|
ئەدەبىياتتا ئىسلام روھىي (ئىسلامىزم)
ئېنىقلىما:
v
ئەدەبىياتتا ئىسلام روھىي- ئەدىبنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئەخلاقىي قاراشلىرى بۇيىچە ئەدەبىياتنى ئەقىدىگە، شەرىئەتكە، شۇنىڭدەك ئىسلامنىڭ قىممەت قاراش، تەلىمات ۋە غايىلىرىنى يۇرۇتۇشقا خىزمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت نوقتىدا سەمىمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، تۇرمۇش ۋە دەۋرگە ئائىت مەسىلىلەر ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتكەندە، ئىزچىل ھالدا مەركىزىدە ياشاپ كەلگەن ئىسلامنىڭ ئىجابىيلىقىنى ئىپادىلىشى، دېمەكتۇر. مۇشۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئىسلامنىڭ ئەخلاق، تەسەۋۋۇر ۋە كائىنات، تۇرمۇش، ئىنسان ھەققىدىكى ئەتراپلىق قاراشلىرىغا ئويغۇن شەكىلدە مەيدانغا چىقىدۇ. ئىنسانلارنىڭ دىنلار بىلەن ۋە مەيلى كوللىكتىپ ياكى يەككە شەكىلدە بولسۇن بارلىق مەخلۇقاتلار بىلەن ئالاقىسىغا دائىر ھەقىقەتلەرنى ئىسلامنىڭ ھەقىقەتلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمايدىغان، ئەڭ ئاددى ۋە نازۇك نوقتىلاردا بولسۇن ئۇنىڭ روھىغا قارشى يۈنۈلۈش شەكىللەندۈرمىگەن دائىرىدە ئىپادىلەيدۇ.
(ئەدەبىياتتا) ئىسلامىزمنىڭ ئۆلچەملىرى:
- يۇقىرىقى ئېنىقلىما ئىسلامىي خاراكتىرگە ئىگە ئەدەبىي ئەسەرلەردە ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان بىر قاتار ئۆلچەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئۆلچەملەرنىڭ بىر قىسمى ئەسەرنىڭ ماھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندا ئىپادىلەنسە، يەنە بەزىلىرى ئەسەرنىڭ گەۋدىسى ياكى شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئىككى خىل ئامىل ئىسلام روھىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسىغا ماسلاشقان ھالدا ئىلگىرلەيدۇ. ئەقىدىدە چىڭ تۇرۇش، چىنلىق، ئېنىق ئىپادىلەش، ئىجابىيلىق، ئۆتكۈرلۈك ۋە ئىزچىللىك بۇ ئۆلچەملەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى:
1- ئەقىدىدە چىڭ تۇرۇش:
بۇ - ئەدىبنىڭ ئەقىدە، شەرىئەت، ئىسلامنىڭ قىممەت- قاراش، ئەخلاق، شۇنىڭدەك، ئىسلامنىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرى، كۆزلىگەن نوقتىلىرى ۋە ئومۇمىي غايىلىرىگە خىزمەت قىلىشنى كۆزلىگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر ئېقىمىدا ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك قاراشنى ئىسلام ھەقىقەتلىرىنىڭ تەبىئىي ھېس-تۇيغۇلىرىغا خىلاپ بولمىغان شەرت ئاساسىدا ئومۇملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى، دېگەنلىكتۇر.
2- چىنلىق:
ئەدىب ئوقۇرمەنگە ئۆزىنىڭ بارلىق ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ ئىسلامىي تەسەۋۋۇر، گۈزەل ئەخلاق چاقىرىقى، ياخشىلىقنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىسلامىي ۋىجدانغا نامۇۋاپىق بارلىق ناچار خاھىشلاردىن يىراق ھالدا مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەققىدە چىن تۇيغۇلارنى تەقدىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، دېمەكتۇر. ئەدىبنىڭ يالغۇز قىسىم ئەسەرلىرىنىڭلا ئىسلامىي چىنلىققا ئويغۇن بولۇشى، ئۇنى ئىسلامىي ئەدىبلەر قاتارىغا قويۇش ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ.
3- ئېنىق ئىپادىلەش:
ئىسلامىيەتتە ئەدەبىي ئەسەر ماھىيەت ۋە قورۇلما ياكى مەزمۇن ۋە شەكىلدىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەرنىڭ مەزمۇن ۋە قورۇلمىسى ئىسلامىي ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە ئوقۇرمەن دەرھال چۈشىنەلىگۈدەك دەرىجىدە ئېنىقلىققا ئېگە بولۇشى لازىم. بۇنداق بولغاندا ئەدىبنىڭ ئىسلامىي ئېقىمغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئەسەرلىرىگە قاراپلا بىكىتىش مۇمكىنچىلىكى مەيدانغا كىلىدۇ.
4- ئىجابىيلىق:
ئىجابىيلىق دېگەندە، ئىسلامىي ئېقىمغا مەنسۇپ ئەدىبنىڭ ئىسلامىي ئەقىدە ۋە تەسەۋۋۇرنى ياقلىشى، ئۇنىڭغا قارشى يول تۇتماسلىقىنىڭلا يىتەرلىك بولمايدىغانلىقى، ئۇ يۇقىرىقىلاردىن سىرت، يۈنۈلۈشىدە ئىجابىي يول تۇتىشى، ئىسلام بىلەن بىر سەپتە تۇرىشى، ئۇنى ھېمايە قىلىشى، دۈشمەنلىرىگە پىكرى، سۆز- ھەرىكەتلىرى ۋە ئەخلاقىي ساھەلەر بۇيىچە قارشى تۇرىشى قاتارلىقلارنىڭ زۆرۈرلىكى كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئەدەبىياتتا ئىسلامىزم، ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرىدە ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئەقىدىسىنى قوغداش مەسىلىسىدە ئىككىلىنىشكە ئىمكان قالدۇرمىغۇدەك دەرىجىدە مەيدان ھازىرلىشىنى شەرت قىلىدۇ.
5- ئۆتكۈرلۈك:
ئەدىبنىڭ ئەدەبىي ئەسەرنى تىما ۋە مەزمۇنغا خىزمەت قىلىدىغان ئۇسلۇبتا ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئوقۇرمەننى قىزىقتۇرىشى ۋە ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا قانائەتلەندۈرىشى، دېمەكتۇر.
