مەدىنە مۇنەۋۋەر ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى

"مېنىڭ مۇشۇ مەسجىدىمدە ئوقۇلغان ناماز (مەككىدىكى) مەسجىدى ھەرەمدىن باشقا ھەرقانداق يەردە ئوقۇلغان نامازدىن مىڭ ھەسسە ئەۋزەلدۇر" [ھەدىس شەرىف]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇرتى مەدىنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "خۇددى يىلان ئۆز ئۇۋىسىغا قايتقاندەك، ئىمانمۇ چوقۇم مەدىنىگە قايتىدۇ" دېگەن ھەدىسىدە دېگەندەك مەدىنە مۇنەۋۋەرە ھەقىقەتەن دارۇلئىمان (ئىماننىڭ مەركىزى) بولۇشقا لايىقتۇر. مەدىنە ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئورۇنلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا دەججال ۋە ماخاۋ كېسىلى كىرەلمەيدۇ. ئۇ دۇنيادا ئەڭ كېيىن ۋەيران بولىدىغان، ھەرقانداق مۇسۇلمان زىيارەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ جايغا ھىجرەت قىلغاندىن تارتىپ، ئىسلام نۇرى ئۇ يەردىن پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىغىچە تارقىغان، ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پايتەختىدۇر.

مەدىنە مۇنەۋۋەردە دۇنيادىكى ئەڭ ئادىل تۆت خەلىفە ئۆتكەن، ھەم ئۇ جايدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك قەبرىسى بار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ھەقىقەتەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەككىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىقنى ھارام قىلغان ۋە مەككە ئاھالىسىگە دۇئا قىلغىنىدەك، مەنمۇ مەدىنىنىڭ ھۆرمتىنى قىلماسلىقنى ھارام قىلدىم. شۇنداقلا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەككە ئاھالىسىگە دۇئا قىلغاندەك مەنمۇ مەدىنە ئاھالىسىنىڭ "سا" ۋە "مۇد" لىرىغا (ئاشلىق ئۆلچەيدىغان ئەسۋابلىرىغا، ئاشلىقلىرىنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىغا) دۇئا قىلدىم" دېيىش ئارقىلىق ئۇ زېمىننى ھۆرمەتلىك قىلغان.

مەدىنە مۇنەۋۋەرە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، مەككە مۇكەررەمەنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. مەككە بىلەن مەدىنىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 450 كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 600 مېتىر ئېگىزلىكتە جايلاشقان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "بۇ بىزنى ياخشى كۆرىدىغان، بىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان تاغ" دەپ سۈپەتلىگەن "ئۇھۇد" تېغى ئۇنىڭ شىمالىغا جايلاشقان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە قىلغان ھىجرىتى مەككىدىكى مۇسۇلمانلارغا كەلگەن ئەزىيەتتىن ۋاقتىنچە قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىدى. ئەينى زاماندا مەدىنىدە ئەنسارىلار، مۇھاجىرلار ۋە يەھۇدىيلار قاتارلىق ھەر خىل پىرقىلەر بار بولۇپ، بۇلارنى ئۆز ـ ئارا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى زۆرۈر ئىدى. شۇڭا بۇ ھىجرەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دەۋەتچىلىكتىن دەۋەتچى ۋە سىياسىيونغا ئايلاندۇردى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ چىققاندا: "ئى ئاللاھ! سەن مېنى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان زېمىندىن چىقىرىۋەتتىڭ، مېنى سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان زېمىنغا ئورۇنلاشتۇرغايسەن" دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. ھەقىقەتەن مەدىنە يەر يۈزىدە كىشىلەر ئۇزۇن سەپەرلەرنى بېسىپ زىيارەت قىلىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان، تەۋەررۇك، پاك ۋە ياخشى زېمىنلاردىن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇشى

مەسجىدنىڭ ئەسلى ئورنىدا خورمىزارلىق ۋە مۇشرىكلارنىڭ قەبرىلىرى بار بولۇپ، ئۇ مەدىنىلىك سەھل ۋە سۇھەيل ئىسىملىك ئىككى يېتىم بالىغا تەۋە تاشلاندۇق يەر ئىدى. ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ جاينى ئىككى يېتىم بالىدىن 10 دىنارغا سېتىۋېلىپ، ئۇ جايدىكى خورمىلارنى كەستۈرۈپ، قەبرىلەرنى يۆتكىتىپ، ئاندىن تۈزلەپ يەر يۈزىدىكى ئەڭ پاك مەسجىدلەردىن بىرىنى بىنا قىلىش تەييارلىقىنى پۈتتۈردى. بۇ مەسجىدنىڭ قۇرۇلۇشى يەتتە ئايدا تاماملاندى. بۇ جەرياندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ ئەييۇبىل ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مېھمان بولدى. مەسجىد قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆيى ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقىنى يوق كەمبەغەللەرنى مەسجىدتە يېتىشقا رۇخسەت قىلدى. كېيىنكى مەزگىللەردە بۇلار ئەسھابۇسسۇفە (سۇپا ئەھلى) دېگەن نام بىلەن تونۇلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىناكارلىقتىن ئاز ـ تولا خەۋىرى بارلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تاملىرىنى لايدىن يەتتە گەز (بىر گەز 66 سانتىمېتىرغا باراۋەر) ئېگىزلىكتە قوپۇرۇپ، ئۈستىنى خورما شاخلىرى ۋە لاي بىلەن يېپىپ، ئىچىگە خورما دەرەخلىرىدىن تۈۋرۈكلەرنى ئورنىتىپ، كەڭلىكى 60 گەز، ئۇزۇنلىقى 70 گەز كېلىدىغان بۇ مەسجىدنى بىنا قىلدى. بۇ مەسجىدنىڭ شەكلى تۆت چاسا بولۇپ، ئۇنىڭ بىر تېمى بەيتۇل مەقەددەس تەرەپكە توغرا كېلەتتى ۋە جەنۇب تەرەپتىكى تېمى كەئبە تەرەپكە توغرا كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۈچ ئىشىكى بولۇپ، ئۇ ئىشىكلەر: "باب جىبرىئىل" (جىبرىئىل ئىشىكى)، "بابۇن نىسا" (ئاياللار ئىشىكى) ۋە "بابۇر رەھمە" (رەھمەت ئىشىكى) دەپ ئاتىلاتتى. بۇ ئىشىكلەر بۈگۈنگە قەدەر شۇ ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مەسجىدنىڭ جەنۇبى تېمىنىڭ شەرقىي بۇرجىكىگە يۆلەپ  ئاياللىرىدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە سەۋدە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىككسىگە ئىككى ئېغىز ھوجرا سالدۇردى. ئاندىن باشقا ئاياللىرىغا مەسجىدكە يۆلىمەستىن مەسجىدتىن 10 گەز ئارلىق قويۇپ ھوجرىلارنى سالدۇردى. (ئۇ چاغلاردا ناماز بەيتۇل مۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇلغاچقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوجرىلىرى مەسجىدنىڭ ئارقا تەرىپىگە توغرا كېلەتتى. ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى يىلى ئاللاھ تائالادىن قىبلىنى كەئبە تەرەپكە ئۆزگەرتىش بۇيرۇقى كەلگەندىن كېيىن، ھوجرىلار مەسجىدنىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ ئوڭ بۇرجىكىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ قالغان).

دەسلەپكى قېتىمدا مەسجىدنىڭ ھەممىسى يېپىلماي پەقەت قىبلە (شىمال) تەرىپىلا يېپىلغان بولۇپ، قىبلە ئۆزگەرگەندىن كېيىن جەنۇب تەرىپى يېپىلىپ ئوتتۇرىسى ئوچۇق قالغان. مەسجىدنىڭ قىبلە تېمىنىڭ ئوتتۇرىغا قىبلىنى كۆرسىتىدىغان بىر بەلگە قىلىپ قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ مېھرابنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ دەسلەپكى قەدىمى بولۇپ قالغان.

ئۇ زامانلاردا مەسجىدنىڭ مۇنارلىرى يوق بولۇپ، مۇئەززىن ئەزان ئېيتماقچى بولغاندا مەسجىدنىڭ يېنىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىگە چىقىپ ئەزان ئېيتاتتى. ھىجرىيەنىڭ 7 ـ يىلى خەيبەر غازىتىدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدىنى كېڭەيتتى ۋە ئاياللىرىنىڭ ھوجرىلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى مەسجىدكە قارايدىغان قىلىپ بەزىلىرىنى خورما قوۋزاقلىرى بىلەن بەزىلىرىنى تاش بىلەن كېڭەيتىپ سالدۇردى. مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ قۇياشنىڭ تەپتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەسجىدنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىنىمۇ ياپتى. مەسجىد  ھىجرىيەنىڭ 11ـ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھوجرىسىغا دەپنە قىلىنغانغا قەدەر مۇشۇ ھالەتتە قالدى.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى ئىسلامىي يۈرۈشلەردىن كېيىنكى يېڭى بىنا قىلىنغان ئىراقتىكى "بەسرە" ۋە "كۇفە" مەسجىدلىرى، مىسىردىكى "ئەمر ئىبنى ئاس مەسجىدى" ۋە قەيرىۋاندىكى "ئۇقبە ئىبنى نافىئ" مەسجىدى قاتارلىق مەسجىدلەرگە ئوخشاش مەسجىدلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ قالدى.

تۆت خەلىفە زامانىسىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى

خەلىفە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىسىدا مەسجىدكە ھىچقانداق ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلمىدى. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇرتەدلەر (دىندىن يېنىۋالغانلار) بىلەن ئۇرۇش قىلىش ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش بىلەن مەشغۇل ئىدى. ھىجىرىيەنىڭ 17 ـ يىلى خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي تەرەپلىرىنى كېڭەيتتى ۋە قىبلە تېمىنى قېلىنلاتتى، شۇنىڭ بىلەن مەسجىدنىڭ شەرقىي تېمىدىن باشقا بۇرۇنقى تاملىرى يېڭىلاندى. شەرقى تېمىدا بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھوجرىلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ تەرەپ ئەسلىدىكى پېتىچە قالدۇرۇلدى. ھىجرىيەنىڭ 24 ـ يىلى خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە مەسجىدنىڭ شەرقىي تېمىدىن باشقا ھەممە تەرىپىنى نەقشىلىق تاشلار بىلەن قوپۇرۇپ كېڭەيتتى، ئۈستىنى چىنار ياغاچلىرى بىلەن ياپتۇردى ۋە ئالتە ئىشىك قويدۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەسجىدنىڭ ئۇزۇنلىقى 160گەز، كەڭلىكى 50 گەزگە يەتتى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە گۈمبەز قوپۇرۇلغان ئىدى. خەلىفە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنىڭ ئەتراپىنى ناماز ئوقىغانلارغا كۆرەنمىگىدەك قىلىپ ئادەم بويى تام بىلەن ئوراپ قويدى. گەرچە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ مەسجىدكە بەزى نەرسىلەر قوشۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، تېخىچە مەسجىدتە كېيىنكى كۈنلەردە پەيدا بولغان مۇنار، ئويۇپ نەقىشلەنگەن مېھراب، ئاسما چىراق، رېھىل ۋە ئولتۇرۇپ دەرس ئۆتىدىغان ئورۇندۇق قاتارلىقلار يوق ئىدى.

