بسم الله الرحمن الرحيم

بىز ۋە ئۇلار

(پاكىستانلىق ئاتاقلىق ئالىم شەمس نەۋىد ئوسمانىنىڭ ماقالىلەر توپلىمىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى)

مەئمۇن مۇئتەسىمبىللاھنىڭ دەۋرىدە بىدئەت ۋە زۇلۇمنىڭ قارا تىرناقلىرى دىننىڭ جامالىغا يارا سېلىش ئۈچۈن رەزىل تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ، ”قۇرئان خالىقمۇ ياكى مەخلۇقمۇ؟“ دېگەن تارىختىكى ئەڭ قەبىھ پىتنىنى مەيدانغا چىقارغان، ياۋۇز ھۆكۈمەت ھەقنى سۆزلىگۈچى تىللارنى توختىماي كېسىپ، «ھەق دېمەك، ئۆلۈم دېمەكتۇر» دىن ئىبارەت يىرگىنىشلىك شۇئارىنى ياڭرىتىۋاتقان، ئالجىغان ھۆكۈمدارلار قانغا بويالغان قامچا، دەررىلىرى ۋە كۆز ياشلاردا يۇيۇلغان تۈمۈر كىشەنلىرى بىلەن، شاھلىقنىڭ قورقۇنچلۇق ئەپتىنى بۆ ـ بۆ قىلىپ، ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ كوچىلىرىنى ئادەمسىز قالدۇرىۋاتقان، جىھاد ۋە ۋىجدان لەشكەرلىرى قورقۇنچاق توخۇ يۈرەكلەرنىڭ دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قېلىپ، ئىسلامىي روھتىن خالىي ئەمما ئۆزلىرى مۆمىن بېچارە خەلقلەر پۈتۈن ئۆلىمالىرىنىڭ جان باقتىلىق كوچىسىدىكى سۈكۈت بۇلۇڭلىرىغا كېرىۋېلىۋاتقانلىقنى كۆرىۋاتقان، جاسارەتتىن خالى پۈتۈن قەلبلەردىن «ئاھ! كاشكى، ئارىمىزدىن ھەقنى ھەق، باتىلنى باتىلنى دەيدىغان بىرسى چىقسىكەن!» دېگىنىچە ئەتراپقا ئەندىشىلىك كۆز تىكىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغۋار بىرلا بەندىسى بىشىغا كېپەننى ئوراپ، جاننى ئالقانغا ئېلىپ، ھەققانىيەتنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋازىنى ياڭراتقىنىچە جاسارەتخور، شىجائەتيۈتەر يالماۋۇزلارغا تولغان خەتەرلىك جىھاد مەيدانىغا كۆكرەك كېرىپ يالغۇزلا سەكرەپ چۈشكەن ئىدى. ئۇنىڭ تىللارغا داستان، قەلبلەرگە ۋۇلقان، ئۈچمەس شەرەپلىك نامى دەل ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ ئىدى.

شۇنداق... زۇلۇم ھەم ۋەھشانىيەتنىڭ قارا قۇيۇنلىرىدا ھەققانىيەت مەشئىلىنى ئۈچۈرمەي ياندۈرۈشنىڭ يولىنى ئۈگەتكەن ئەنە شۇ ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ ئىدى. گەرچە ئۇ تەنھا بولسىمۇ زالىم ھۆكۈمدارلارغا قارشى جەڭ ئېچىش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز مەيدانغا چىققان ئىدى. شاھلىق قەھرىنىڭ ھەممىنى سەجدە قىلدۈرىۋاتقان تاغدەك ھەيۋەتلىك بۇتىغا، پەقەتلا ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ جاسارىتى بىلەن ئېتىلغانچە بېرىپ، بىرلا زەربىدە چۇل ـ چۇل قىلىپ تاشلاش ئۈچۈن ھەتتا ئۆزىنىڭ پارە ـ پارە بولۇپ كېتىشىگىمۇ پۈتۈنلەي رازى ئىدى.