6- ئىزچىللىك:
بۇنىڭدا، ئىسلامىزم ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەدىبنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەۋەلىكىنى ئىزچىل ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ مېڭىشىنىڭ زۆرۈرلىكى، ئىسلامىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىدا، ئىلگىرى يازغان ئىسلامىي روھقا ئىگە ئەسەرلىرىگە مەيلى ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن شەكىلدە بولسۇن ئويغۇن كەلمەيدىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقىنىڭ مۇھىملىقى كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئىلگىرى باشقا ئېقىملار بۇيىچە ئەسەر يېزىپ، كېيىن ئىسلامىي ئېقىمغا مەنسۇپ بولغانلارغا نىسبەتەن ئىزچىللىق ئۆزگىچە مەناغا ئىگە بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئىسلامىي ئېقىمغا مەنسۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى غەيرى ئىسلامىي ئېقىملارغا قايتماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئەھۋالنى مۇخەزرەم (ئەسلىدە غەيرى ئىسلامىي ئەدەبىي ئېقىمنىڭ مەنسۇپلىرى بولۇپ، كېيىن ئىسلامىي ئېقىمغا قوشۇلغانلار كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئەكسىچە يول تۇتقانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەيدىغانلارمۇ بار.- تەرجىمان) شائېرلاردىن كەئب ئىبن زۇھەير، ھەسسان ئىبن سابىت .. قاتارلىقلاردا روشەن ھېس قىلىمىز.
قورۇلۇشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى:
كەئب ئىبن زۇھەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
كەئب ئىبن زۇھەيردىن باشلاش ئارقىلىق ئەدەبىياتتىكى ئىسلامىزمنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش مۇمكىن. ئىسلامىزم ئىسلام ئالەمىدىكى مۇئەييەن شەخس ياكى مۇئەييەن ۋاقىتقا خاسلاشتۇرىۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدىكى كەڭ دائىرىدۇر. ئىسلام ئەدەبىيات مەدرىسىسىنى شەكىللەندۈرۈش يولىدا كۈچ چىقارغان بەزى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئەمەلىيەتتە شەخسى قاراشلاردىن ھالقىغان تېخىمۇ چوڭقۇر مەزمۇنلارنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلاتتى. بۇ ئەدەبىياتتىكى ئىسلامىي ئېقىم ياكى بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىگەندە "ئىسلامىزم" ئىدى. بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ كەئب ئىبن زۇھەيرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيلەپ "لامىييە" قەسىدىسىنى ئوقۇغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا ئۆز تونىنى كەيدۈرۈپ قويغان لەھزىلەردىن باشلانغانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەقىدىسىنى چىقىش قىلغانلىقى ۋە چىن ئىپادىلىگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغان. "مھند من سيوف الھند المسلول" دېگەن مىسرانى "مھند من سيوف اﷲ مسلول" دەپ تۈزىتىپ قويغان. بۇ شېئىر دەۋەت ساھەسىدە مۇبالىغىدىن يىراق ئىسىل نىشان ۋە يۈكسەك غايىگە ئىگە. بۇ خىل يۈزلىنىشنى زەمەخشەرىي "كەششاف"تا ناھايىتى يارقىن ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىگەن.
ھەسسان ئىبن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شائىرى ھەسسان ئىبن سابىت جاھىلىيەت ۋە ئىسلامنى باشتىن كەچۈرگەن مۇخەزرەم شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇ دەسلەپ ئىمان ئېيتقان خەزرەجلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئىسلامنى قوبۇل قىلغان. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قەلبىنى ئىسلام نۇرى بىلەن يۇرۇتقاندىن باشلاپ، مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرنى خاتىرلەيدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غازاتلىرىنى مەدھىيلەيدىغان، مۇشرىكلارنىڭ شائىرلىرىغا كۈچلۈك رەددىيە قايتۇرىدىغان ئەقىدە شائىرىغا ئايلاندى. ئۇ، ئىسلامنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بايان قىلىش، ئۇنىڭ ئەدەب- ئەخلاقلىرى بىلەن ئەخلاقلىنىش، ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىدىغان نەسىر ۋە نەزملەرنى ئېيتتى. شېئىرلىرىدا قورەيشلەرنىڭ نادانلىقىنى پاش قىلدى. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسلام قانۇنچىلىقىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى ۋە ھەق شەرىئەتنىڭ، ھىدايەت ئەلچىسىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلدى. ئىسلامنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بايان قىلىشتا ئەدەبىياتنىڭ ئوينايدىغان رولىنى روشەن گەۋدىلەندۈردى. ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى شېئىرلىرى قۇرەيزە ۋە ئەھزاب ئورۇشلىرىدا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوقۇغان مەدھىيەلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. ئۇ شېئىرلىرى ئارقىلىق ئىسلامنىڭ قىممىتىنىڭ تەۋھىدتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئابدۇللاھ ئىبن رەۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
ئابدۇللاھ ئىبن رەۋاھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلامنى قوغدىغان ئۈچ شائىرىنىڭ بىرى ئىدى. گەرچە ئۇ ھىجىرىيەنىڭ سەككىزىنچى يىلى شېھىت بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن شېئىرلىرى چەكلىك ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىسلامنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئوخچۇپ چىققان جاسارەت، پەيغەمبەر سۆيگۈسى، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلىش، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشىغان ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم قاراشلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇللاھ ئىبن رەۋاھە ھەقىقەتەنمۇ ئىسلام جىھادى شېئىرلىرىنىڭ بايراقدارى ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئېيتقانلىرىمىزنىڭ جانلىق شاھىدى. دوكتۇر مۇھەممەد ئىبن سەئد ئەششۇۋەيئېر مۇنداق دەيدۇ: "ئابدۇللاھ ئىبن رەۋاھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن ئىسلام شېئىرىيەتچىلىكىنىڭ ياقلاپ مېڭىشى زۆرۈر بولغان ئەڭ گۈزەل يۈنۈلۈشنى، ئىپادىنىڭ چىنلىقى، مۇددىئا- مەقسەتنىڭ ساغلاملىقى، تەنقىدىي بايانلاردا قوپاللىق قىلماسلىق ۋە ئىبارىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىكى مۆتىدىللىق خۇسۇسلىرى بۇيىچە ئەڭ بەدىئىي دائىرىنى سۈزۈپ ئالغان."
ئۆمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
ئەققاد، تاھە ھۇسەين رەھبەرلىكىدىكى غەربلەشتۈرۈش ئېقىمىغا قارشى تۇرۇش يولىدا ئىسلامىزم ئەدەبىياتىدا ئەڭ چىڭ تۇرغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەققادنىڭ بۇ خۇسۇستا ئېيتقانلىرىنىڭ ۋەزنى بار. ئۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دانىشمەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
ئۆمەر ئىبن خەتتاب ئەدىب، تارىخچى ۋە فىقھىشۇناس ئىدى. (344-بەت) ئۇ شېئىرغا، مەسەللەرگە ۋە ئەدەبىي پارچىلارغا تۇلىمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇ شېئىر ئېيتاتتى ۋە ئۇنى مىسال كەلتۈرەتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ يالغۇز خەلىپىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ھاياتى بۇيىچە بىر ئەدىب ئىدى. ئۇ، دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل كىشىلەر ياكى ئىشەنچلىك قازىلار تەرىپىدىن ئېتىراز بىلدۈرۈلگەن شېئىرلاردىن باشقا شېئىرلارغا قارشى تۇرمايتتى. ئۇ، مەسخىرە خاراكتىرىنى ئالغان شېئىرلارنى چەكلىگەن. ئىسلام تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن يۈكسەك مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شېئىرلار ئۇنى ئۆزىگە قاتتىق جەلىپ قىلغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شېئىرنىڭ تەلىم- تەربىيە غايىسى بار، دەپ قارايتتى. ئۇ ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا يازغان بىر پارچە خېتىدە "سەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەر شېئىر ئۆگۈنۈش بىلەن بولغان. چۈنكى شېئىر گۈزەل ئەخلاق، توغرا قاراش ۋە نەسەبلەرنى تونۇشقا ئېلىپ بارىدۇ..." دېگەن بولسا، ئوغلىغا "ئەي ئوغلۇم.. گۈزەل شېئىرلارنى يادلىغىن، ئەخلاقىڭنى ياخشىلايدۇ.. ياخشى شېئىرلارنى يادلىمىغان كىشىلەر ھەقىقىي يۇسۇندا تەربىيلەنمىگەن، ئەدەب- ئەخلاققا يېقىنلاشمىغان كىشىلەردۇر." دەيدۇ.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئۆلچەملىرى ھەققىدە توختىلىپ: "شېئىرنىڭ ياخشىلىرىنى، ھەدىسنىڭ گۈزەللىرىنى سۆزلەپ بىرىڭلار.. شېئىرنىڭ ياخشىلىرى گۈزەل ئەخلاققا ئېلىپ بارىدۇ، يامانلىقلاردىن تۇسىدۇ" دېگەن.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشىدىكى ئىسلامىزم ئەدەبىياتى تەسەۋۋۇرىنى تەكىتلەيدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، نۇئمان ئىبن ئەدىي يازغان بىر پارچە شېئىرىدا ئىسلامنىڭ غايە ۋە مەقسەتلىرىدىن ھالقىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان چاغدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق بىر ۋالىي بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتقان. نوئمان ئۆزىنىڭ پەقەت شائىر ئىكەنلىكىنى، شېئىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىنىڭ يالىڭاچ شەكىلدە يېزىلغان بىر پارچە شېئىرغا تايىنىپ تۇرۇپ يازغانلىقتىن باشقا ھېچ ئىش قىلمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان ئۆرزىخاھلىقىنىمۇ قوبۇل قىلمىغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە ھەتېيئەنى زەبەرقان ئىبن بەدرنى شېئىر ئارقىلىق مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلىغان. ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىدە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشىغان بىر كىشى بۇنىڭدىن باشقا يول تۇتمىغان بولاتتى. بۇلارغا ئاساسەن، ئەگەر تەبىرىمىز خاتا بولمىسىلا، ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنى چىڭ تۇتۇش مەجبۇرىدۇر. ئىسلامىزم ئەدەبىياتى شەرت قىلىنغان ئىكەن، ئەلۋەتتە مەسئۇلىيەتنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئۆمەر ئىبن ئابدۇلئەزىز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
سۆزسىزكى، ئۆمەر ئىبن ئابدۇلئەزىز ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى؛ چۈنكى ئۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىجادىيىتىدە دىنىي قاراشلاردا چىڭ تۇرۇش، ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرىغا تولۇق بويسۇنۇشنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، ئۇنىڭ ئەمەلىي مىساللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ مەدھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئەدەبىي ئەسەردىكى قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولغان بىر نوقتىدا ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىسلامنىڭ ئاساسىي مەقسەتلىرىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ شائىرلارنىڭ ئۆزىنى مەدھىيەلىشىنى توسىغان. كەسىر ئىبن ئابدۇرراھمان بىر پارچە شېئىرىدا ئۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندە، ئۇ ھەقىقەتنى شېئىرىي ئىجادىيەتتىكى بەدىئىيلىكنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى ئۆلچىمى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ۋە كەسىرگە "شۇنداق، ھەقىقەتكە مەنسۇپ بولمىغان نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويما" دېگەن.
ئۆمەر ئىبن ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەدەبىياتنىڭ ئەخلاق ۋە يۈكسەك غايىلەرنى ياقلىشى مەسىلىسىگە سەل قارىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان نوقتىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ خەلىپىلىكنى ئۈستىگە ئالغان چاغدا شائىرلار بىلەن ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مەشھۇر قىسسىسىدۇر. شائىرلارنىڭ ئۆمەر ئىبن ئابدۇلئەزىزنىڭ ھۇزۇرىدا شېئىر ئوقۇش ئۈچۈن دەرۋازىدا ساقلاۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بىرىلدى. سورۇنىدىكىلەرنىڭ بىرى شائىرلارغا ۋاسىتە بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شېئىرغا قولاق سالغانلىقىنى، شائىرلارغا رۇخسەت بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، دەرۋازىدىكى شائىرلار كىملەر؟-، دەپ سۆرىدى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئېيتىلغاندا، بىر- بىرلەپ رەت قىلدى ۋە رەت قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىن مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىزاھلىدى. شائىرلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت جەرىرلا ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەلىدى، چۈنكى ئۇ شائىرلار ئارىسىدىكى ناچار تەرەپلىرى ئەڭ ئاز بىرسى ئىدى.
ئىبن قۇتەيبە ۋە باشقىلار:
ئىبن قۇتەيبە شېئىرنىڭ دىن، ئەخلاق ياكى ھېكمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنىڭ پايدىلىق مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى مۇھىم، دەپ قارىدى. مۇھەلھىل ئىبن يەمۇت ئىبن مەزرەئ، ئىبن ۋەكىئ تەنىيئىسى، سەئالىبىي، ئەمرۇ ئىبن ئۇبەيد، مىسكەۋەيھ، ئىبن شەرەف ئەلقەيرەۋانىي قاتارلىقلارمۇ ئىبن قۇتەيبە بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئىدى. ئىبن ھەزم غەزەل ئېيتىشتىن توسىغان، ئۆز تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن ئەدەبىياتتىكى ئىسلامىزم روھىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن چەكتىن ئاشقان شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن. شېئىرنىڭ ئەدەبىياتنىڭ سەنئەتنىڭ يالغۇز بىرلا ژانىرى ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شەك يوق. بىراق شېئىر ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلامىي پرىنسىپ ۋە ئۆلچەملەر ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ باشقا بارلىق ژانىرلىرى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە.
ئەلىي ئەھمەد باكەسىير:
باكەسىير شېئىر، ھېكايە ۋە دېرامما تۈرلىرى بۇيىچە ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنىڭ چولپىنى، دەپ سۈپەتلىنىدۇ. ئۆسۈپ يىتىلىشى، پىكرى قورۇلۇشى، نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە مەدەنىيەت قوبۇل قىلىش مەنبەلىرىنىڭ رەڭدارلىقى باكەسىيرنىڭ شەخسىيىتى ۋە قەلىمىنى شەكىللەندۈرۈشتە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېقىنقى زامان دېراممالىرىنى دېرامما يېزىشنىڭ ئۇسۇل- قائىدىلىرىنى ئىچكىرلەپ ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىش ئاساسىدا يېزىپ چىققان.
باكەسىيرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىكى ئاساسلىق يۈنۈلىشى ئۇنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىسى، قىممەت قارىشى ۋە ھاياتقا بولغان توغرا تەسەۋۋۇرىدىن ئىبارەت ئىدى. نەجىيب كەيلانى باكەسيىرنىڭ "كىر ئارغامچىسى" ناملىق دېراممىسى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ، ئاتىمىشىنچى يىللارنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا مىسىردىكى بارلىق ئىشلارنىڭ تىزگىنىنى كۇمىنىستلارنىڭ مونۇپۇل قىلىۋالغان مەزگىللەردىكى مېتودنىڭ چىرىكلىكى، ئىدارە قورۇلمىسىنىڭ پەسكەشلىكى، خەلق مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ئېغىشى قاتارلىقلارنى تەنقىدلەيدىغان جاسارەتلىك نىدا ئىدى. ئۇ مەزگىلدە كومىنىستلار دۆلەتكە قارشى شۇئالارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇلار دۆلەت سىرتىدىكى خۇجايىنلىرىدىن ئالغان ئىلھاملارنىڭ تەقەززاسىغا كۆرە پۇرسەتپەرەستلىك قىلىش، پىلانلارنى ئىجرا قىلىشىۋاتاتتى. باكەسىيرنىڭ دېراممىسىدا مسىرسىدىكى ماركىسىزم ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ رەھىمسىز تەجرىبىلىرى تەنقىدلەش يۇشۇرۇنۇپ ياتاتتى.
مۇستەفا سادىق ئەررافىئېي:
رافىئېينىڭ ئەسەرلىرىدە ئىسلامىزم روھىي قايناپ تۇراتتى. مەھمۇد سامىي ئەلبارۇدىي ئۇنىڭ پرىنسىپال شېئىرلىرىغا تەقرىزلەرنى يازغان بولسا، مۇستەفا لۇتفىي مەنفىلوتېي مەدھىيىلەرنى ئوقۇغان. شەيخ مۇھەممەد ئەبدە "ئاللاھ تائالادىن سېنىڭ تىلىڭ ئارقىلىق باتىلنى ۋەيران قىلىپ تاشلايدىغان بىر قىلىچ ئاپىرىدە قىلىشنى تىلەيمەن" دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئۇنى ئىلھاملاندۇرغان. ئۇ ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولغان. ئۇ بارلىق ئەسەرلىرىدە، شېئىرلىرىدا، تەتقىقاتلىرىدا، نەسىرلىرىدە ئىسلامنى غايە، تەۋھىد ئەقىدىسىگە خىزمەت قىلىشنى مەقسەت ۋە نىشان قىلغان. ئىنگىلىزلارنىڭ ئىسلامغا قارشى سۈيىقەستلىرى، يەھۇدىي قىساسچىلىرىنىڭ پەلەستىندىكى سۈيىقەستلىرى ۋە ئەرەب تىلىنى يۇقىتىپ، خەلق ئېغىز تىلىنى جانلاندۇرۇشنى كۆزلىگەنلەرنىڭ سۈيىقەستلىرىگە قارشى تۇرغان. رافىئېينىڭ قارىشىچە ئىسلامنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىك مەسىلىسى، نەبەۋىي بالاغەت مەسىلىسى ۋە ئىسلامى ماقالىلار مەسىلىسىدىن ئىبارەت ئىدى.
ئەھمەد شەۋقىي:
ئەھمەد شەۋقىينىڭ بەزى شېئىرلىرىدا ئىسلامىزم روشەن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ شېئىرلىرىدا ئىسلامىي كۆرسەتمىلەردە چىڭ تۇرۇش بىلەنلا بولدى قىلمىغان، بەلكى، ئىسلامنىڭ پرىنسىپ ۋە مەسىلىلىرىنى قوغداش، ھېمايە قىلىش يولىدا بەزى ئېلىشىشلارغا كىرگەن. ئىسلامدىكى ئورۇشنىڭ دۈشمەنلىك ئورۇشى ئەمەس، بەلكى جىھاد ۋە مۇداپىئەلىنىش ئورۇشى ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىغان. ئىسرا ۋە مىراجنىڭ روھ ۋە تەن ئارقىلىق رۇياپقا چىققانلىقىنى بايان قىلغان. دىنىي ئوقۇملار بىلەن كۆرەش، ئويغىنىش، ئەركىنلىك، ئىسلامىي شەرەپنى ھېمايە قىلىش، ئەركىنلىك، تۈزۈم ۋە شۇرا (كېڭەش) قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇناسىۋەتلەشتۈرگەن. يەنە گەرچە ئەزھەردە ئىگەللىگەن نورمال دۇنيا قاراشقا ئىگە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھافىز ئىبراھىم ۋە ئەرەب، ئىسلام شائىرى ئەھمەد مۇھەررەملەرنىڭمۇ دىننىي ياقلىغان ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىدە ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنىڭ سايىسىدا ھەرىكەت قىلغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.
مۇھەممەد ئىقبال:
شائىر مۇھەممەد ئىقبال (1873)نىڭ قارىشىدىكى ئىسلامىزملىق ئىدىيىسى ئۈچ باسقۇچنى شەرت قىلىدۇ: بىرىنچى: ئىسلام دىنى كۆرسىتىپ بەرگەن شەرئىي مەقسەتلەرنى ئۆگىنىش. بۇلار ئەبەدىي ئۆزگەرمەيدىغان ھەقىقەتلەردىن ئىبارەت. ئىككىنچى: دىننى بارلىق ساھەلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن دىنىي جىھاد ئېلىپ بېرىش. ئەدىب بۇ يولدا چىڭ تۇرۇشى، سەۋر قىلىشى لازىم. بۇ باسقۇچ مۇستەھكەم ئەقىدە، كۈچلۈك ئىمان ۋە نەپىسنىڭ ئىنتىلىشلىرىگە قارشى كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق بويسۇنۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۈچىنچى: ئىسلام ئۈممىتىنىڭ غايىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئىسلامىي ئۆزلۈكنىڭ ھەرىكەتكە كىلىشى.