ئۇمەۋىي خەلىفىسى ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك زامانىسىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى

 ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كېيىن ھىجرىيەنىڭ 88 ـ يىلى ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك خەلىفە بولغۇچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىگە ھىچقانداق ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلمىدى. ئۇ دەۋرلەر ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ مەدەنىيەت، ئەسكەرىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ئەڭ روناق تاپقان مەزگىللىرى بولۇپ، ئۇنىڭ چېگرىسى ئىران، ئىراق، مىسىر، شام زېمىنى ۋە شىمالى ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالەتتە شەرقتە ھىندىستان، غەربتە ئىسفانىيەگە يېتىپ بارغان ئىدى. شۇڭا بۇ دەۋر قەدىمكى زامان مەدەنىيىتى بىلەن يېڭى زامان مەدەنىيىتى ئۇچرىشىپ، يېڭىچە ئۇسلۇپتىكى ئىسلام بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى ھاسىل قىلغان شانلىق دەۋر ئىدى. نەتىجىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بۈيۈك ئىسلامىي قۇرۇلۇشلار بارلىققا كەلگەن.

خەلىفە ۋەلىد مەدىنىنىڭ ۋالىيسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىنى شۇ چاغدىكى ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇدرىتىگە مۇناسىپ ئۇسلۇب، مەسجىدنىڭ مۇسۇلمانلار قەلبىدىكى ئورنىغا مۇناسىپ نەقىش بىلەن ھەممە يېرىنى قايتا بىر قېتىم يېڭىلاپ چىقىشقا بۇيرۇدى. بۇ قۇرۇلۇشقا كېتىدىغان ھەر خىل مەرمەر تاش ۋە ئېسىل ياغاچ قاتارلىق ماتېرىياللىرىنى ۋە ھەرقايسى يۇرتلاردىكى بىناكارلىق ئۇستىلىرىنى ئەۋەتتى.

ئابباسى خەلىفىىلىرىدىن مەھدىينىڭ زامانىسىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى

ھىجرىيەنىڭ 160 ـ يىلى ئابباسى خەلىفىلىرىدىن مەھدى مەسجىدنى قايتا يېڭىلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنگە قەدەر مەسجىدتە تىلغا ئالغۇدەك ئالاھىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇش تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. چۈنكى، ئۇندىن كېيىنكى زامانلاردا بىر قانچە قېتىملىق قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمىدە ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.

بەزى ماتېرىياللارغا قارىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى ئابباسىيلار خەلىفىلىكىنىڭ دەسلەپكى خەلىفىلىرىنىڭ خەلىفىلىك دەۋرلىرىدىلا ئويلاشقان بولۇشى، ئەمما يېڭىلا قۇرۇلغان دۆلەت ئىشلىرى سەۋەبلىك ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولۇشى مۇمكىن.

خەلىفە مەنسۇر زامانىسىغا كەلگەندە ئابباسى خەلىفىلىكى نىسپى خاتىرىجەملىككە ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىنىڭ يېڭىلاش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشقا بەلباغلىغان بولسىمۇ، ئەپسۇس ئىش باشلاشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئەجىلى توشۇپ قالدى.

 ھىجرىيە 158 ـ يىلى خەلىفە مەھدىينىڭ زامانىسىغا كەلگەندە ئابباسىيلار خەلىفىلىكى ھەقىقى مۇستەھكەملەندى. شۇنىڭ بىلەن خەلىفە مەھدىي ھىجرىيەنىڭ 160 ـ يىلى مەسجىدنى يېڭىلاش بۇيرىقىنى رەسمى چۈشۈردى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇشتا قىبلە تەرەپتىكى ۋە قىبلە تەرەپنىڭ ئىككى بۇرجىكى ئۆز پېتىچە قالدۇردى. مەسجىدنىڭ شىمالى تەرىپىدىن 30 مېتىر كېڭەيتتى. شىمال تەرەپتىكى ئىككى مۇنار چاقچۇق چاپلاپ سېلىندى ۋە ئىككى ئىشىكىنى قايتىدىن يېڭىلىدى. ئەمما مەسجىدنىڭ ئەسلىدىكى شەكلى ئۆزگەرمىدى. مەسجىد تاكى ھىجرىيەنىڭ 654 ـ يىلى (مىلادىيە 1256 ـ يىلى) ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنگە قەدەر خەلىفە مەھدى يېڭىلىغان پېتى تۇردى.