ھۆكۈمدارنىڭ مەككار قاپاقلىرى غەزەپ، ئىنتىقام بىلەن تۈرۈلدى. غەزەپلىك بىرلا گۈلدۈرلەشتىن كېيىن كۈچتۈڭگۈر ھۆكۈمەت بىلەن ئەشۇ تەنھا مۆئمىننىڭ ئوتتۇرىسىدا تارىختىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق، ئەمما ئەڭ گۈزەل ئىمانىي ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى. دەۋرنىڭ بۇ كاتتا ئىمامى پولات زەنجىرلەر بىلەن پۈتۈن ئەزايى كىشەنلىنىپ سۆرەلگىنىچە ياۋۇز پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۆلۈم ھەم ھالاكەت ئىمامغا ئېتىلىپ كېلىۋاتقان ئەشۇنداق قورقۇنۇشلۇق پەيتتىمۇ ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھنىڭ چىرايىدا ئاجايىپ سىرلىق تەمكىن ئىپادىلەر جىلۋېلەنمەكتە ئىدى.

ئەجەبا بۇ ھەربىر مۆئمىننىڭ قەلبىدە جۇش ئۇرۇپ تۇرىشى ۋاجىپ بولغان ھەققانىيەت يولىدا شېھىد بولۇشنىڭ ئارزۇسى ئەمەسمىدى؟ ئەجىبا بۇ زۇلۇم قىلىپ ئۆزگىنى يۇقاتماقچى بولغانلارنىڭ ئۆزىنىلا يوقۇتۇپ تاشلايدىغان بەندىچىلىكنىڭ جاسارىتى، ئاجىزلىقنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۈچ ـ قۇدرىتى ئەمەسمىدى؟ ھەردائىم ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دۇنيانى نارازى قىلمىسا بولمايدىغان پىداكارلىقنىڭ مۆئمىنلەرگە دىلرەبا، ئەمما دۈشمەنلەرگە نەشتەردەك قايناق ھېسسىياتلىق ئىپادىسى ئەمەسمىدى؟ مەيلى ئۇ جىلۋېگەر مىسلىسىز ئىپادىلەرنى نېمە دەپ ئاتىۋالساڭلار ئاتىۋېلىڭلار، ئەمما ئەينى چاغدا ئۇنى كۆرگۈچىلەر ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھنىڭ شۇنچە چىدىغۇسىز قېيىن ـ قىستاقلار ئالدىدا گوياكى ئۆزى بۇ دۇنيادا يوقتەكلا پىسەنت قىلماستىن قەد كۆتىرىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. چۈنكى ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈنلا دەس تۇرغان ئىمامغا نىسبەتەن دۇنيالىق ئارزۇلار ئاللىبۇرۇن قىممىتىنى يوقۇتۇپ بولغان ئىدى.

نېمە دېگەن ئېغىر ئىمتىھان، نېمە دېگەن ئۇلۇغ غەلىبە! رامىزاننىڭ مۇبارەك جاپالىق كۈنلىرى ئىدى. پولاتتەك ئىرادىنىڭ مۇجەسسىمى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ ئېغىزىغا سۇ، ياكى بىرەر تال گىياھ سالماستىن روزا ئۈستىگە روزا تۇتۈپ كېتىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە ھەتتا پىلنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇلسىمۇ چىقىراپ سالماي قالمايدىغان قامچىلار ئۇنىڭ بەدەنلىرىدىن توختىماي قان چاچراتماقتا ئىدى. بىرىنچى جەللات ھېرىپ توختىسا، ئىككىنچىسى قامچىلاش ئۈچۈن تەييار تۇراتتى. ئەمما ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ قامچا يەپ يا ھارمايتى ياكى سۆزىدىن يانمايتتى. ھەتتا گۈشلىرى تىتىلىپ قامچا سۆڭەككە يەتكەن چاغدىمۇ بىرەر قېتىم ”ۋايجان“ دەپ سالمايتتى. نە ئاھ ئۇرمايتتى، نە تىللاپ ھاقارەتلەپمۇ كەتمەيتتى. گويا دەرتتىن ۋايساشنىمۇ دەرتنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرگەنلىك دەپ ھېس قىلاتتى. ئاغرىققا چىدىماي ئايلىنىپ يېقىلغان جاغلىرىدىمۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان سادا پەقەتلا «كىتابۇللاھ!... سۈننەتى رەسۇلۇللاھ!» دېيىشتىن باشقا بولمايتتى.

