ئۈن ـ سىن سەھىپىمىزدىكى ھۆججەتنىڭ تىپى
(wma)
بولۇپ، ئەگەر سەھىپىمىزنىڭ زاپاس ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈپ
(mp3)
كە ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز
بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ
ئىشىلىتىڭ (wma
to mp3)
ئۈن – سىن سەھىپىمىزنى يېڭىلاش،
جانلاندۇرۇش ھەققىدىكى ئىستەكلىرىمىز يېڭى بولمسىمۇ،
خىزمەتلەرنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلى بۇ نوقتىغا
تېگىشلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرەلمىگەن ئىدۇق. جانابى
ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن، بۇ قېتىم تور بېتىمىزدە
ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان نەسرى ماقالىلەرنىڭ ئاۋازلىق
ھۆججىتىنى ئىشلەپ چىقىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرچە تەبلىغ،
قىرائەت ۋە ئىسلامىي كۈيلەرنى يېڭىلاش، رەتلەپ چىقىش
قاتارلىقلارغا مۇۋەپپەق بولدۇق. خىزمەتلىرىمىزدىن
جانابى ئاللاھ رازى، دوستلىرىمىز مەمنۇن بولسا
تىلەكلىرىمىز ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ. ئاللاھ مۇۋەپپەق
قىلغاي!
ئىسلامىي ئۈن – سىن ساھەسىدە بېسىلغان بۇ
قەدەمنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش مۇساپىسىدە
بېسىلغان دەسلەپكى ئاياق ئىزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ
قالغۇسى! بۇ خىزمەتنىڭ روياپقا چىقىشىدا كۈچ چىقارغان
بارلىق كىشىلەرنى دۇئالىرىڭلاردا ياد ئېتىپ
قويۇشىڭلارنى ۋە ھەرخىل سەمىمىي تەلەپ ـ پىكرىڭلارنى
ئايرىماسلىقىڭىلارنى ئۈمىد قىلىپ،