بۇ ئوت ئاپىتى رامىزاننىڭ ئەۋۋەلقى جۈمە كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوت مەسجىدنىڭ قىبلە تەرىپى ۋە سۇلتان ناسىر لىدىنىللاھ دەۋرىدە سېلىنغان ئۇنىڭ ئىچىدە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قالغان قۇرئان كەرىم ساقلانغان گۈمبەزلىك بۆلۈمچىدىن باشقا ھەممە يەرنى كۆيدۈرىۋەتكەن ئىدى. بۇ خەۋەر شۇ دەۋردىكى ئابباسىيلار خەلىفىسى مۇئتەسىم بىللاھقا يەتكەن ھامان، ئۇ دەرھال مەسجىدنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۇتۇش قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى. ئەپسۇس بۇ ئىشىنى پۈتتۈرىشىگە ئۇنىڭ تەقدىرى يار بەرمىدى. چۈنكى ئۇ ھىجرىيە 656 ـ يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 14 ـ كۈنى شەرق ئىسلام ئالىمىگە قانلىق ئىستىلالىرى بىلەن تونۇلغان موڭغۇل جاھانگىرى ھىلاكو تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ھەم ئابباسىي خەلىفىلىكىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئىدى.

سۇلتان قايىتباي دەۋرىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى

ھىجرىيە 886 ـ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى قويۇلغان ھوجرىلاردىن باشقا مەسجىدنىڭ كۆپ قىسمى ئاسماندىن چاقماق چۈشۈش سەۋەبى بىلەن كۈيۈپ كەتتى. بۇ خەۋەر يېتىشى ھامان سۇلتان قايىتباي دەرھال مەسجىدنى قايتىدىن رىمونت قىلدۇرۇشقا ئالدىرىدى. سۇلتان قايىتباي ئەسلىدىنلا، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمەتىنىڭ قەبرىلىنى ۋە دىنىي سورۇنلارنى بىنا قىلدۇرۇشقا ھېرىسمەن ئىدى. بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "مەسجىدۇلھەرەم، مېنىڭ بۇ مەسجىدىم (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى) ۋە بەيتۇل مۇقەددەستىن ئىبارەت ئۈچ مەسجىدتىن باشقا مەسجىدنى سەپەر قىلىپ زىيارەت قىلىشقا بولمايدۇ" دېگەن ھەدىسى ئارقىلىق سەپەر قىلىپ زىيارەت قىلىنىدىغان شۇ ئۈچ مەسجىدكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى.

شۇنىڭ بىلەن سۇلتان قايىتباي قۇرۇلۇش قىلىش ئۈچۈن بەزى مىمارچى، ياغاچچى، ئىشچى ۋە قۇرۇلۇشچىلارنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا شۇ زاماندىكى ئەڭ كاتتا ۋە گۈزەل بىر مەسجىد قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈردى. ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا سۇلتان قايىتباي بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن 100 مىڭ دىنار سەرپ قىلغان ئىكەن. سۇلتان قايىتباي بۇ قېتىم يەنە مەسجىدكە ئۇلاپ بىر مەدرىسە سالدۇردى. سۇلتان قايىتباي مەسجدنىڭ ئاسما چىراقلىرى، گىلەملىرى قاتارلىق نەرسىلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن مەدىنە ئەھلى ۋە كەلگەن زىيارەتچىلەرنىڭ چوڭ ـ كىچىك، باي ـ كەمبەغەللىرىنىڭ ھەممىسىگە يەتكىدەك بۇغداي ۋە يېمەكلىك تارقىتىپ بەرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىدە گەرچە بەزى كىچىك رىمونت خارەكتېرلىك قۇرۇلۇشلار بولغان بولسىمۇ، قايىتباي زامانىسىدىن كېيىن ئوسمانىيلار خىلافىتىگىچە چوڭ قۇرۇلۇش قىلىنمىدى.

ئوسمانىي خەلىفىلىك دەۋرىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىدە گەرچە نۇرغۇنلىغان تارىخى باسقۇچلاردا ھەر خىل رىمونت ۋە قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ يەنىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش شەكلىدىن كۆپ ئۆزگىرىش بولمىغان ئىدى. ئوسمانىيلار خەلىفىلىكى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئوسمانىي خەلىفىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى.

ھىجرىيە 980 ـ يىلى (مىلادىيە 1572 ـ يىلى) ئىككىنچى سۇلتان سەلىم مەسجىدنىڭ تاملىرىغا ئالتۇن سۈيى بىلەن نەقىشلەنگەن چاقچۇق چاپلاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان مەھمۇد ئوسمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى بار ھوجرىنىڭ ئۈستىگە گۈمبەز ياساتتى. ئىلگىرى بۇ ھوجرىنىڭ ئۈستى ئادەتتىكىدەك يېپىلغان ئىدى.

ھىجرىيە 1233 ـ يىلى سۇلتان مەھمۇد ئىبنى ئابدۇلھەمىدنىڭ زامانىسىدا گۈمبەزنى تۈشۈكلۈك يېشىل گۈمبەزگە ئۆزگەرتتى. 1255 ـ يىلى ئۇ گۈمبەزنى سۇۋۇتۇپ ئاندىن يېشىلغا بوياتتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ گۇمبەز يېشىل گۈمبەز دەپ ئاتالدى.