ـ قېنى ئەمدىغۇ بىر نەرسە دەيدىغانسەن؟!.

پادىشاھ شۇنداق دېگىنىچە پۈتۈن ئەزايى قانغا بويۇلۇپ تۇرغان ئىمامنىڭ ئالدىغا ئۆزى كېلەتتى. «خۇدا بىلەن قەسەمكى، مەن سېنىڭ غەيرىتىڭگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن. مەن پەقەت بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلىشقا ماقۇل بولىشىڭنىلا كۈتۈپ تۇرىۋاتىمەن. قوللىمىساڭمۇ ھېچ بولمىغاندا قارشى تۇرمىساڭ، مانا مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا زەنجىر، كىشەنلىرىڭنى ئۆز قولۇم بىلەن يېشىۋېتىشكە تەييارمەن»

چىدۇغۇسىز ئازابلار ئىچىدە ئېزىلىۋاتقان ئىمام پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى ـ  يۇ، ئەمما تەلەپلىرىنى ئېتتىرىپ تاشلاپ، كۆزلىرى گويا شاھنىڭ شەپقىتىنى ئەمەس، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئىزدەۋاتقاندەك كۆككە بۇرىلاتتى. يەنە بىرئازدىن كىيىنلا گويا چەككەن زۇلۇملىرىنىڭ شېرىن سەمەرىسىنى قەبىر بىلەن بەرزەخ ئالىمىدىن ئاختۇرۇپ كۆرمەكچى بولىۋاتقاندەك زېمىنغا تېكىلەتتى. پادىشاھقا تىكىلگەندە بولسا، خۇددى پادىشاھقا ئەمەس، بەلكى بىر جانسىز سايىغا تىكىلگەندەك مەنسىتمەي كۆزىنىڭ ئىچىگە قادىلىپ قارايتى. ئاندىن ئۇنىڭ ئېغىزىدىن روھنىڭ پۈتۈن پىغانلىرىنى، جىسمىنىڭ بارلىق ئاچچىق ئەلەملىرىنى ئۆزىگە مۇججەسسەم قىلغان، شاھلىقنىڭ تاجۇ ـ تەختىنى تەۋرىتىپ، ئاللاھقا بولغان بەندىچىلىك ئاداسى بىلەن شاھىنشاھىيەتنىڭ سالاپەت، ئابروي ئىمارەتلىرىنى كومپەيكوم قىلىپ تاشلىيالايدىغان يەنە ئەشۇ جاراڭلىق سادا ياڭرايتتى.

ئىمام قىلچە تەمتىرىمەستىن، «مېنىڭ دەيدىغان باشقا  گېپىممۇ يوق، ھەم باشقا گەپنى ئاڭلاشنىمۇ خالىمايمەن. پەقەت بىرلا تەلىپىم بار، قېنى سەن ”قۇرئان مەخلۇق“ دېگەن سۆزىڭنى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بىلەن چۈشەندۈرۈپ باقمامسەن، شۇنداق قىلالىساڭ شۇ ھامان ساڭا قايىل بولۇمەن. سۆزىڭمۇ قەلبىمگە ئورنايدۇ» دەپ جاۋاپ قايتۇراتتى.

غەزەپلەنگەن پادىشاھ كۆيىنگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ «سەن زادى نېمىشقا شۇنچە چىڭ تۇرىۋالىسەن؟ باشقا ئۆلىمالارمۇ ئۆزىگە شەرئىي يول چىقىرىپ سۈكۈت قىلىشنى تاللىۋالدىغۇ؟» دېيىشكە باشلايتى.