شەيخ ئەبۇلھەسەن ئەلىي ئەلھۆسنىي ئەننەدەۋىي:
ھىجىرىيە 1405-يىلى رەبىيئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 2-كۈنى (1984/11/24) ئەدىب، مۇتەپەككۇر ۋە دەۋەتچى شەيخ ئەبۇلھەسەن ئەلىي ئەلھۆسنىي ئەننەدەۋىي ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپلىگەن ئەدىب ۋە مۇتەپەككۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە بىر قېتىملىق يېغىلىشتا "ئىسلام ئەدەبىياتى بىرلىكى"نىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ بىرلىك ئىسلام ئەدەبىياتىغا باشقا ئەدەبىي ئېقىملارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە سالاھىيەت بەخىش ئەتتى. ئەمما شۇنى نەرسىنى ئېتىبارغا ئېلىش لازىمكى،
«ئىسلامىزم ئەدەبىياتى ئوقۇمى» «ئىسلام ئەدەبىياتى بىرلىكى» نىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن ئۇزۇن يىللار مۇقەددەم مەيدانغا كەلگەن. بىز، دەۋەتچى ۋە ئەدەبىياتچى سەييىد قۇتۇبنىڭ 1952-يىلى مىسىردىكى ئۆزى باش تەھرىرلىك قىلغان گېزىتنىڭ ئەدەبىيات سەھىپىسىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان چاغلىرىدا ئىسلام ئەدەبىياتىنى جانلاندۇرۇشقا چاقىرغانلىقىنى ئۇچىرىتىمىز. يەنە سەييىد قۇتۇبنىڭ قېرىندىشى مۇھەممەد قۇتۇبمۇ 1961-يىلىدىكى يازمىلىرى، خۇسۇسەن "ئىسلامىي سەنئەتنىڭ مېتودى" ناملىق ئەسىرىدە ئىسلام ئەدەبىياتىغا چاقىرىق قىلغان. يەنە دوكتۇر نەجىيب كەيلانىي (1963-يىلى) ئۆزىنىڭ "ئىسلامىزم ۋە ئەدەبىي ئېقىملار" ئەسىرىدە، دوكتۇر ئېمادۇددىن خەلىيل (1972-يىلى) ئۆزىنىڭ "ھازىرقى زامان ئىسلام (ئەدەبىياتى-ت) ئوبزورچىلىقى، 1982-يىلى نەشىر قىلىنغان "ئىسلام ئەدەبىياتى ئوبزورچىلىقىدا يېڭى ئورۇنۇشلار" ناملىق ئەسىرى ۋە "ھازىرقى زامان ئىسلام ئەدەبىيات- سەنئىتى- تەتقىقات ۋە ئەمەلىيەت" ناملىق كىتابلىرىدا، شۇنىڭدەك بۇ كىتابلىرىدىن ئىلگىرى، يەنى 1961-يىلىدىن باشلاپ دەمەشىقتە نەشىر قىلىدىغان
«ئىسلام ھەزارىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىپ كەلگەن ئەدەبىي خۇسۇستىكى يازمىلىرىدا ئىسلام ئەدەبىياتى قوشۇنى شەكىللەندۈرۈش چاقىرىقلىرىنى ئۇچىرىتىمىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھىندىستاندىكى نەدۋەتۇل ئۆلەما ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ رەئىسى ۋە دۇنيا ئىسلام ئەدەبىياتى بىرلىكىنىڭ رەئىسى شەيخ ئەبۇلھەسەن ئەلىي ئەلھۆسنىي ئەننەدەۋىي ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدارى ۋە قۇرغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. "بىرلىك" ئىسلام ئەدەبىياتى نامىنى قوللىنىپ، ئىسلامىزم ئاتالغۇسىغا ئەھمىيەت بىرىپ كەتمىگەن. ئەمما، مەسىلە پەقەت ئاتالغۇ مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت، ئاتالغۇلارنى ئۇنداق ياكى مۇنداق بولۇپ قېلىشىدا مەسىلە يوق.
دوكتۇر ئابدۇرراھمان رەئفەت پاشا (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن):
”بىرلىك“
نىڭ ئەرەب ئەللىرىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى. ئۇ، ئىمام مۇھەممەد ئىبن سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئەدەبىيات ۋە ئوبزورچىلىق دەرىسلىرى بۇيىچە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. رەئفەت پاشا دەسلەپكى قەدەمدە ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنىڭ نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئىسلام ئەدەبىياتىنى مۇداپىئە قىلغانلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دوكتۇر ئابدۇلقۇددۇس ئەبۇ سالىھ:
ئىمام مۇھەممەد ئىبن سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات ۋە ئوبزورچىلىق دەرىسلىرى بۇيىچە ئوقۇتقۇچىسى، "بىرلىك"نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىشخانىسىنىڭ رەئىسى.
شەيخ مۇھەممەد ئەررابىئ ئەننەدەۋىي:
"بىرلىك"نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ھىندىستان ئىشخانىسىنىڭ رەئىسى.
ئۇستاز مۇھەممەد ھەسەن بىرىگىش:
"بىرلىك"نىڭ ئەرەب ئەللىرى باش كاتىۋى ۋە "بىرلىك"تىكى پەتىۋا مەجلىسىنىڭ ئەزاسى.
دوكتۇر ئەدنان رىزا ئەننەھۋىي:
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق شائىر ۋە ئەدىب. دۇنيا ئسىلام ئەدەبىياتى بىرلىكى نازارەتچىلەر كېڭىشىنىڭ ئەزاسى.
ئۇستاز مۇھەممەد قۇتۇب:
تونۇلغان مۇتەپەككۇر ۋە دەۋەتچى. پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە "بىرلىك"نىڭ پەخرىي ئەزاسى. مۇھەممەد قۇتۇب بىر توققىنى سەييىد قۇتۇب (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) نىڭ ئىسلامىزم ئەدەبىياتىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇردى.
دوكتۇر ئابدۇلباسىت بەدر:
مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە "بىرلىك" نازارەتچىلەر كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى.
دوكتۇر ھەسەن ئەلئەمرانىي(ماراكەشلىك):
ئىسلام ئەدەبىياتى بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ۋە ئىسلام ئەدەبىياتىغا كۈچ چىقىرىدىغان "مىشكات" ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى.
دوكتۇر مۇھەممەد مۇستەفا ھەدارە (مىسىرلىك):
"بىرلىك"نىڭ ئەزاسى ۋە ئىسكەندەرىييە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.. ئۇ تۈنجى بولۇپ مودېرنىزم ئەدەبىياتى ۋە ئىدىيىسى ئېقىمىنىڭ ماھىيىتى ۋە ۋەيران قىلغۇچ غايىلىرىنى ئېچىپ تاشلىغان كىشى.
دوكتۇر ئابدۇرراھمان ئەلئەشماۋىي:
ئەشماۋىي ئىسلامدا چىڭ تۇرغان، ئىسلامىي مەسىلىلەر ۋە ئىمانىي تەسەۋۋۇرنى قوغداش يولىدا كۆتۈرۈلگەن ئەڭ ياش ئاۋاز ھېسابلىنىدۇ.
پىكىر ۋە ئېتىقادلار:
ژانىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسىي ئىنسان، كائىنات ۋە ھايات، دېگەن يۈنۈلۈش بويىچە ساغلام ئىسلامىي تەسەۋۋۇرنى ئاساس قىلىش.