ئوسمانىيلار زامانىسىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەڭ چوڭى سۇلتان ئابدۇلمەجىدخان دەۋرىدە بولدى. بۇ قېتىم سۇلتان ئابدۇلمەجىدخان مەسجىدنىڭ بۇندىن ئىلگىرى ياسالغان ھەممە يېرىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ سالدۇردى. "رەۋزە مۇبارەك" نىڭ تۈۋرۈكلىرىنى يېڭىدىن قىزىل ۋە ئاق مەرمەر تۆۋرۈكلەرگە ئالماشتۇردى، باشقا بارلىق تۆۋرۈكلەرنىمۇ يېڭىلىدى، "سالام" ئىشىكىنى ناھايىتى كۆركەم قىلىپ يېڭىلىدى. مەسجىدنىڭ ئاستىغا مەرمەر تاش ياتقۇزدى. مەسجىدنىڭ تاملىرىنى سۇۋاتقۇزدى ۋە گۈمبەزلەرنىڭ ئىچىگە چىرايلىق مەنزىرە سۈرەتلىرىنى سىزدۇردى. مەسجىدنى تۈۋرۈك پوسونىدا بېزەش بىلەن بىرگە پۈتۈن تاملارنى چۆرىدەپ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى يازدۇردى. بۇ خىزمەتكە مۇسۇلمانلارنىڭ داڭلىق خەتتاتلىرى قاتناشتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق خەتتات ئابدۇللاھ زۆھرى ئۈچ يىل داۋاملىق ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا مەسجىدنىڭ تاملىرىغا، تۈۋرۈكلىرىگە ۋە تورۇسلىرىغا ئايەت ۋە ھەر خىل دۇئالارنى يازغان. مەسجىدتە ناماز ئوقۇشقا تەسىر يەتگۈزمەسلىك ئۈچۈن قۇرۇلۇشنى كىچىك ـ كىچىك بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ئېلىپ باردى. شۇنداق قىلىپ مەسجىد قۇرۇلۇشى ھىجرىيە 1265 ـ يىلدىن 1277 ـ يىلغىچە 12 يىل داۋام قىلىپ، 57 مىڭ فوندسېتىرلىڭ چىقىم بىلەن پۈتتى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى يەنىلا بۇرۇنقى قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆلىمى بويىچە ئېلىپ بېرىلگەن بولۇپ، پەقەت مەسجىدنىڭ شىمالىغا بىر سەرراپ (تاھارەت ئالىدىغان جاي) سالدۇردى ۋە بۇ تەرىپىگە "مەجىدى ئىشىكى" (سۇلتان ئابدۇلمەجىدنىڭ ئىشىكى) دەپ بىر ئىشىك ئاچقۇزدى.

مېھرابلار

مەسجىدنىڭ ئۈچ مېھرابى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىچىسى ھىجرىيەنىڭ 2 ـ يىلى قىبلە ئۆزگەرگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەلگە قىلىپ بەرگىنى بولۇپ، بۇ مېھراب ھازىرقى مەسجىدنىڭ قىبلە تېمىدىن ئون نەچچە مېتىر ئىچىگە ئورۇنلاشقان. ئىككىنچى مېھراب بىرىنچى مىھرابنىڭ ئوڭ تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ "سۇلايمانىيە مىھرابى" دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈچىنچى مىھراب ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدنى كېڭەيتكەندە سالغان مېھراب بولۇپ مەسجىدنىڭ ھازىرقى قىبلە تېمىغا جايلاشقان.

مۇنارلار

يوقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بۇ مەسجىدنىڭ بىرمۇ مۇنارى يوق ئىدى، خەلىفە ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك زامانىسىغا كەلگەندە، ئۇ مەدىنىدىكى ۋالىيسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە مەسجىدنىڭ تۆت بۇرجىكىگە تۆت مۇنار بىنا قىلدۇرۇشقا بۇيرۇغان. تارىختىكى قۇرۇلۇشلار جەريانىدا ئۇ مۇنارلارنىڭ ھېچقايسىسى قالمىغان. ھازىر بۇ مەسجىدنىڭ ئون مۇنارى بولۇپ، بۇنىڭ بەشى تارىختا بىنا قىلىنغان ۋە بەشىنى سەئۇدى ھۆكۈمىتى بىنا قىلغان.

تارىختىكى مۇنارلار

بابۇسسالام مۇنارى: بۇ مۇنار مەسجىدنىڭ شەرقى جەنۇبى تەرىپىگە ئورۇنلاشقان، خەلىفە سۇلايمان مەدىنىگە كەلگەندە بۇ مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۇنىڭ بىر تەرەپكە بىر ئاز قېيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆرۈپ قايتىدىن سالدۇرغان. بۇ مۇنارنى ھىجرىيە 706 ـ يىلى سۇلتان ناسىر مۇھەممەد ئىبنى قەلاۋۇن قايتا يېڭىلاپ سالدۇرغان بولۇپ، بۇ مۇنار ھازىرغىچە ھىچقانداق ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلمەستىن شۇ پېتى ساقلىنىپ كەلمەكتە.

رەھمەت ئىشىكىنىڭ مۇنارى: بۇنى سۇلتان قايىتباي ئۆز زامانىدا ئوسمانىيلار قۇرۇلۇش پاسونىدا سالدۇرغان ئىدى. كېيىن سەئۇدى ھۆكۈمىتى بۇ مۇنارنى قايتا يېڭىلاپ سالدى.

جەنۇبى مۇنار: بۇ مۇنار مەسجىدنىڭ ئاساسلىق مۇنارى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوجرىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان. بۇ مۇنار سۇلتان مۇھەممەد ئىبنى قەلاۋۇن دەۋرىدىن تا ھازىرغىچە مىسىر پاسونىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

سۇلايمانىيە مۇنارى: بۇ مۇنار ئوسمانىي پاسونىدا سېلىنغان بولۇپ، مەسجىدنىڭ شىمالىي بۇرجىكىگە ئورۇنلاشقان. بۇنى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى قايتا يېڭىلاپ سالغان.