ئىمام قاتتىق چېچىلغان ھالدا «بۇ ماڭا دەلىل بولالمايدۇ. ماڭا دەلىل كېرەك. چۈنكى مەن ساڭا ئەمەس ئاللاھقا جاۋاپ بېرەلىشىم لازىم» دەيتى.

پادىشاھ بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھامان يەنە ئەسەبىيىلىشىپ، چالۋاقىغانچە ئالدىراش چىقىپ كېتەتتى. ئاندىن يەنە دەررە، قامچىلار توختىماي داۋاملىشاتتى. ئىمام ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەي قالغۇدەكلا بولسا، يەنە شۇ «كىتابۇللاھ! سۈننەتى رەسۇلۇللاھ!» دېگەن ساداسىنى توختىماي ياڭرىتاتتى. بۇنى كۆرگەن جەللەتلارنىڭمۇ ئەلەمدىن كۆزلىرى قىزىرىپ، ئۆپكىلىرى ئېغىزىغا تاقىشىپ قالاتتى.

دەررىلەر بەلنىڭ تىرىسىنى ئۇچۇرىۋېتىپ بولغان، زەنجىرلەر جىسمىدا قانلىق ئۆرەكلەرنى ياساپ بولغان، شۇنداقتىمۇ يېمەي، ئىچمەي روزا ئۈستىگە روزا تۇتۇپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر ئازابنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان. ئەمما ئىمامنىڭ سۇباتلىق قەدەملىرى ئۆز مەيدانىدىن غېرىچ مىقدارى قىمىر قىلمايۋاتقان، قارارىدا قىلچىلىك يۇمشاش بولمايۋاتقان، ئەنە شۇنداق قەتئىي ئىرادە، جاسارەت بىلەن باتىل پادىشاھقا قارشى قەتئىي جىھاد قىلىۋاتقان، پۈتۈن شەھەردە غۇلغۇلا، ئىلىم، ھېكمەت سورۇنلىرىدا ئىمامنىڭ چېكىۋاتقان ئازابلىرىغا ماتەم تۇتىلىۋاتقان، ئازابلىنىپ يىرىلغۇدەك بولغان مىڭلاپ كۆكرەكلەر، غەم بىلەن نەملىنىپ قىزارغان كۆزلەر، ئاخىرى ئىمامنىڭ ئەلىمىگە بەرداشلىق بېرەلمەي زىندانغا ئۆلىمالاردىن ۋەكىل ئەۋەتكەن ئىدى.

«خۇدالىق ئۈچۈن ئۆزلىرىگىمۇ ۋە بىزگىمۇ ئىچىلىرى ئاغرىسۇن، شەرىئەتتە بۇنداق نازۈك شارائىتلارغا قارىتىلغان رۇخسەتمۇ بار، ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلانسىلىرى زادى نەرى يامان؟» ئۇلار شۇنداق ئىلتىجا قىلىشماقتا ئىدى.

ئىمام ئازابتىن ئىچىشىپ ئاغرىۋاتقان قەددىنى رۇسلاپ، «ئۇنۇتماڭلاركى، شەرىئەتتە رۇخسەتلا ئەمەس، ۋىجدان ۋە جاسارەتمۇ بار. ئەگەر مەنمۇ رۇخسەتنىڭ يولىنى تۇتسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان كىم قالىدۇ؟ ئەينى چاغدا ساھابىلەر شىددەتلىك قىيىن قىستاقلاردىن شىكايەت قىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ”سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۆمىنلەرنىڭ باشلىرى ھەرىدىلەتتى، بەدەنلىرى ئوتۇننى يارغاندەك يېرىپ تاشلىناتتى، ئەشۇنداق ئېغىر زۇلۇملارمۇ ئۇلارنى ھەقنىڭ يولىدىن ياندۈرالمىغان ئىدى“ دېمىگەنمىدى؟» دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