ئىسلامىي تەسەۋۋۇردا چىڭ تۇرۇش تارىخىي ماتىرىيالىزمچىلار تەرىپىدىن تېڭىلىدىغان رەھىمسىزلەرچە يۈزلەندۈرۈشنى ئەمەس، بەلكى ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ بارلىق ساھەلىرى بۇيىچە ئىنسانىيەتنى ھاياتقا ئىسلامىي تەسەۋۋۇر بىلەن باقىدىغان نوقتىغا ئېلىپ كىلىش، دېگەننى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىسلامىزم ئەدەبىياتى سوتسىيالىستىك رىئالىزم ۋە مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىملىرىدىكى ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇش قاراشلىرىدىن تۇپتىن پەرقلىنىدۇ. بىرىنچىسىنىڭ قارىشىدىكى ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇش يىمىرىلگەن ماركىسىزملىق چۈشەنچە بۇيىچە كوللىكتىپقا ئالاقىدار مەسىلىلەردە چىڭ تۇرۇشنى كۆرسەتسە، ئىككىنچىسىنىڭ قارىشىدىكى ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇش مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېڭى بۇيىچە پوئىزىيەدە ئەمەس، يالغۇز پروزاچىلىقتىكى ئەركىنلىك مەسىلىلىرىدە چىڭ تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
تەسىرلىك ئىپادىلەشنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيىتى بولۇپ، مەزمۇننىڭ ساغلاملىقىنى شەرت قىلغان ئاساستا ئۇنىڭ ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. بۇ نوقتىدا ئەدەبىيات باشقا نورمال سۆزلەردىن پەرقلىنىدۇ. تەسىرلىك ئىپادىلەشمۇ ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنىڭ مۇددىئاسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.
ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنىڭ غايىسى مۇددىئاسى ئېنىق ئەدەبىياتنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئەدىب "سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت" ئېقىملىرى ساھىپلىرىنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئوخشاش ئەدەبىيات- سەنئەتنى ئاخىرىقى غايە قىلىۋالمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئاخىرىقى غايىگە يىتىدىغان ۋاسىتە ئورنىدا قويىدۇ. بۇ غايە جانابى ئاللاھقا بولغان ئىماننى مۇستەمكەملەش ۋە كىشىلەر قەلبىگە ئىسىل ئەخلاقلارنى يىتىلدۈرۈش قاتارلىقلاردا گەۋدىلىنىدۇ.
تەپەككۇر ۋە ئىپادىلەش ئەركىنلىكى ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي چىنلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر. بۇلار ئەدەبىي ئەسەرلەرنى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن بېيىتىشتا ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ.
ئىسلام ئەدەبىيات- سەنئەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەر بۇيىچە ئەركىنلىكنىڭ دائىرىسىنى بەلگۈلەپ بەرگەن. ئىسلام، باشقا ئېقىملار تەرىپىدىن ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر ۋە باشقىلار ئۈچۈن تەمىن ئىتىلگەن سۆزلەش ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؛ چۈنكى ئىسلام دىنى بۇنداق قىلىشنىڭ جەمىئىيەتنىڭ ساغلاملىقى، ئەقىدە، ئەخلاق، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەدەبىيات- سەنئەت ياراملىق ئىنسان، ياراملىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم يوللارنىڭ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا چاقىرىش، ئىسلامىي كىملىكنى ھېمايە قىلىش ئامىللىرىنىڭ بىرى.
ئىسلامىزم ئەدەبىياتى ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر ھەقىقەت. ئۇ، قۇرئان كەرىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شائىرلىرىنىڭ قۇرەيش كاپىرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تىركىشىشلىرىدىن باشلاپ تا زامانىمىزغا قەدەر ئاللاھنىڭ دىنىغا چاقىرىش، ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە ئىسلامدىن ئاغقۇچىلارغا قارشى كۆرەش قىلىش قاتارلىقلاردا ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە.
ئىسلامىزم ئەدەبىياتى ئوخشىمىغان ئىرق ۋە تىللارغا مەنسۇپ ئىسلام مىللەتلىرىنىڭ ئەدەبىياتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بارلىق ئىسلام مىللەتلىرى ئارىسىدىكى ئورتاق سەنئەت ئۆزگىچىلىكىدىن ئىبارەت.
ئىسلامىزم ئەدەبىياتى تەرەققىيات، مودېرنىزم ياكى يېڭىلىق شۇئارلىرى ئاساسىدا كىلاسسىك ئەدەبىيات بىلەن يېڭى ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆزۈشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق ئورۇنۇشنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە يېڭى زامان ئەدەبىياتىنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات بىلەن يىلتىزداش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئىسلامىزم ئەدەبىياتى ئىسلامىي تەسەۋۋۇرغا ئويغۇن بولمىغان ئەدەبىي ئېقىملارنى، ساختىلاشتۇرۇلغان ئەرەب ئەدەبىياتىنى، شۇنىڭدەك شەخسى خۇسۇمەت ياكى رەڭۋازلىقلارنى ئاساس قىلغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى رەت قىلىدۇ. يەنە گۇڭگىلىقلار بىلەن چىرمالغان، چەتئەلچە ئاتالغۇ ۋە ساغلام بولمىغان ئىبارىلەر كۆپ ئۇچىرايدىغان تىللارنىمۇ رەت قىلىدۇ ۋە ساغلام، ئېنىق شەكىلدە باھا بىرىشكە چاقىرىدۇ.
ئىسلامىزم ئەدەبىياتى ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ بارلىق ژانېرلىرىدىن پايدىلىنىدۇ، ئىپادىلەش شەكىللىرىنىڭ ھېچ بىرىگە قارشى تۇرمايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنى رۇياپقا چىقىرىشنىڭ ئويغۇن شەكلىنى بەلگۈلەيدىغان مەزمۇنغا ئەھمىيەت بىرىدۇ.
ئەدەبىياتتىكى ئىسلامىيلىق ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئېنىقلىمىسىدا بايان قىلىنغان شەرتلەردىن ھالقىپ كىتىشكە قارشى تۇرىدۇ. مەسىلەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى ئوتتۇرىغا قويغاندەك "ئىنساننى ئىلاھلاشتۇرۇش (كىلاسسىك ئەدەبىياتتا)، ئۆزلۈكنى، شەخسىيەتچىلىكنى رومانتىكىلاشتۇرۇش، ئىنسانىيەتنىڭ ئاجىزلىق لەھزىلىرىنى ئولۇغلاش (رىئاللاشتۇرۇش)، پىكرى، روھىي، ئەخلاقىي ئېغىشلارنى مەۋجۇدىيەتچىلىك نەزىرىيىسيىگە تايانغان ھالدا تەسۋىرلەش" قاتارلىقلارغا قارشى تۇرىدۇ. ھالبۇكى، سارتىر ئوتتۇرىغا قويغاندەك بارلىق شەرتلەردىن ھالقىغان ئەخلاقىي ئەركىنلىك، دەيدىغان بىر نەرسە بولمىغىنىغا ئوخشاش، دېستىيوۋېسكىي ئوتتۇرىغا قويغاندەك، مۇقەررەر ھالدا يوقىلىش بىلەن تۈگەللىنىدىغان چەكسىز روھىي زىتلىق، دەيدىغان بىر نەرسىمۇ يوق.
