|
شەرق
شائىرى" ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ شېئىرلىرىدىن پارچىلار
(بۇ شېئىر "ئەللامە ئىقبالنىڭ ئۆزلىك پەلسەپىسى" ناملىق كىتابتىن
تەرجىمە قىلىندى)
"ئۆزلىك" نىڭ بۇ تېخى تۇنجى مەنزىلى،
مۇساپىر بۇ سېنىڭ ماكانىڭ ئەمەس.
سېنىڭ ئوتلۇرۇڭ بۇ كۈلداندىن ئەمەس،
جاھانلار سەندىن، سەن جاھاندىن ئەمەس.
مېڭىۋەر ئىگىز چوقىلارنى سۇندۇرۇپ،
زامان ۋە ماكان تىلسىمىنى سۇندۇرۇپ.
جاھان يەنە بار تېخى ئايان بولمىغان،
ۋۇجۇد ھەم ۋىجدان بېكار پەيدا بولمىغان.
ھەممە كۈتمەكتە سېنىڭ ئېتىلىشىڭنى،
شوخ تەپەككۇرۇڭ، ئەمەل، ئىشىڭنى.
بۇ رەڭلىك دۇنياغا قانائەتلەنمە،
چىمەن يەنە بار، گۈلۇستانمۇ بار.
سەن بىر بۈركۈت ئىشىڭ پەرۋاز قىلىشتۇر،
ئالدىڭدا تېخى كەڭ ئاسمان يەنە بار.
چىرمىشىپ كەتمە بۇگۇنكى كەچ بىلەن،
سىنىڭ زامانىڭ، ماكانىڭ يەنە بار.
مۇسۇلمان
ئاڭلا دوستۇم قولۇمدىدۇر تەۋھىد، چىن مۇسۇلمانمەن،
بۇ ساداقەتنىڭ ئەزەلدىن شاھىدى بولغانىمەن.
كائىنات تومورىغا ھارارەت بەرگىنى تەۋھىد،
مۇسۇلمان ئەفكارىغا جاسارەت بەرگىنى تەۋھىد.
بۇ ساداقەت يۈزسىدىن ئالەم ياراتقاندۇر خۇدا،
ۋە مېنى ھەقكە مۇھاپىز قىلىپ ياراتقاندۇر خۇدا.
جاھالەت بىلەن كۇپرىنى يوقاتقانمۇ مەن ئىدىم،
پۈتكۈل ئالەم ئىززىتىنى قوغدىغانمۇ مەن ئىدىم.
كائىنات ئەريانىغا* ماۋجۇتلىقىم بولغان كىيىم،
ئار ئەمەسمۇ نەسلى ئادەمگە مېنىڭ يوقالغىنىم.
كۆزلىرىمدە ئۇپ – ئوچۇق تۇرسا ھايات تىلسىملىرى،
بۇ ھايات جەڭگاھىدا كىممۇ ئۇمۇتسىز دەر مېنى.
ئۈممىتىم تەقدىرىگە كامىل ئىمانىمدۇر مېنىڭ،
بۇ كېتەر غەم مەنزىرى قانداقمۇ قورقاتسۇن مېنى.
ئازات ماكانىم تىكلىنەر چىن ئۈمىت تىلەكلەردىن،
كېلەر نۇسرەتتىن ئۇچۇر توختىماس كۆرەشلەردىن.
بۇمۇ راست، كۆزدە تۇتۇپ ئۆتمىشىم شەۋكىتىنى،
دائىما سۆزلەپ يۈرىيمەن ئۇ قەدىم داستانىنى.
ئۆتمىشىم ئەسلىمىسى تۇپرىقىم ئەكسىرىدۇر*،
شۇ بۈيۈك تارىخلىرىم كەلگۈسۈم تەپسىرىدۇر.
مەن يەنە سالسام نەزەر بۇ شات زامانىڭغا سېنىڭ،
ئۆتمىشىم ئەينەكىدە كۆرىنىەر كېلەچىكىم.
ئانىنىڭ چۇشى
(ئەللامە ئىقبالنىڭ ئۆسمۇرلەر شېئىرلىرىدىن پارچە)
ھەسرەتلىرىم زەپ ھەسسە ئۇلغايدى،
كېچە ئۇخلاپ بىر چۇش كۆرۇپ مەن.
يۇلۇم نامەلۇم شۇنچە قاراڭغۇ،
قاياقلارغىدۇر مىڭىپتىمىشمەن.
ۋەھىمە بېسىپ تىترەيتتى تىنىم،
دەھشەتتىن باسماس ئىدى قەدىمىم.
سەپ تىزىپ ماڭغان بىر توپ يىگىتلەر،
كۆز ئالدىمدىلا كۆرۈندى بىردىن.
زۇمرەتتەك يېشىل كىيىم كىيىشكەن،
قوللىرىدا شام يانماقتا تەڭلا.
جىمجىت رىتىملىك كىېتىپ باراتتى،
نىشانى قاياق بىلەر بىر ئاللاھ.
كۆرۈندى ئوغلۇم ئاشۇ سەپ بىلەن،
كەينىدە قالغان تېزراق ماڭالماي.
قولىدا مەھكەم تۇتقان شاممۇ ھەم،
نىچۇنكىنتاڭ تۇرۇپتۇ يانماي.
ئى جان قوزام! نەدە يۈرىيسەن؟
پىراقلىرىڭدا قەلبىم بېقارار.
كېچەيۇ ـ كۈندۈز يىغلاپ نەچچە رەت،
تۆككەن يىشىمدىن مارجان تىزىلار.
مېنى تاشلاپ كېتىپ ھىجرانغا،
ئاھىمغا پىسەنت قىلمىدىڭ ئەجەپ!
سېنىڭدىن كەلگەن ۋاپا شۇمىتى؟
دېدىم ئۇنىڭغا زورىقىپ كۈچەپ.
نالە ـ زارىمنى ئوغلۇم كۆرۈپلا،
كايىدى شۇئان قىيىداپ ماڭا.
زارلانساڭ ئانا جۇدالىقىمدىن،
قانداق ياخشىلىق كېلىدۇ ماڭا؟
قاراپ باق، بۇ ئۆچۈك شامغا ئانا،
كىمنىڭ ئاھلىرى پۈۋلىگەن ئۇنى.
سېنىڭ بېمەھەل زارلىنىپ يۈرۈپ،
تۆككەن ياشلىرىڭ ئۆچۈرگەن ئۇنى.
كامىلجان تەرجىمىسى
---------------------------------------------
* ئەريان - يالىڭاچلىق
* ئەكسىر – چۆچەكلەردىكى مىسنى ئالتۇنغا ئإزگەرتەلەيدىغان سىھىرلىك
ماددا |