بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى ئالماشتۇرۇش | силавийәнчә

 

 

     

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك تورداشلار !

 خەلقئارا ئۇچۇر تورى ـ ئىنتېرنېت ـ نىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك ئومۇملىشىشى ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ساھەسىدە ئاجايىپ زور قولايلىقلارنى يارىتىپ، ئىنسانلارنىڭ تىل، ئەدەبىيات – سەنئەت، تارىخ، مەدەنىيەت، دىن، سىياسەت، ئىقتىساد... قاتارلىق ساناپ تۆگىتىش قېيىن نۇرغۇن جەھەتلەردىكى ئىلگىرىلىشى، ئورتاقلىشىشى ۋە تەرەققىياتىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئىلىم دۇنياسىنىڭ پەنلەرنى ئىنچىكە تۈرلەرگە ئايرىشى ھەممە نەرسىنىڭ، ھەتتا تور بەتلىرىنىڭمۇ كەسپىلىشىش تەرەپكە يۈزلىنىش جەريانىنى تىزلەتتى. دېمەك، ئىسلام دىنىغا ئائىت ئۇيغۇرچە تور بەتلىرى بولسىمۇ، ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىپايان دېڭىز كەبى بۇ دىننىڭ بىلگىلىرىنى كىشىلەرگە ئەتراپلىق يەتكۈزۈش جەھەتتە يەنىلا بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، ھەمكارىلىشىپ ماڭمىسا بولمايدىغانلىقى پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتكە ئايلاندى.

شۇنداق قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر قىسىم چوڭ ھەجىملىك كىتابلىرى،تەرجىمە سىياسىتىدە مۆتىدىل ئىسلام كىلاسسىكلىرىنىڭ نوپۇزلۇق دىنىي ئەسەرلىرىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تەرجىمە قىلىش ۋە تارقىتىش خىزمىتى بىلەن ھەممىڭلارغا تونۇلغان "ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى" مۇ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلارنى تولۇقلاش جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە ھەسسە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ دىنى مەجبۇرىيىتى ھېسابلاپ، "مۇنبەر" (يەنى مەسچىتتىكى ئىمام خۇتبە ئ،وقۇيدىغان مۇنبەر) ئىسىملىك بۇ تور بېتىنى ياساپ دېققىتىڭلارغا سۇندى. دېمەك، مەركىزىمىز ئۆزىنىڭ تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان كىتابلىرىنى باستۇرۇپ تارقىتىش، تور بېتى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ تېز ۋە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىشتىن باشقا، ئىسلامنىڭ ئەقىدە، تەفسىر، ھەدىس، فىقھىغا ئائىت تۈرلۈك ساھەلىرى بويىچە كىتابلار، ئىلمىي ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە سونۇش، ئىسلام دىنىغا دائىر سورالغان سوئاللارغا قۇرئان، ھەدىس، سەلەفلەرنىڭ كىتابلىرى ۋە زامانىمىزدىكى مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ ئىجتىھادلىرىغا تايىنىپ تورۇپ پەتىۋا ياكى جاۋاب بېرىش، ئۇنىڭدى باشقا كۈندۈلۈك خەلقئارالىق خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلەشلەرنى مەقسەت قىلىدۇ. ھالبۇكى، كىتابلىرىمىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز دىنىنى ئەسلى مەنبەسى ئارقىلىق توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىشىگە ھەمدەم بولالىسا، كۈتكەن ئارزۇلىرىمىز ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ.

تور بېتىمىز ھېچقانداق ئورگان ياكى كۈچلەرنىڭ ھىمايىسىدىمۇ ئەمەس ھەم سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەر قاندىقىدىن يىراق ھالدا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بېتىمىزنىڭ مۇنازىرە مۇنبىرى، پىكىر دەپتەرلىرىدىمۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ سىياسىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، تالاش – تارتىش قىلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. شۇنداقلا شۇ قاتاردىكى مەزمۇنلارنى تور بېتىمىزدىن دەرھال ئۈچۈرۈپ تاشلىنىدۇ ھەم ئۇ پىكىرلەرنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.

     ھۆرمەت بىلەن :

ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

 
 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org