دەرۋەقە، ئەشۇ ئۇلىمالار بىلەن ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھمۇ ئوخشاشلا ھاياتلىق ھەم خاتىرجەملىكنى سۆيمەي قالمايتتى. ئەمما پەرق شۇ يەردىكى، ئۆلىمالار شەرئىي رۇخسەتنىڭ باھانىسى ئاستىدا پاناھلىنىپ، بۇ پانى دۇنيادا تۆت كۈن بولسىمۇ خاتىرجەم ياشىۋېلىشنى خالايتتى. ئەمما ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ «ھاياتلىق ۋە خاتىرجەملىك دېگەن پەقەتلا ئاخىرەتتىكى بەختىيارلىقتۇر. دۇنيادا ھېچكىممۇ ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ھامان بىر كۈنى ئارزۇ ـ ئارمانلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كېپەنلەنمىسە بولمايدۇ» دېگەن قەتئىي قارارغا كېلىپ بولغان ئىدى. ئۇلار ئىمامنىڭ چەككەن ئازابلىرىغا ئىچ ئاغرىتىۋاتقان بولسا، ئىمام ئۇلارنىڭ سەپەر ئۈستىدىكى سايىزارلىقنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئەسلى مەنزىلنىڭ مەڭگۈلۈك قارارگاھىنى خەتەرگە ئىتتىرۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت چۈشكۈن قەلب ھالىغا قايغۇرۇپ قانلىق ياش تۆكمەكتە ئىدى. ئاخىر ئۇلار ھەممىسى قايتىپ كېتىشتى. ئىمام شۇ چاغدا ئۆزى بىلەن پەقەتلا بىر ئاللاھنىڭ قالغانلىقىنى، بەدەنلىرىدىكى ھەر بىر زەخىمنى ئاللاھنىڭ ئۆز رەھمىتى بىلەن سىلاپ، مەرھەم سۈركەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى.

بىركۈنى خۇددى ئىلگىركىدەكلا دەررە، قامچىلار ئۇنىڭ تىرسىنى يىرتىپ، گۆشلىرىنى تىتىشقا باشلىدى. بۇ دەل بىرقانچە يۇتۇم سۇ ئىچىش بىلەنلا سوھۇرلۇق يەپ رامىزان روزىسىنى تۇتقان كۈن ئىدى. ئىمام قاتتىق ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن بەرداشلىقنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن تاياق ـ توقماققا بولالماي، ھۈشسىزلىنىپ يېقىلدى، ھەتتا جان ئۈزۈشكە تاسلا قالغان ئىدى. ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئېچىپ قارىغىنىدا، بېشىدا بىر توپ كىشىلەرنىڭ سۇ كۆتىرىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار «شەرىئەتتە بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنغان، بۇنداق شارائىتتا سۇ ئېچىپ جاننى ساقلاش لازىم» دەۋاتاتتى.

ـ ياق، مەن ھەرگىز روزامنى بۇزمايمەن،

ئاللاھنى ئۆز جېنىدىنمۇ بەك سۆيىدىغان مۇجاھىد ئىمام جاۋاپ قايتۇردى. يېرىمجان جىسمىنى تەستە كۆتىرىپ شۇ يەردىلا سەجدىگە باش قويدى ۋە چۇڭقۇر ئىشتىياق بىلەن ناماز ئوقۇشنى باشلىۋەتتى.