ئىسلامىزم ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ رىئال چەمبىرىكى بولۇپ، ئۇ تۇترۇقسىز خىياللارنى روياپقا چىقىرىدىغان ياكى رىئاللىق بىلەن ئالاقىسى بولمىغان توقۇلمىلارنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ساھە ئەمەس، بەلكى ئىسلامىزم رىئاللىقى ئىدىيە، غايە ۋە ئەقىدىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ غايىسى پراگماتىزم چەمبىرىگى سۈپىتىدىكى شەخسىي مەنپەئەتنى چىقىش قىلمايدۇ. ئۇنىڭ كۆزلەيدىغىنى ئەقىدىنىڭ مەنپەئەتى ۋە بۇ ئەقىدىگە ئىشەنگەنلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدۇ. ئىسلامىزم زالالەتنىڭ ئەمەس، ھەقىقەتنىڭ، ئېغىشنىڭ ئەمەس، توغرىلىقنىڭ چەمبىرىگى بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىنسانىيەت مەۋجۇتلىقىنىڭ تەر تۆكۈش، ئىشلەش ۋە ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىسلامىي غايىسى باردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزەڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك بىز ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى)، ئۆزەڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟» «مۇئمىنۇن سۈرىسى، 115-ئايەت»
«ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» «نەجىم سۈرىسى، 39-ئايەت»
بۇ رىئاللىق قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ مۆجىزىلىكىنىڭ بىرى قىسسە ۋە باشقا ئورۇنلاردا رەڭدار شەكىلدىكى ئەدەبىي ئىپادىلەشنىڭ يۈكسەك ئۆرنەكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ خۇسۇستا يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بىزگە ئانچە يىراق ئەمەس.
ئىسلامىزم ئىجادىيەتنىڭ ئالدىغا قويۇلغان چۈشەك ئەمەس. ئىسلامىزم ئەدەبىي ئەسەرنى تىما ۋە شەكىل جەھەتتىن بەدىئىلەشتۈرۈشنىڭ دائىرىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەدىبنى ھالاكەتكە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن بولغان نوقتىدىن ساقلاپ قېلىشنىڭ بىر يولىدۇر. بارلىق ئەخلاقىي قىممەت قاراشلاردىن شەرتسىز شەكىلدە ئازات بولۇش ياكى ئەدەبىياتنىڭ ئۆز لوگىكا سىزىقىدىن چىقىپ كىتىشنىڭ ئۆزى نەتىجىدە ئەدەبىي ئەسەرنى مەزمۇنىدىن يىراقلاشتۇرىۋېتىدۇ. دېمەك، ئىسلامىزمنىڭ مەنتىقىسى ئىسلام ھازارىتىنى چىقىش قىلىدىغان بولۇپ، ئەدىبكە خاتىرىسىدە جەۋلان قىلىۋاتقان بارلىق پىكىرلەرنى ئىپادىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىدۇ. ئەدىب ئىسلامىي تەسەۋۋۇر دائىرىسىدىلا بولىدىكەن خالىغان مەزمۇننى خالىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ئىسلامىزم، مەيلى ساماۋىي ياكى بەشەرىي دىنلار بولسۇن ئىسلام ئەقىدىسىدىن يىراق بولغان بارلىق دىنىي مەزمۇنلارنى پەرقلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىگە يۈزلىنىش ئىنساننى ئەقىلسىزلىك بىلەن تۇترۇقسىزلىق ئارىسىدىكى تۈگىمەس توقۇنۇشلار ئازگىلىغا ئىتتىرمەستىن، ئۇنىڭ غەم- قايغۇسى، ئازاب- ئوقۇبەتلىرىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن ئويغاق ئىسلامىي ۋىجدان، كۆيۈمچان ئىنسانىي ھېس ئارقىلىق روياپقا چىقىرىلىشى لازىم. "يوقلۇق"، "مەۋجۇدىيەتچىلىك" ۋە بۇلاردىن باشقا ئېقىملار ئوقۇرمەننىڭ دىنىي تەشنالىقىنى قاندۇرالمايدۇ، ھېس- تۇيغۇلىرىنى يۈكسەلتەلمەيدۇ، بەلكى ئەدەبىي ئەسەرگە بېغىشلىغان ۋاقتىنى زايە قىلىۋېتىدۇ، ئۇنىڭغا ھادىسىلەرنى قالايمىقان، پرسۇناژلارنى خۇنۈك كۆرسىتىدۇ، ئەسەرنىڭ ماھىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىر ئىشنى بۇزۇش ياكى ئۇنى خۇنۇكلەشتۈرۈش ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنىڭ تەبىئىتىگە ئويغۇن كەلمەيدۇ.
دەرۋەقە، بۇ خىلدىكى ئەسەرلەر ۋەقەلەرنىڭ تەبىئىتى، ئىسلامنىڭ كائىنات، ھايات ۋە مەۋجۇدلۇق قارىشىغا ئويغۇن كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، گەرچە ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنى باشقا ئېقىملار بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىش توغرا بولمىسىمۇ، ئىسلامىزم يەنىلا ئىككى نوقتىنىڭ ئارىسىدىكى توسۇقلار ۋەيران قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا دۇنيا مىقياسىدىكى ئەدەبىي ئەمگەكلەر بىلەن يارىشىپ مېڭىشنى رەت قىلمايدۇ. ئىسلامىزمنىڭ ئۆزگىچىلىكى ئۇنىڭ زامان ۋە ماكاننىڭ تۇرەلمىسى، ئەقىدىنىڭ ئىنسان بىلەن ئۇچىرىشىش نوقتىسى ئىكەنلىكىدىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامىزم ئەدەبىياتى دۇنياۋىي تەسىرگە، دۇنياۋىي قاراشقا، ئومۇمىيلىققا ئىگە. ئۇ كۆرىنىپ تۇرغان رىئاللىق بىلەن كۆرۈنمەيدىغان غەيىبنى ماس ئېلىپ ماڭىدۇ، ماددا بىلەن روھنىڭ، توراقلىق مەسىلىلەر بىلەن ئۆزگىرىشچان نوقتىلار ئوتتۇرىسىدىكى رەڭدارلىقنى توغرا ھەل قىلىدۇ. ئىسلامىزمنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئىنسان ئەۋلادلىرى ئۈچۈن بەخىتلىك دۇنيا قورۇپ چىقىش، قېيىنچىلىقلىرىنى تۈگىتىشىگە ھەمدەم بولۇش ۋە ئەقىدىسىگە تۇسالغۇ بولىۋالغان ئامىللارنى يۇقىتىۋېتىشلا بولىدىكەن، ئۇنىڭدا چەكلىكلىكنىڭ چەكسىزلىك بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ، جۇزئىنى ئومۇم بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق قارىمۇ قارشىلىق يوق. بۇ تۈردىكى ئەقىدىنىڭ ئالدىدا تۇرىۋالغان توسالغۇلارنىڭ مىساللىرى قاتارىدا خىرىستىيان دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان ئەدەبىي مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنى لويس شەيخۇ، سەلامەت مۇسا، غالىي شۇكرىي، لويىس ئېۋەز، ئىلىيا ھاۋىي، خەلىيل ھاۋىي، سەئىيد ئەقل، جىبرا ئىبراھىم جىبرا ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچىرىتىمىز. بەدر شاكىر ئەسسىياب، سەلاھ ئابدۇسسەبۇر ۋە باشقىلار بۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان.
