بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

گۈزەل ئەخلاق توغرىسىدا

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەيلى قەيەردە بولمىغىن، ئاللاھتىن قورققىن، قىلىپ سالغان بىر گۇناھ ئىشىڭنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنى يۇغىدەك بىر ياخشىلىقنى قىلغىن، ئىنسانلارغا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن». [ھەدىس شەرىپ، سۈنەنى تىرمىزى]

ئىمام غەززالى ئەخلاق ھەققىدە توختىلىپ دەيدۇكى؛ ئىنساننىڭ مۇنداق ئىككى شەكىلدە گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى بولۇپ چىقالايدۇ:

1) ئىنسان گۈزەل ئەخلاققا تۇغۇلۇشتىنلا ئىگە بولغان بولىدۇ، يەنى پەيغەمبەرلەر ۋە بەزى سالىھ ئىنسانلارغا ئوخشاش ھېچقانداق ئەخلاقىي تەلىم – تەربىيە كۆرمىگەن ھالدا تۇغما ھالدا گۈزەل ئەخلاقلىق بولىدۇ.

2) ھايات باسقۇچلىرىدا تىرىشىشى ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي ئادەتلەندۈرۈشى بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن سېخى بولۇشنى خالىغان ئادەم ئۆزىنى بۇ ئىشقا زورلاۋېرىشى نەتىجىسىدە بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سېخىيلىق ۋە ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرىدىغان تەبىئەت ئۇنىڭغا ئۆزلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا بولسا ئۇ سېخىيلىقتىن ھۇزۇر ئالىدىغان ھالغا كېلىدۇ. دېمەك باشقا بارلىق خۇلق- مىجەزلەرمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئادەتلەندۈرىلىدۇ.

ئىمام غەززالى يەنە ئىنساننىڭ ناچار مىجەزلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا گۈزەل ئەخلاقلارنى سىڭدۈرۈشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بەزى تەۋسىيەرنى بەرگەن:

ئا) ئىنسان ھەممە تەرەپتىن ئۆزىگە توغرا سۆزلەيدىغان، ئۆزىگە ئۆلگە بولىدىغان بىرىنى ئۈلگە قىلىشى لازىم.

ب) ھەر دائىم ئۆزىنى غەپلەتتىن ئويغىتىپ تۇرىدىغان، سادىق دوستلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشى لازىم.

س) دۈشمەنلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئۆزىنىڭ خاتا كەتكەن يەرلىرىگە دىققەت قىلىشقا، ئۇنى تۈزىتىشكە تىرىشىشى لازىم.

د) باشقىلاردا كۆرگەن يامان ئىشلارنى ئۆزىنىڭمۇ قىلىپ سېلىشىدىن قاتتىق ھەزەر قىلىشى لازىم.

ماقال تەمسىللەردىن

ئەخمەققە يۈز بەرمە، ئاپتالغا سۆز.

ياخشى پەرزەنت ئاتىنى ۋەزىر قىلىدۇ، ناچار پەرزەنت (ئاتىنى ) رەزىل (قىلىدۇ).

ھىيلە بىلەن ئىش كۆرگۈچى، دەرت- ئەلەمدە جان بېرىدۇ.

ئاتىماق ئاسان، بەرمەك تەس.

بىر قولىڭدا بەرگىنىڭنى يەنە بىر قولۇڭغا بىلدۈرمە.

ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق «ئەر» كىشىنىڭ (ئىشى).

 تۈركچە دىنىي ماتېرىيالدىن  تەرجىمە قىلغۇچى مۇنەۋۋەر نىياز ئۇيغۇرى.

 

ئەرلەر ۋە ئاياللار ھەققىدە:

* ئەرلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالىغاندىلا ئاياللار ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ.

* ئەرلەر كۆپ ماڭسا ئاياللار غەمكىن، ئاياللار كۆپ  كۈلسە ئەرلەر غەمكىن بولىدۇ.

* ئەرنىڭ شىجائىتى ئايالغا ئايال بولۇشنى ئۆگەتسە ئايالنىڭ مۇلايىملىقى ئەرگە ئەرلىك خاراكتېر ئاتا قىلىدۇ.

