بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى ئالماشتۇرۇش | силавийәнчә

 

 

   

 پاكىستان ھۆكۈمىتى شىۋىتسىيەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋى رەسىمىنى سىزغانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىدى ۋە «خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيى»غا ئەرز سۇندى

پاكىستان پايتەختى ئىسلام ئاباد شەھىرىدىن2007- يىلى 30- ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، «خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيى» شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتىدىن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە ياراشمايدىغان ھەجۋى رەسىم سىزغان شىۋىتسىيە گېزىتىنىڭ مەسئۇلىنى ۋە رەسىمنى سىزغان رەسسامنى جازالاپ بېرىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلغان.

«خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيى» نىڭ باش كاتىپى ئەكمەلىددىن ئىھسان ئوغلۇ شىۋىتسىيەدە چىقىدىغان « نېرىكىس ئەلىھىندا» گېزىتىدە، «لارس فىلكىس» دېگەن رەسسام تەرىپىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە ۋە يۈكسەك ماقامىغا لايىق كەلمەيدىغان ھەجۋى رەسىمنىڭ سىزىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتكارلارنى دەرھال جازالاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئېھسان ئوغلۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۇ پىكىر ئەركىنلىكى پەردىسى ئاستىدا ئىشلەنگەن ئەڭ كەچۈرۈلمەس جىنايەتتۇر. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غۇرۇرىنى زىدىلەيدىغان بۇ جىنايەتكە بىز قاراپ تۇرالمايمىز.»

ئىھسان ئوغلۇ مۇسۇلمانلارنى تەمكىنلىك بىلەن ئىش كۆرۈشكە ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھالدا جازاسىنى كۆرۈشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

پاكىستان بىلەن ئىران شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتىگە رەسمىي تۈردە نارازىلىق بىلدۈردى. پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىسلام ئاباد شەھىرىدىكى شىۋىتسىيە كونسولىنى چاقىرتىپ، جىنايەتكارلارنى جازالاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئىسلام ئابادتىكى شىۋىتسىيە ئەلچىخانىسىنى تاقىۋېتىشكە ئەمر قىلدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنىگە لايىق كەلمەيدىغان بۇ رەسىمنى سىزغۇچىلار ئىنسانىيەتنىڭ جىنايەتكارلىرىدۇر. بۇ ئىش كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. دىنلار ئوتتۇرىسىدا دىئالېكت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلىۋاتقان بۇ پەيتتە، مۇنداق رەسىمنىڭ سىزىلىشى ئىنسانىيەتنىڭ بەخت – سائادىتى بىلەن ئويناشقانلىق ۋە دىنلار ئارا دىئالېكتكە زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر».

بىز بۇ ۋەقەلىككە ئەپسۇسلىنىپ دەيمىزكى، ئىسلام دىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قۇچاقلاپ باغرىغا باسىدىغان ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا ياخشىلىق تىلەيدىغان بىر ئۇلۇغ دىن. مۇسۇلمانلار بۇ ئۇلۇغ دىننىڭ تەلىماتى بويىچە، باشقا دىندا بولسىمۇ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى، ئادالەتلىك ۋە ئەخلاقلىق مۇئامىلە قىلىشنى، زۇلۇم قىلماسلىقنى، كەمسىتمەسلىكنى ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاق ۋە دىنىي بۇرچ دەپ تونۇيدۇ. قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى كۇففارلارنىڭ چوقۇنغان نەرسىلىرىنىمۇ ھاقارەتلىمەسلىككە چاقىرغان. شۇڭا مۇسۇلمانلار باشقا دىندىكىلەرنى ھاقارەتلىمەيدۇ ۋە چوقۇنغان نەرسىلىرىنىمۇ سۆكمەيدۇ. بەلكى ھېكمەتلىك ۋە ئەخلاقلىق ھالدا خاتا ئىشلارنى رەت قىلىدۇ.

بىزنىڭ دىنىمىز يەھۇدىيلارنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ۋە خرىستىئانلارنىڭ پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالاملارغا ئىمان ئېيتىشنى ئىماننىڭ مۇھىم بىر پارچىسى قىلىپ بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ ئىمانى قوبۇل قىلىنمايدۇ. يەھۇدىيلار بىلەن خرىستىئانلار پەيغەمبەرلىرىنى ئادەتتىكى ئىنسانلاردىمۇ بولمايدىغان پەسلىك ۋە ھېقىرلىق بىلەن سۈپەتلىسە، مۇسۇلمانلار مەزكۇر پەيغەمبەرلەرنى ئاقلايدۇ ۋە ئۇلارنى لايىق رەۋىشتە ھۆرمەتلەيدۇ. مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن ياۋرۇپالىق پەرەڭلەرنى تەمىنلەپ تۇرىدۇ. ئۇلارغا ئىنسانلىق مۇئامىلىسىنى قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار؟ نىمە ئۈچۈن ئۇلار مۇسۇلمانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ دىنىغا بۇنچىلىك دۈشمەنلىك قىلىدۇ؟ قۇرئان كەرىم بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئۆز ۋاختىدا بەرگەن. «سەن يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار نىڭ دىنىغا كىرمىگىچە ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ.» (بەقەرە سۈرىسى 120- ئايەت).

مۇھەممەد يۇسۇف

ماقالىلەر سەھىپىسىگە قايتىش >>

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org