ئاخىرى ئەشۇ ئادەتتىكى بىر شەھەر پۇخراسى بىلەن پادىشاھ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگىلا تايانغان ئۇ ئاجىز كىشى ئۇتۇپ چىقىپ، ھۆكۈمىتىگە ۋە لەشكەر، قۇراللىرىغا ئىشەنگەن پادىشاھ مەغلۇپ بولدى. ئاللاھنىڭ ئۆلۈم پەرىشتىلىرى كېلىپ پادىشاھنىڭ جېنىنى ئالدى. پايىتەختنىڭ تاش، تۆمۈر پولات ئىشىكلەر بىلەن قاپلانغان تاملىرى يېقىلدى. ئىلگىرىكى پادىشاھنىڭ ئورنىغا، مۇئەككەل پادىشاھ بولدى. پۈتۈن قەلبلەرنى خالىغان تەرەپكە بۇرايدىغان مىھرىبان ئاللاھ پادىشاھنىڭ قەلبىنى ئىمامغا بولغان ئەقىدەت ۋە مۇھەببەتكە تولدۇردى. زىنداننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلدى. زەنجىر، كىشەنلەر يېشىلدى. دەررە يامغۇرى توختاپ، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ غالىبانە، ئەمما كەمتىرانە قەدەم بىلەن زىنداندىن ئۆيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئىلگىرى قەھرى ـ غەزەپنىڭ قارا قۇيۇنلىرى چىققان شاھ ئوردىسىدىن ئەمدىلىكتە ھۆرمەت، ئېھتىرامنىڭ مەيىن شاماللىرى چېقىشقا باشلىغان ئىدى. قەدەم ـ قەدەمدە ئەقىدەتمەنلىرىنىڭ ياشلىق كۈزلىرى بىلەن ئۇچرىشاتتى. كىشىلەرنىڭ قەلب، كۆزلىرى ئۇنىڭ يولىغا پايانداز ئىدى. پۈتۈن خەلقنىڭ خۇشاللىق كۆز ياشلىرى ئارىسىدا، تەبرىكلەپ، قۇتلۇقلاشلىرى ئىچىدە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ ئىككى رەكىئەت شۈكرى ناماز قىلىش ئۈچۈن كېتىپ باراتتى.

دەۋر پادىشاھىنىڭ قەلبىدە ئىمامغا بولغان مۇھەببەت كۈنسېرى ئاشماقتا ئىدى. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن پۈتۈن خەلقنىڭ شاتلىقى كۆزلىرىدىن تېشىپ تۇراتتى. ئەمما ئىمامچۇ؟ ئۇ خاتىرجەملىكنىڭ بىر تىنىقىنى بولسىمۇ تىنالىدىمۇ؟ ياق، ئەكسىچە پۈتۈنلەي باشقىچە ئەھۋالغا كېلىپ قالغان ئىدى. چۈنكى شاھ ئوردىسى تەرەپتىن قىلىنىۋاتقان ئەمدىكى ئىززەت ـ ئىكرامغا نىسبەتەن ئىلگىرى قىلىنغان جەبرى ـ زۇلۇملاردىمۇ چەكمىگەن ئېغىر ئازابنى چېكىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىزتىراپلىرى كۈنسىرى ئېشىپ، ھەتتا قورقۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.

ـ سىلى قورقۇپ يۈرىۋاتقاندەكلا كۆرىنىدىغان بولۇپ قاللا، ھالبۇكى پادىشاھ سىلىگە شۇنچە كۆڭۈل بۆلىدىغۇ؟!

ئىمام بۇ سۇئالغا شۇ قەدەر ھەيران ئىدىكى، ھەتتا سۇئال سوراۋاتقانلارنىڭ ھەيرانلىقىنىمۇ ئارقىدا قالدۇرۇپ قويغان ئىدى. ئاخىرى ئىمام بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈپ، «بۇ دېگەن ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك ئېغىر سىناق. ئەجىبا سىلەر دۇنيانىڭ زۇلۇم ـ سېتەم ئارقىلىق باسالمىسا شەپقەتو ـ  كەرەم ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئىلگىركىسى دىننىڭ پىتنىسى ئىدى، ھازىرقىسى دۇنيانىڭ پىتنىسى. دۇنيانىڭ پىتنىسى...» دېدى.

بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپلا قايسىدۇر ئۆتمۈشنىڭ ئەسلىمىسىگە چۆكۈپ كەتكەن ئىدى. دۇنيا ياسىنىپ ـ جابدۇنۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىنى ئۇتماقچى بولۇپ كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسام ھەر ئىككى قولى بىلەن توختىماي ئۇنى يېراققا ئىتتىرگەن، دۇنيا شۇ چاغدا، «سەنغۇ مەندىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيسەن، ئەمما سېنىڭدىن كىيىنكى كىشىلەرنىڭ مەندىن قۈتۈلۈپ قالالىشى بەسى مۈشكىل» دېگەن ئەشۇ چاغلارنى ئەسلەۋاتاتتى.