مەجىدىي مۇنارىسى: بۇ مۇنار ئوسمانىي پاسونىدا سېلىنغان بولۇپ، مەسجىدنىڭ غەربى بۇرجىكىگە ئورۇنلاشقان. بۇنىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى قايتا يېڭىلاپ سالغان ۋە بۇ مۇنارلارغا يېڭىدىن بەش مۇنارنى قوشۇپ سالغان. شۇنىڭ بىلەن مەسجىدنىڭ مۇنارى جەمئىي ئون بولغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرە شېرىپى:

ھىجرىيە 11 ـ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا بېشى غەرب تەرەپكە، يۈزى قىبلە تەرەپكە قىلىپ قويۇلدى.

ھىجرىيە 13 ـ يىلى جامادىيەل ئەۋۋەلنىڭ 22 ـ كۈنى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سول تەرىپىگە، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بېشىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غولىنىڭ ئۇددۇلىغا توغرا كەلتۈرۈپ دەپنە قىلىندى.

ھىجرىيە 23 ـ يىلى زىلھەججە ئېيىنىڭ 27 ـ كۈنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەستكە ئۇچرىغاندا، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا يېتىشقا رۇخسەت ئالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ سول تەرىپىگە دەپنە قىلىندى.

ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ خەلىفىلىك دەۋرىدە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز قەبرە بار ھوجرىلارنى كىشىلەرنىڭ كەبىنى تاۋاپ قىلغاندەك تاۋاپ قىلۋالماسلىقى ئۈچۈن مەسجىدنىڭ تېمىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ قويدى. ئۇ چاغلاردا بۇ ھوجرىلارنىڭ ئۈستى ياغاچ بىلەن يېپىلغان ۋە ئېگىزلىكى ئالتە مېتىر ئىدى.

بۇ شۇ ھالەتتە نۇرىددىن مەھمۇد ئۇ ھوجرىلارنىڭ تاملىرىنى تاش بىلەن قوپۇرۇپ، ئەتراپىنى چوڭقۇر قىزىپ ئۇ يەرلەرگە قوغۇشۇن قۇيۇپ قاتتۇرغىچە (چۈنكى شۇ چاغدا ئەھلى سەلىبنىڭ مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بار ئىدى) شۇ ھالەتتە تۇردى.

ھازىرقى سەئۇدى پادىشاھلىقى دەۋرىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى

ھازىرقى سەئۇدى ھۆكۈمىتى مەسجىدنى بىر نەچچە قېتىم بۇرۇنقى مەسجىدنىڭ كۆلىمىدىن بىرنەچچە ھەسسە كېڭەيتىپ بىنا قىلدى. مەسجىدنىڭ ئەتراپىغا مەيدان بەرپا قىلدى. ھازىر ئادەم جىق كۈنلەردە مەسجىدتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. يەنە بۇرۇنقى مۇنارلاردىن تۆتىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئېگىزلىكى 104 مېتىر كېلىدىغان مۇناردىن ئالتىنى قوشۇپ بىنا قىلغان ۋە ئون ئالتە چوڭ ئىشىك، تۆت كىچىك ئىشىك ئاچقان، ھېيت ۋە جۈمە كۈنلىرى مەسجىدنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن توك شوتىلىرى ۋە توك پەلەمپەيلىرىنى ئۇرناتقان، شۇنداقلا مەسجىدنىڭ تورىسىنى 36 يەرگە ھاۋا رايىغا قاراپ ئېچىلىپ يېپىلىدىغان قىلىپ ياسىغان. مەسجىدنىڭ ھەممە يەرلىرىنى ھەر خىل ئاسما چىراقلار بىلەن بىزىگەن، كەلگەن ھەممە زىيارەتچىلەرنى زەمزەم سۈيى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان ۋە كەڭتاشا تاھارەت ئالالايدىغان تۇربا ۋە سۇنى مۈزدەك ھالىتىدە ساقلايدىغان سۇدانلارنى ئورۇنلاشتۇرغان.

مەسجىدنىڭ قوروسىغا ئىسسىقتىن قوغدىلىدىغان مەرمەر تاشلارنى ياتقۇزغان، شۇنداقلا پۈتۈن مەدىنە كوچىلىرىنىمۇ مەسجىدنىڭ ئىسىللىقىغا لايىق ھالەتتە ناھايىتى رەتلىك ھالەتكە كەلتۈرگەن.

مەدىنە مۇنەۋۋەرنى زىيارەت قىلغاندا زىيارەت قىلىش بەلگىلەنگەن ئورۇنلار

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە مۇنەۋۋەردە مۇئەييەن بىرقانچە ئورۇننى زىيارەت قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ئورۇنلارنى زىيارەت قىلش سۈننەت ۋە مۇستەھەبكە ئايلاندى.

