|
كىبىرنىڭ داۋاسى (2)
كىبىرلىنىشتىن ئىبارەت بۇ روھىي كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ۋە
ھەر يەردە كەمتەر ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرىنى قىلىش لازىم. كىبىر بىر
ئادەمنىڭ كۆرۈنىشىدە، تىلىدا، بەدىنىدە، كىيىنىشلىرىدە، ھەرىكەت ۋە
تۇرۇشلىرىدا بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئىنسان بۇ ھالەتلىرىنى ئۆزىدىن يوق
قىلىشقا ۋە بۇلاردىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا ئادەتلىنىشى لازىم. كىبرىنىڭ
ئالامەتلىرى :
ئا:
كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئورنىلىرىدىن تۇرۇشىنى ياكى ئۆرە تۇرۇشىنى ئارزۇ
قىلىش.
ب:
باشقىلارنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىش، ئەمما ئۆزى
باشقىلارنى زىيارەت قىلىشقا بېرىشنى خالىماسلىق.
س:
يېنىدا پېقىر
ئادەملەرنىڭ ئولتۇرۇشىنى خالىماسلىق. ئەمەلىيەتتە بولسا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام پېقىر كىشىلەرنى مېھمان قىلاتتى ۋە پېقىر كىشىلەر بىلەن
كۆرۈشكەندە ئۇلار قوللىرىنى تارتىۋالمىغىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
قولىنى تارتىۋالمايتتى.
د:
ئۆيلىرىدە ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلماسلىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز
ئۆيىدە ئۆزى ئىشىنى ئۆزى قىلاتتى.
ئې:
ئۆيىگە ئېلىپ كېلىدىغان نەرسىلىرىنى ئۆزلىرى كۆتۈرۈپ كەلمەسلىك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئۆزى كۆتۈرۈپ
ئېلىپ كېلەتتى. ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ كۆتۈرۈشۈپ بەرمەكچى بولغانلارغا:
«ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى ئۆزى كۆتەرگىنى ياخشى» دەيتتى.
بۇ سۈننەتكە ئەمەل قىلغان ساھابىلاردىن بىرى بولغان ئەبۇ ھۇرەيرە
رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ۋالىيلىققا تەيىنلەنگەن ۋاقتىدا ئوتۇننى مۆرىسىگە
ئېلىپ كۆتۈرەتتى ۋە : شەھەرنىڭ ۋالىيسىغا يول بېرىڭلار، دەيتتى.
ف:
چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىش كىبىرنىڭ ئالەمەتلىرىدىن ھېسابلانمايدۇ،
ئۆزى يالغۇز تۇرغاندىمۇ چىرايلىق كىيىنىپ يۈرۈش كىبىرلىكتىن كىيگەنلىك
ئەمەستۇر، چۈنكى ئۆزى يالغۇز بولسىمۇ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىش پەقەت
چىرايلىقلىقنى ياخشى كۆرگەنلىكتۇر. ئەمما شۇنداق كىبىرلىك ئىنسانلار
باركى ناچار كىيىملەرنى كىيىۋىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى زاھىدلاردەك
كۆرسىتىش ئارقىلىق كىبىرلىنىدۇ.
كىبىردىن ئىبارەت ئىللەتكە قارشى ئىنساننىڭ ئۆزىنى ساقلاشنىڭ ئەڭ
ئىشەنچلىك يولى ئۆزىنىڭ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكى ھەققىدە پىكىر
يۈرگۈزمەك، ئۆزىنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىگە نەزەر سالماق ۋە ئاخىرەتنى
ئەسلەپ تۇرماقتۇر. بىلىش لازىمكى مال- مۈلۈك، بەدەندىكى گۈزەللىكلەر،
بالىۋاقىلار ۋە پۈتۈن دۇنيا پانىيدۇر، بۇنداق بولغان ئىكەن ئاقىۋىتى
يوق ئەرزىمەس نەرسىلەر ئۈچۈن كىبىرلىنىش ئەقىللىق ئىنساننىڭ ئىشى
ئەمەستۇر.
شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى ئىلىم ۋە ئىبادەتتىن ھاسىل بولغان كىبىرگە
كېرەكلىك بولغان داۋالار چوڭ ھەم بۇنىڭغا كېلىدىغان ئازابمۇ قاتتىقتۇر.
ئىلىمنىڭ قىممىتى چوڭ بولغىنىدەك مەسئۇلىيەت ۋە ئازابىمۇ قاتتىقتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي ئالىم ھەمىشە ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان كەمتەرلەردىن
بولۇشى لازىمدۇر. |