دەل مۇشۇنداق سەۋەپلەردىنلا ئۇ دائىم ئىززەت ـ ئىكراملاردىن قېچىپ تۇراتتى. پادىشاھقا ئەمەس، بەلكى ئاللاھتىن قالسىلا ئۇنىڭ ئەڭ مىننەتدار بولغان ۋە دائىم تەشەككۈرلۈك تۇيغۇلىرى بىلەن ئەسلەپ تۇرىدىغان ئادىمى ”ئەبۇل ھەيسەم“ ئاتلىق گۇمنام بىر كىشى ئىدى. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھنىڭ ئوغلى داسىدىسىنىڭ ھەربىر نامازدا شۇ كىشىگە دۇئا قىلىپ، «ئى ئاللاھ! ئەبۇل ھەيسەمنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەبۇل ھەيسەمگە رەھمەت قىلغىن» دەپ تىلەيدىغنالىقىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدى. ئاخىرى ئۇ دادىسىدىن «جېنىم ئاتا! بۇ ئەبۇل ھەيسەم دېگەن ئۇلۇغ كىشى زادى كىم؟» دەپ سورىدى.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ بۇنى ئاڭلاپ ئۇلۇغ كېچىك تىنىۋالغاندىن كىيىن ئاستا بېشىنى كۆتەردى ۋە ئوغلىغا: «ئۇ بىر ئوغرى ئىدى» دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

ـ ئوغرى! ئوغۇل ھەيرانلىقتا داڭ قېتىپلا قالغان ئىدى.

ـ شۇنداق، ئۇ بىر ئوغرى ئىدى، مېنىڭ زۇلۇم چەككەن چاغلىرىمدا ئىرادەمدەمدىن يانماي مەھكەم تۇرالىغانلىقىم ئۇنىڭ ئىككى ئېغىز سۆزىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. مەن زىندانغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقانىمدا ئۇ ماڭا يول ئۈستىدە ئۇچرىدى ۋە ناھايىتى دەرتلىك ئاۋازدا ماڭا خىتاب قىلىپ، «بىلەمسەن، مەن بىر ئوغرى. ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن نۇرغۇن قېتىم تۇتۇلدۇم، ساناقسىز دەررە، زىندانلارنى باشتىن كەچۈردۈم. پەقەت بىلىمگە ئۇرۇلغان دەررىلەرنىلا ساناپ كەلسەم، ئون سەككىز مىڭدىن ئاشىدىكەن، ئەمما شۇنداقتىمۇ مەن ھېچ قاچان ئىرادەمدىن يېنىپ باقمىدىم. ھەر قېتىم زىنداندىن چىقسام ”يەنە چوقۇم ئوغۇرلۇق قىلىمەن“ دېگەن قەتئىي نىيەت بىلەن چىقتىم. مېنىڭ بۇنداق ئىرادىدىكى مۇستەھكەملىكىم پەقەتلا دۇنيادىن ئىبارەت رەزىل نەرسە ئۈچۈن ئىدى. ئەمدى سەن ناۋادا ئاللاھ ئۈچۈن شۇنچىلىك جاسارەت كۆرسىتەلمەي قالساڭ، مەن ساڭا مىڭ ئەپسۇس ئوقۇيمەن، مىڭ ئەپسۇس» دېدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى خۇددى ئوقيادەكلا ئۇدۇل قەلبىمگە ئورناپ كەتتى. ھەرقېتىم شۇ سۆزلەرنى ئويلىسام «مەن ئاللاھنىڭ رىزالىقى يولىدا ئەشۇ ئوغرىدىنمۇ ئىرادىسىز بولۇپ قالسام بولماس» دېگەنلەرنى ئويلاپ سوغۇق تەرگە چۆمۈپ كېتەتتىم.