قۇبا مەسجىدى

بۇ مەسجىد مەدىنىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان، بۇ مەسجىدنىڭ ئارىلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىنىڭ ئارلىقى بىلەن بەش كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ مەسجىد ئىسلامدا تۇنجى قېتىم سېلىنغان مەسجىد بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمەدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن كۈنى ئۇ مەسجىدنىڭ ئورنىنى مۇبارەك قولى بىلەن لاھىيىلەپ بەردى ۋە تۇنجى ئۇل تېشىنى قويۇپ بەردى. ئاندىن ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار ئۇنى پۈتتۈرگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم بۇ مەسجىدنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئىدى. بۇ زىيارەت ئۈچۈن شەنبە كۈنىنى تاللايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "كىمكى ئۆيىدە تاھارەت ئېلىپ، قۇبا مەسجىدىگە كېلىپ ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭغا بىر قېتىم ئۆمرە ھەججى قىلفاننىڭ ساۋەبى بېرىلىدۈ" دېگەن ھەدىسى ئارقىلىق ئۇ مەسجىدنى زىيارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى. بۇمەسجىد ھەققىدە ئاللاھ تائالانىڭ: «بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋا ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد ھەقىقەتەن سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭغا ئەڭ لايىقتۇر، ئۇنىڭدا (گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار، ئاللاھ (ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ» [سۈرە تەۋبە 108 ـ ئايەت] دېگەن ئايىتى نازىل بولغان.

بەقىيئ

بەقىيئ مەدىنە ئەھلىنىڭ ئاساسلىق قەبرىستانلىقى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدىن تارتىپلا ئۇ جايغا مەدىنە ئەھلىنىڭ، زىيارەتچىلارنىڭ ۋە ئەتراپتىكى يېقىن يەرلەردىكى كىشىلەرنىڭ مېيىتلىرىدىن مىڭلاپ قويۇلۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ كۆلىمى 180مىڭ كۇۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئون مىڭ ساھابە كىراملارنىڭ جەسىدى قويۇلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە خەدىچە ۋە مەيمۇنە ئانىمىزدىن باشقا بارلىق مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى)، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە زەھرا، رۇقىييە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم، ئوغلى ئىبراھىم، تاغىسى ئابباس، ھاممىسى سەفىييە، نەۋرىسى ھەسەن ۋە ئوسمان (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىقلار بار. نۇرغۇن ھەدىس شەرىفلەردە بەقىيئ نىڭ پەزىلەتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى زىيارەت قىلغانلىقلىرى، ئۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلارغا دۇئا قىلغانلىقلىرى قەيت قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ ئاخىرىدا بەقىيئ غا چىقىپ مۇنداق دەيتتى: "ئى مۆمىنلەرنىڭ تۇرالغۇسى! سىلەرگە اللەنىڭ سالامى بولسۇن! سىلەر ۋەدە قىلىنغان ئورۇنغا كەلدىڭلار. بىزمۇ ئاللاھ خالىسا ئەتىلا سىلەر بىلەن بىرگە بولىمىز. ئى ئاللاھ ! بەقىيئ ئەھلىگە مەغفىرەت ئاتا قىلغايسەن." [ھەدىس شەرىف] شۇنىڭ ئۈچۈن بەقىئ نى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلىش سۈننەتتۇر.

ئۇھۇد تېغى ۋە ئۇھۇد شېھىدلىكى

ئۇھۇد تېغى مەدىنىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ئەڭ چوڭ تاغ بولۇپ، بۇ تاغ ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن "بۇ بىز ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇمۇ بىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئۇھۇدتۇر." ئۇنىڭ قاپتىلىدا مەشھۇر ئۇھۇد غازىتى بولغان. ھىجرىيەنىڭ 3 ـ يىلى شەۋۋال ئېيىدا قۇرەيش كاپىرلىرى ئۈچ مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئالدىنقى يىلى بەدرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن مەدىنىگە كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقىلى چىقىپ ئۇھۇد تېغىنىڭ يېنىغا چۈشىدۇ... بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلاردىن يەتمىش كىشى شېھىد بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى شېھىدلەرنىڭ خوجىسى ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ، پەرىشتىلەر غۇسلى قىلدۇرۇپ قويغان ھەنزە ئىبنى ئەبۇئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار بار... شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار شېھىدلارنى ئۇھۇد تېغىنىڭ يامزىلىغا دەپنە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇھۇد شېھىدلىرىنى دائىم زىيارەت قىلىپ تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى شېھىدلەرنى يەنە زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلارغا مېيىت نامىزى ئوقۇپ، ئۇلار بىلەن خوشلاشتى.

ئوقياچىلار تېغى

 

بۇ ئۇھۇد تېغىنىڭ يىنىغا جايلاشقان كىچىك بىر تاغ بولۇپ، ئۇھۇد شېھىدلىرى شۇ تاغنىڭ يېنىغا قويۇلغان. ئەينى چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قىسىم ئوقياچىلارنى مۇشۇ تاغنى مەھكەم ساقلاشقا بۇيرۇغان، مۇسۇلمانلار غەلىبىگە يوزلەنگەندە ئوقياچى قىسىمنىڭ كۆپ قىسمى غەنىمەت يىغىش مەقسىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بويرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ تاغدىن چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن مۇشرىكلارنىڭ ئاتلىق قىسمى خالىد ئىبنى ۋەلىد (ئۇ ئۇچاغدا مۇسۇلمان بولمىغان ئىدى) قوماندانلىقىدا ئارقىدىن ئايلىنىپ كېلىپ تاغدا قالغان قىسىمنى شېھىد قىلىپ مۇسۇلمانلارنى نۇرغۇن تالاپەتكە ئۇچراتقان.

