بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى ئالماشتۇرۇش | силавийәнчә

 

 

   

 

كۇپۇرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

بىر قىسىم ئىنسانلار مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن ھاياتى جەريانىدىن خەۋەرسىز، ئاڭسىز ھالدا ياشاشنى (ئىلاھى قانۇنىيەت ئاساسىدا) داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ياراتقان ئىگىسىنى تونۇش ئۈچۈن ئەقلىنى، زېھنىنى ۋە سەزگۈ قابىلىيىتىنى ئىشلەتمەستىن، ئىنكار قىلىش ئەركىنلىكىنى ئىشلىتىپ ئاللاھقا  ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى كورۇۋالالايمىز. كۇپۇرنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى، يوشۇرماق ، يۈگىمەك، پەردىلىمەك دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ئىنسان ئۆزىنىڭ تەبىئىتىدىكى (يارىلىتىشىدىكى) ھەقىقەتنى يوشۇرىدۇ. (چۈنكى ئىنسان پىترەت ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ) ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ، ئەزالىرى، مۈسكۈل ۋە نېرۋىلىرىنىڭ ھەربىر تالاسى تەبىئي قانۇنىيەتكە بويسۇنغان ھالدا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جانلىق ۋە جانسىز ھەر قانداق نەرسە بىر ئىلاھىي قانۇن بىلەن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەنۇ.. ، بۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەقلى خۇددى غۇۋا پەردىلەر بىلەن توسۇلۇپ قالغاندەك بۇ ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمغان ۋە ئۇنىڭغا خىلاپ چۈشەنچىدە بولۇش بىلەن بىرگە كۇپۇرنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئەتراپنى تىمىسقىلاپ يۈرمەكتە.

كۇپۇر، جاھالەت (بىلىمسىزلىك، نادانلىق) نىڭ ئۆزى دېمەكتۇر، كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە بىردىن بىر ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالانى بىلمەسلىكتىنمۇ بۈيۈك جاھىللىق ۋە نادانلىق بولماس! ئىنسان ئەتراپىدىكى تەبىئەتنىڭ چەكسىز مەنزىللىرىنى، كېچە-كۈندۈز توختىماستىن ئىشلەۋاتقان ئاجايىپ تەبىئەت مېخانىزىمىنى ھەمدە كائىناتنىڭ ھەر يىرىدە ئاشكارا مەۋجۇد بولغان بۈيۈك مەۋجۇداتلارنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ بۇلارنى ياراتقان ۋە ئىدارە قىلىۋاتقان قۇدرەتلىك ئاللاھنى تونۇماسمۇ!؟ مۇكممەل بىر شەكىلدە ئىشلەۋاتقان كەم كۈتىسىز بىر ئورگانىزمدىن ئىبارەت ۋۇجۇدىنى كۆرۈپ بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزى خالىغان مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ. لېكىن، بۇلارنى ياراتقان قۇدرەتنى، بۇ مېخانىزىمىنى سېزىپ پىلانلىغان ئىنژېنېرنى تونۇمايدۇ ۋە ياكى تونۇشقا ئىنتىلمەيدۇ. بۇنداق ئىنسانلارنىڭ جاھالەت قاراڭغۇلىقى ئىچىدە تىمىسقىلاپ يۈرگىنى يۈرگەن.

ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى ئاللاھنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكە ئۇنىڭغا تولۇق قۇلچىلىق قىلىشنى تەۋسسىيە قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ئائىت بىلىملەرنى ئۈگىنىش ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلاشقا چاقىرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك نېمىتىگە كۇپۇر قىلماق، ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زۇلۇم قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى توغرا يولغا يېتەكلىشىنى ۋە ئۆز رەھمىتىگە ئېلىشىنى سورايمەن.

ن.تەمكىنى

ماقالىلەر سەھىپىسىگە قايتىش >>

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org