**********************

بۇ شۇنداق بىر دەۋرنىڭ ھېكايىسى ئىكەنكى، ئۇ چاغلاردا كۆكرەكلەردىكى ئىمان يالقۇنلىرى بىر ئوغرىنىڭمۇ ئىككى ئېغىز دەرتلىك سۆزى بىلەن تارىخنىڭ ئەنە شۇنداق ئۇلۇغۋار مۇجاھىد ئىماملىرىنى پەيدا قىلالايدىغان دەرىجىدە لاۇۋۇلداپ يېنىپ تۇراتتى. ئەمما ئەمدىچۇ؟ ھازىر گەرچە سان ـ ساناقسىز قەلەملەر، سان ـ ساناقسىز ئاۋازلار، سان ـ ساناقسىز ئېغىزلار ئەشۇ سۆزنى قىلىپ، ئەشۇ سۆزنى يېزىپ، ئەشۇ سۆزنى توۋلاپ يۈرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئارىمىزدىن ھەقىقىي مۇجاھىد، ئىماملارنىڭ چىقىشى ناتايىن ھالغا كېلىپ قالماقتا. ساپلا دېگۈدەك راھەتپەرەس، نەپسانىيەتنىڭ قۇللىرى، بېشى نامازدا سەجدىدە تۇرىۋېتىپ، قەلبى دۇنيانىڭ ھېساۋاتىدىن ئۈزۈلمەيدىغان، باتىل ھۆكۈمەتنىڭ يالىقىنى يالاپ ھارمايدىغان، ئېلىۋاتقان مۇئاشنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى ھېساپلىشىشقۇ ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۆزىگە خۇدا قىلىۋالغان ئەشۇ ھاكىمىيەتنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنى نارازى قىلىشتىنمۇ يالتايمايدىغان، ئىسلام دۈشمەنلىرى بىلەن ئېغىز ـ بۇرۇن يالىشىپ، پەدىسىگە ئۇسۇل ئوينايدىغان، ئۇلارغا بوينى يۇمشاق ئىتائەتچان مۇسۇلمان پۇخرا تەربىيىلەپ بېرىش ئۈچۈن سەللىلەرنىڭ مۇقەددەسلىكى ئاستىدا خۇپىيانە شۇملۇقىنى قىلىپ يۈرىدىغان، ھەقنى بۇرمىلاپ، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ، ئۈممەتنى پارچىلايدىغان، مۇناپىق، زۇۋانداراز، تۇزكورلار، شۇئارۋاز ساختا مۇجاھىد، ئوغرى ئىماملار، يالاقچى، مېدىيا موللىلار مەيدانغا كەلمەكتە.

ئەمما بىز ۋە سىلەر ھەممىمىز ئوخشاشلا تىرناق تاتىلاپ، بۇنداق ئەھۋاللارغا سۈكۈت قىلغانچە قاراپ تۇرماقتىمىز. ئېنىقكى، ناھەقچىلىككە سۈكۈت قىلىشنى ئاللاھقا قىلغان ئاسىيلىق دەپ بىلگەن، ۋە شۇنىڭ ئۈچۈنلا مىسلىسىز ئازابلارنى چەككەن ئەمما ئىرادىسىدىن قەتئىي يانمىغان ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ ھەقىقىي مۆئمىن مۇجاھىد ئىدى، ھەتتا ئەشۇ ئەبۇل ھەيسەم ئاتلىق ئوغىرىمۇ مۆئمىن ئىدى. ئەمما بىزچۇ؟ بىز زادى نېمە؟ قېنى ۋىجدانىمىزدىن سوراپ باقايلىكى بىز زادى مۇسۇلمانمۇ؟

كامىلجان تەرجىمىسى:

ماقالىلار مۇندەرىجىسىگە قايتىش>>

باش بەتكە قايتىش


E-mail: webmaster@munber.org

نەشىر ھوۇقۇقى مۇنبەر تور بېكىتىگە ئائىت  2005 ـ 2006
 
Reserved ®, edited by Munber webmaster  2005-2007