مىقات (زۇلھۇلەيفە) مەسجىدى

بۇ مەسجىد ھەم "دەرەخ مەسجىدى" دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمرە ياكى ھەجىگە ماڭغاندا مۇشۇ يەردىكى دەرەخ سايىسىغا چۈشۈپ، بۇ يەردە ئېھرامغا كىرىپ، تەھلىل ئېيتىپ يولغا چىقاتتى. بۇ مەسجىدنى "زۇلھۇلەيفە مەسجىدى" دەپ شۇ مەھەللىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغان. بۇ جاي مەدىنە ۋە ئۇنىڭ شىمالىدىكى يۇرتلارنىڭ مىيقاتى (ھەج ۋە ئۆمرىگە ئېھرام باغلايدىغان جايى) بولغانلىقى ئۈچۈن "مىيقات مەسجىدى" دەپمۇ ئاتالغان، بۇ جاي بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 14 كىلومېتىر كېلىدۇ.

قىبلەتەين (ئىككى قىبلە) مەسجىدى

بۇ مەسجىد ئەسلى ھەرام جەمەتىگە مەنسۇپ بولۇپ، "ئىككى قىبلە مەسجىدى" دەپ ئاتىلىپ قېلىشىدىكى سەۋەب ھىجرىيەنىڭ 2 ـ يىلى اللە تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيتۇلمۇقەددەسكە ناماز ئوقۇشنى بىكار قىلىپ، مەككىدىكى بەيتۇللاھقا قاراپ ناماز ئوقۇش ھەققىدە ۋەھيى نازىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنى بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەدىنىنىڭ ئەتراپىغا يولغا سالىدۇ. ساھابە مۇشۇ مەسجىدكە كەلگەندە كىشىلەر ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن، بۇلارغا خەۋەر يەتكەن ھامان نامازنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ يۈزلىرىنى بەيتۇللاھقا بۇراپ نامىزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ مەسجىدتە بىر نامازنى ئىككى قىبلىگە قاراپ ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئىككى قىبلە مەسجىدى دەپ نام بەرگەن. بۇ مەسجىد مەدىنىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىگە 3.5 كىلومېتىر كېلىدۇ.

غەمامە (بۇلۇت) ياكى ھېيتگاھ مەسجىدى:

ئەسلى بۇ ئورۇن مەھەللە سىرتىدىكى بىر تۈزلەڭلىك بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ جايدا ئىككى ھېيت نامىزى ۋە يامغۇر تىلەك نامىزىنى ئوقۇيتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئورۇن مەسجىد دەپ ئاتالدى. "غەمامە" (بۇلۇت سايىسى) مەسجىدى دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇغىلى چىققاندا بۇلۇتلار ئۇنىڭدىن قۇياشنىڭ ئىسسىقىنى توسۇپ سايە چۈشۈرۈپ بېرەتتى. بۇ ئورۇن ھازىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىنىڭ غەربى جەنۇبى تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ.

  يەتتە مەسجىد

بۇ ھىجرىيەنىڭ 5 ـ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر بىرلىكتە مۇشرىكلاردىن قوغدىنىش ئۈچۈن كولىغان خەندەك قېشىغا كېيىنكى كۈنلەردە سېلىنغان كىچىك ـ كىچىك مەسجىدلەردىن ئىبارەت بولۇپ، شۇ چاغدىكى ھەر بىر قوشۇننىڭ كۈزىتىش ئورۇنلىرىنىڭ نامى بىلەن سېلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاتاپ سالغان فەتھى مەسجىدى بۇنىڭ سىرتىدا. بۇ مەسجىدلەر شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ رەت تەرتىۋى بويىچە سېلىنغان. بۇ مەسجىدنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسمى: فەتھى مەسجىدى، سەلمان فارىسى مەسجىدى، ئەبۇبەكرى سىددىق مەسجىدى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مەسجىدى ۋە ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب مەسجىدى قاتارلىقلار. رىۋايەت قىلىنىشىچە خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز فەتھى مەسجىدىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۈچۈن دۇئا قىلغان ئورۇنغا سالدۇرغان.

ئەقىق ۋادىيسى

ئەقىق ۋادىيسى مەدىنىدىكى مەشھۇر ۋادە بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيى مەدىنىدىن يۈز نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى "نەقىئ" دەپ ئاتىلىدىغان رايوندىن يىغىلىپ كېلىپ، مەدىنىنىڭ غەربى تەرىپىدىن ئۆتىدۇ. ئۇمەۋىيە خەلىفىلىكى دەۋردە بۇ ۋادىنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن قەسىرلەر سېلىنغان ئىدى.

سەھىھ بۇخارىدا ئەقىق ۋادىيسى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان: "ماڭا بۈگۈن كېچە پەرۋەردىگاھىم تەرىپىدىن بىرى. مۇشۇ مۇبارەك ۋادىيدا ناماز ئوقۇغىن دەپ كەلدى..."

رايە مەسجىدى

بۇ "رايە" دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك تاغ ئۈستىگە سېلىنغان كىچىك بىر مەسجىد بولۇپ، ئەھزاب غازىتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن بۇ يەرگە بىر گۈمبەز قوپۇرۇلغان.

باش بەتكە قايتىش

E-mail: webmaster@munber.org

نەشر ھوقۇقى  مۇنبەر تور بەت ياساش گۇرۇپىسىغا مەنسۇپ -2005 ـ 2006
  Reserved , edited by Munber webmaster  2005-2007