- ئىسلامىزم ئەقىدىنى چىقىش قىلغان بىر ئەدەبىي تايانچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلامدا ناھايىتى كەڭ ئورۇنغا ئىگە. ئەدەبىياتچىلار ئۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك پىكىرلىرى، مۇئەييەن غايىنى كۆزلىگەن سۇلۇكلىرى، توغرا قاراشلىرىنى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇش مۇھىم بولغان ئىنسان مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىسلامىزم ئەدەبىياتى بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى غايە ۋە مەقسەتلىرى ئۆز ئارا تىركىشىپ قالمىغان ئاساستا رەڭگارەڭ ئۆزگىچىلىكلەرگە ساھىپ تايانچقا ئىگە قىلىدۇ. ئىسلامىزمنىڭ ئەقىدىۋىي ئىدىيە بولۇشى يامان ئىش ئەمەس. چۈنكى بىزدىن كۈتۈلىدىغىنى، بىزنىڭ باشقىلارغا ئارىسىغا سىڭىپ كىتىشىمىز ياكى بىزگە يات زېمىندا ئۆستۈرۈلگەن ھەقىقەت ياكى توقۇلمىلارنى ئىنكاسى بولۇشىمىز ئەمەس. بىز ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شائىرلارغا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى ھېمايە قىلىش، سۆز ئارقىلىق جىھاد قىلىش ھەققىدە بەرگەن بۈيۈك كۆرسەتمىلىرىنىڭ ماھىيىتىگە يىتىش ۋە كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر ئىنقىلابلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرغان ئىسلامىي ئەخلاق قورۇلمىمىزغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز ئۈچۈن ئۆتمۈشىمىزگە قايتىشىمىزنىڭ ئۆزىلا كۇپايە. ئىسلامىزم شۇلارغا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، شۇنىڭغا تايانغان ھالدا كىتابلار ئارىسىدىن خۇلاسىلەپ چىقىش مۇمكىن بولغان. توغرا يولدىكى خەلىپىلەرمۇ شائىرلارنىڭ ئىسلامنىڭ ئەخلاقىي ئاساسلىرىدا چىڭ تۇرۇشى توغرىسىدا كۆرسەتمىلەرنى بىرەتتى. ئابباسىيلار دەۋرىگە كەلگەندە ئەبۇلئەتاھىيەنىڭ زاھىدلىق چاقىرىقى يۈكسەلدى، ۋەھەكازا.
تارقالغان ئورۇنلار:
ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيانىڭ بارلىق جايلىرىدا تەرەپدارلىرى بار بولدى... ئۇنىڭ ھىندىستان ۋە ئەرەب ئەللىرىدە ئىشخانىلىرى بار. "دۇنيا ئىسلام ئەدەبىياتى بىرلىكى" ھىندىستان، تۈركىيە ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر قاتار قورۇلتايلارنى چاقىردى. بۇ قۇرۇلتايلارغا ئىسلام ئالەمىنىڭ كۆپ ساندىكى ئەدەبىياتچىلىرى ئىشتىراك قىلدى.
يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئايدىڭلىشىدۇكى: ئىسلامىزم زامان ۋە ماكاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي مەناغا ئىگە بىر ئوقۇم بولۇپ، ئىسلام دەۋىتى بىلەن ئوخشاش قەدىمىلىككە ئىگە. ئۇ ئەسىرلەر بۇيى ئىسلام بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئۇ باشقا مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان يالغۇز مۇسۇلمان ئەرەبلەرگىلا خاس ئەمەس، بەلكى توغۇلغان ئورنى، ياشىغان مۇھىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئەدەبىياتىدۇر. ئىسلامىزم ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يازغۇچىلار، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسىرى ئەمەس، ئۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر قانداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھەتتا ئوخشىمىغان تۈرلىرى بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي مەسىلىلەرگە ئائىت يازمىلاردىنمۇ ئۇچىرىتىش مۇمكىن. بۇ نوقتىنى چىقىش قىلغاندا، ھىندىستان، پاكىستان، ھىندىنوزىيە، چاد، سىنىگال ياكى باشقا ھەرقانداق بىر ئەلنىڭ ئىسلام ئەدەبىيات مەدرىسىسى ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك بەدىئىيلىك ئاساسلىرى بۇيىچە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەرگىمۇ ئوخشاش كۆز بىلەن قارىلىدۇ. ئەرەب بولمىغان ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئەدەبىياتلىرى كائىنات، ئىنسان ۋە ھاياتقا قارىتا ئىسلامىي تەسەۋۋۇر چەمبىرىگى ئىچىدە ھەرىكەت قىلغان، ئىسلام قارشى تۇرىدىغان ياكى پىكىر قىلىش مېتودىغان ئويغۇن بولمىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلا بولىدىكەن ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئىسلامىزم ئەدەبىياتىنىڭ بىر ۋەكىلىدۇر.
ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى:
- د.ئابدۇرراھمان رەئفەت پاشا:
نچو مۇھب إسلامي في الأدب والنقد، ئىمام مۇھەممەد ئىبن سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتى باسمىسى، 1405ھ/1985م.
- مۇھەممەد قۇتۇب:
منھج الفن الإسلامي، شۇرۇق نەشرىياتى، بېيرۇت/قاھىرە.
- مۇھەممەد ھەسەن بىرىگىش:
في الأدب الإسلامي المعاصر،
مەنار كۇتۇبخانىسى، ئىئوردانىيە/ زەرقائ.
- ئابدۇللاھ ھەمەد ئەلئۇۋەيشىق:
الأدب في خدمة الچياة والعقيدة، رىياد ئەرەب تىلى پاكولتىتى نەشرى، 1389ھ/1390ھ.
- ئەبۇلھەسەن ئەننەدەۋىي:
نظرات في الأدب، قەلەم نەشرىياتى- دەمەشق، 1408ھ/1988م.
- مۇھەممەد رابىئ ئەننەدەۋىي: الأدب الإسلامي وصلته بالحياة، رىسالە مۇئەسسەسەسى، بىرىنچى نەشرى 1405ھ/1985م.
- ۋازىھ ئەننەدەۋىي:
أدب الصحوة
الإسلامية، رىسالە مۇئەسسەسەسى، بىرىنچى نەشرى، 1405/1985م.
- دۇنيا ئىسلام ئەدەبىياتى بىرلىكى ماتىرىيالى:
تعريف برابطة الأدب الأدب الإسلامي، 1409ھ/1989م.
- "ئەلمىشكات" ژۇرنىلى، 13-سان، تۆتىنچى يىل، 1410ھ/1990م.
- سەييىد قۇتۇب:
النقد الأدبي- أصوله ومفاھيمه، شۇرۇق نەشرىياتى- بېيرۇت.
- د.نەجىيب كەيلانىي:
الإسلامية والمۇاھب الأدبية، رىسالە مۇئەسسەسەسى، ئىككىنچى نەشرى، 1410ھ.
|