەنە بىر پايدىسى ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغاندەك مالنىڭ
كۆپىيىشىدۇر. زاكاتنىڭ بۇلاردىن باشقا شەخس ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتا زاكاتنىڭ
دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نۇرغۇن پايدىلىرى بار.
مۇسۇلمان قېرىندىشىم، ئۆز كۆڭۈل رازىلىقىڭ بىلەن زاكاتىڭنى ئادا قىلغىن، ئاللاھ
تائالا سېنى زاكات ئالغۇچى ئەمەس، بەلكى زاكات بەرگۈچى قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەمدۇ
ئېيتقىن.
بىلگىنكى، قولۇڭدىكى مال – دۇنيا ئاللاھنىڭدۇر. بېخىللىق قىلما،
إِنَّمَا
أُوتِيتُهُ عَلَى عِلْمٍ عِندِي
]مېنىڭ
ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم[
دەيدىغان ئىنكار قىلغۇچى بەندىلەردىن بولما. ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتقىن، زاكات بېرىشكە
لايىق كىشىلەرگە زاكاتىڭنى بېرىشكە تىرىشقىن، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىبادىتىڭنى
قۇبۇل قىلىشىنى، ساۋاپ بىرىشىنى تىلىگىن.
وصلى الله على
نبينا محمد وعلى آله وأصحابه أجمعين.
تەجىمە قىلغۇچى: ئا.قارلۇقى |