* بىزنىڭ ئەرلىرىمىز سۈيى يوق دەرياغا، ئاياللىرىمىز ئوتى يوق تونۇرغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.

* ئاياللارنىڭ بۇزۇلىشى ئائىلىنى ۋەيران قىلسا ئەرلەرنىڭ بۇزۇلۇشى پۈتكۈل دۇنيانى ۋەيران قىلىدۇ.

* ئاياللار بىرى زىيادە سەزگۈرلۈكتىن، يەنە بىرى زىيادە گۇمانخورلۇقتىن بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ.

* ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىيلىك، راستچىللىق يوقىلىپ كەتسە ئائىلە ”تىنچ ۋەيران“ بولىدۇ.

* ئاياللار دېمەك ئەرلەرنىڭ تەن سىرتىدىكى روھىدۇر، بۇ روھتىكى پەزىلەت ۋە دىيانەت، ئىزگۈلۈك ۋە قاباھەت ئەرلەر تاكامۇللىقىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.

* ئاياللار قۇل بولۇشقا رازىكى قۇللارنى سۆيمەيدۇ.

نەسىھەتلەر

* دۈشمىنىڭ سېنى ئاشكارا ماختىغان ۋاقىت دەل سېنىڭ يۈرىكىڭگە ئەجەل ياسىنىڭ ئوقى توغرىلانغان ۋاقىتتۇر.

* سېنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئاشكارا ماختىلىدىغان ۋاقتىڭ ئەڭ سەگەك ۋاقتىڭ بولسۇن.

* ئۆتكەننى بۈگۈنگە تەتبىقلاپ ياشىيالىغان ئاقىلدۇر، بۈگۈننى كەلگۈسىگە تەتبىقلاپ ياشىيالىغان دانادۇر.

* بىراۋغا سۆز قىلساڭ قىسقا، مەنىلىك قىل، چۈنكى مەرگەن بىر تال ئوق بىلەن نىشانغا دەل تەككۈزەلەيدۇ.

* يىڭنىنى ياراتمىغان ئادەم نەيزە بىلەنمۇ ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ.

* كىم ئۆزىنى زىيادە ئاشكارىلىۋېتىدىكەن، ئۇ، كىشىلەرنى چۆچىتىپ  قويىدۇ.

* ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان  سۆز يا تۆرگە باشلايدۇ ياكى گۆرگە.

* تولا ۋەدە بېرىۋەرمە، يالغان ئېيتىپ كۆنۈپ  قالىسەن.

* دوستۇڭنىڭ بولماسلىقى سېنى غېرىپلىق باستۇرسا، دۈشمىنىڭنىڭ بولماسلىقى سېنى غەپلەت باستۇرىدۇ.

* ئۆزۈڭدىن يۇقىرىدىكىلەرگە ئەقىل كۆرسىتىشكە ئالدىرىما، بولمىسا ئاسانلا دۈشمەنگە ئايلىنىسەن.

* قورقما، ئەڭ كۆپ  داۋراڭ سالىدىغانلار ئەڭ تېز مەغلۇپ بولغۇچىلاردۇر.

* ئۆز ۋاقتىغا ئىگە بولالىغان ئادەملەر- بەختلىكلەردۇر. ئۆز ۋاقتىنى ئۆنۈملىك خەجلىگەن ئادەم ئاقىلدۇر.

* ئىككى خىل ئادەم ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. بىرى ئەقىللىق ئادەم، يەنە بىرى بىخۇدلاشقان ئادەم.

* ئەگەر سەن ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببەتكە ئېرىشەي دېسەڭ ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببەتنى باشقىلارغا ئاتا قىلىشقا تەييارلان.

تەرمىلەر سەھىپىسىگە قايتىش ⇦⇦⇦

«شىنجاڭ مەدىنىيەت ژورنىلى» دىن ئېلىندى. توپلاپ رەتلىگۈچى مۇنەۋۋەر نىياز ئۇيغۇرى.

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org