|
مەرھۇم ئۇستاز ئەبۇلھەسەن
ئەننەدەۋىي (اﷲ رەھمەت قىلسۇن)
پروفېسسور، دوكتور،
ئەھمەد شىرباسى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مەرھۇم ئۇستاز
ئەبۇلھەسەن ئەننەدەۋىينىڭ "مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن دۇنيا
نېمىلەرنى يوقاتتى؟" دېگەن يازغان قىسقىچە ھاياتى
دوستۇم نەدەۋىي بىلەن 1951 ـ يىلىنىڭ بېشىدا "سەيشەنبە دوكلاتلىرى" نىڭ
بىرىدە، قاھىرەدىكى "مۇسۇلمان ياشلار جەمئىيىتى" دە تۇنجى قېتىم
ئۇچراشتىم. ھېچ كۆرۈلمىگەن ئەدەب ۋە ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن
يېقىنلىشىپ: "يوللارنىڭ ئايرىلىش نوقتىسىدا دۇني" ناملىق بىر دوكلات
بېرىش ئۈچۈن "سەيشەنبە كەچلىرى" دىن بىرنى تەلەپ قىلدى... ئۆزى بەكمۇ
ئورۇق ، قارا ساقاللىق بىر ئادەم ئىدى. ئۇچىسىدىكى كىيىملىرى ناھايىتى
ئاددى ـ ساددا، قاراشلىرى مەنىلىك ۋە كەسكىن، ئاۋازىنى ئىنچىكە ۋە
سىيلىق ئىدى. كېيىنچە چۈشەندىمكى، ھاياتى مىڭبىر ئازاب ۋە مۇشەققەتتە
ئۆتكەن نەدەۋىيدەك مۆھتەرەم كىشىلەر ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئاۋاز كېرەك
ئىدى. تۇنجى كۆرۈشىشىمىزدىن كېيىن ئارىمىزدا دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق
مۇناسىۋىتى قۇرۇلدى. مانا بۇ قۇرلارنى ئۇ ھېسسىيات بىلەن يېزىۋاتىمەن.
اﷲ نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ مۇسۇلمان
ئالىمى ۋە دەۋەتچى سەيىد ئەبۇلھەسەن ئەلھىندى ئەننەدەۋىي ھەزرىتى ھەسەن
ئىبنى ئەلى نىڭ نەسەبىدىندۇر. دادىسى بۈيۈك ئالىم فەخرۇددىن ئىبنى
ئابدۇلئەلىدۇر. نەسەبى ئابدۇللاھ ئەلئەشئەرى ئىبنى مۇھەممەن زىننەفسىز
زەكىيە ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلماھس ئىبنى ئەلھەسەن ئەلمۇسەتتا ئىبنى
ئەلھەسەن ئەسسەبت ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىبقا تۇتۇشىدۇ. نەدەۋىنىڭ
دادىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان قوليازما ۋە باسما ئەسەرلىرى بار. ئەڭ مەشھۇرى
سەككىز توملۇق "نۇزھەتۇل خەۋاتىر" ناملىق ئەسرىدۇر. ئۇ ھىجرىيە 1331 ـ
يىلى ۋاپات قىلدى.
نەدەۋىي ھىجرىيە 1332 ـ يىلى مۇھەررەم ئېيىدا، ھېندىستاننىڭ بارەللى
ۋىلايىتىگە قاراشلىق "تەكىيە" يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. بارەللى
لوكنوۋغا تەخمىنەن 70 كىلو مېتىر كېلىدۇ. اﷲ ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن،
ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان خىزمىتىنى ئۇتۇقلۇق قىلغاي!
نەدەۋىينىڭ ئائىلىسى ئەرەب نەسلىدۇر. كۈنىمىزگىچە ئۆزلىرىنىڭ
ئەرەبلىكىنى ساقلاپتۇ ۋە ھازىرمۇ ساقلاپ كەلمەكتە. ئەسىرلەردىن بېرى
ھېندىستاندا ياشاپ، ھىندىچە سۆزلەشسىمۇ، ئەسلى ئەجدادلىرى بىلەن بولغان
مۇناسىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. نەدەۋىينىڭ ئائىلىسى تەۋھىد ۋە سۈننەتنى
قوغداش، بىدئەتلەردىن يىراق تۇرۇش، ئىنسانلارنى اﷲ يولىغا چاقىرىش ۋە
اﷲ يولىدا جىھاد قىلىش بىلەن تونۇلغان ئائىلىدۇر.
تىببى دوكتور ئابدۇلئەئەلى ئابدۇلھەي نەدەۋىنىڭ ئاكىسى ئىدى. لوكنوۋ
ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەكتەپ بويىچە بىرىنچىلىك بىلەن پۈتتۈردى ۋە دىيوبەند
ئىنىستىتوتى ۋە دارۇلئۆلىمانى تاماملىغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ
زامانىۋىي ئىلىم بىلەن دىنىي ئىلىمنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىگە
مۇجەمسسەملەشتۈرگەن ئىدى. نەدەۋىينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدا ئۇنىڭ رولى چوڭ
بولدى. دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، نەدۋەتۇلئۆلىماغا مۇدىر بولدى.
نەدەۋىي بۇندىن 10 يىل بۇرۇن ئۆز ئائىلىسىدىن ئۆيلەنگەن ئىدى. بۇ،
ھېندىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئادەت
بولۇپ قارشى چىققانلار ئەيبلىنىدۇ.
نەدەۋىينىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش ھاياتى ئائىلىسىدە ئانىسىنىڭ ياردىمىدە
قۇرئان كەرىم يادلاش بىلەن باشلاندى. ئانىسى پەزىلەتلىك، ئۈستۈن
قابىلىيەتلىك، تەقۋادار ئايال ئىدى. قۇرئان كەرىمنى يادقا بىلەتتى.
ھەرخىل گېزىت ۋە ژورناللاردا ماقالە ۋە ئىجادىي ئەسەرلەر ئېلان قىلغان
ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن نەدەۋىي ئوردۇچە ۋە پارسچە ئۆگەندى. 12 ياشلىرىدا
ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئەرەبچە دەرسلىرىنى شەيخ
خېلىل ئىبنى مۇھەممەد ئەليەمەنى بەردى. توپتوغرا ئىككى يىل ئەرەب
ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى. نۇرغۇنلىغان كىلاسسىك
ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنى ئوقۇدى. نەدەۋىينىڭ ئەرەب ئەدەبىياتىغا بولغان
ھەۋىسى ئۇ دەۋردىكى ھىنىدىستان ئۆرپ ـ ئادىتىگە زىت كېلەتتى. چۈنكى
ھېندىستانلىق مۇسۇلمانلار ئەرەب ئەدەبىياتىغا بەك ھەۋەسلەنمەيتتى.
نەدەۋىي "نەھجۇلبەلاغە، دەلائىلۇل ئىجاز، ۋەلھىماسە" ناملىق ئۈچ
ئەدەبىي ئەسەرگە ئالاھىدە قىزىقاتتى. كېيىن لوكنوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىغا
ئوقۇشقا كىردى. بۇ يەردە ئىنگىلىز تىلى ۋە تەبىئىي پەن ئىلىملىرى
ئوقۇتۇلاتتى. نەدەۋىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ "ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى"
فاكولتېتىدا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يېشى ئەڭ كىچىك
ئوقۇغۇچىسى ئىدى. دەسلەپكى كۈنلەردە گرامماتىكا دەرسلىرىدىن ئىچى
سىقىلدى ۋە بۇ دەرسنى كېيىنگە قالدۇردى. ئوقۇشنى بۈيۈك بىر
مۇۋەپپىقىيەت ۋە ئۈستۈنلۈك بىلەن داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن
ئەدەبىيات دەرسىنى نەدەۋەتۇلئۆلىمانىڭ ئەرەب ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ
باشلىقى دوكتور شەيخ تەقىيۇددىن ئەلخېلىل ئەلماراكەشىدە تاماملىدى.
نەدۋەتۇل دارۇلئۆلىما دارۇلئۇلۇمنىڭ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان
بىر جەمئىيەت ئىدى. كېيىن نەدۋەتۇلئۆلىماغا كىردى ۋە بۇ يەردە ئىككى
يىل ھەدىس ئىلىملىرى ئۆگەندى. ھەدىس بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ھەيدەر
ھەسەنخاندىن كۆپ پايدىلاندى. دىيوبەندتىكى دارۇلئۇلۇمدا بىر قانچە ئاي
تۇردى ۋە بۈيۈك ئالىم ۋە مۇجاھىد شەيخ ھۇسەين ئەھمە ئەل مەدەنىينىڭ
ھەدىس دەرسلىرىگە قېتىلدى.
ئاندىن لاھورغا بېرىپ داڭلىق مۇپەسسىر (تەپسىرشۇناس) شەيخ ئەھمەد
ئەلىدىن تەپسىر ئۆگەندى. نەدەۋىي دىپلوم ياكى كۆرسەتكۈچ ئۈچۈن ئەمەس،
بەلكى پەقەت ئەركىن بىر شەكىلدە ئىلىم ـ ئىرپان ئۆگىنىش ئۈچۈن توختىماي
ئوقۇدى.
ئوقۇشنى تاماملاپ دەرھال لوكنوۋغا قايتتى ۋە ئۇ يەردىكى دارۇلئۇلۇمغا
ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەيىنلەندى. دارۇلئۇلۇمدا 10 يىل تۇردى ۋە ھەرخىل
ئىلىملەرنى ئۆگەتتى. بۇ ئارىلىقتا نەدەۋەتۇلئۆلىما تەرىپىدىن
چىقىرىلغان ۋە مەسئۇد نەدەۋىي باش يازغۇچىلىق قىلغان ئەرەبچە "زىيانۇر"
ژورنىلىدا ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىدى. ئۇندىن باشقا، ئوردۇچە
ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى يازدى. "شەيخ سەيىد ئەھمەدنىڭ ھاياتى" ناملىق
ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇردى. بۇ ئەسەر جەمئىيەتتە ئالقىشقا ئېرىشتى ۋە
ئارقا ـ ئارقىدىن ئۈچ قېتىم بېسىلدى. ئاندىن كېيىن، نەدەۋىي دېھلىگە
بېرىپ بۈيۈك ئىسلام دەۋەتچىسى شەيخ مۇھەممەد ئىلياس بىلەن كۆرۈشتى. بۇ
كۆرۈشۈش نەدەۋىينىڭ ھاياتىدا بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولدى. چۈنكى شەيخ
مۇھەممەد ئىلياس بۈيۈك بىر مۇرشىد (رەھبەر) ئىدى. ئۇ اﷲ يولىغا دەۋەت
قىلىشتا سەمىمىي بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ.
ئەمما بۇندىن بۇرۇن خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق ئەمەس ئىدى.
چۈنكى، تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت ئىشىلىرىغا بېرىلىپ كەتكەن ئىدى. كېيىنچە
ئاستا ـ ئاستا يېزا ـ بازار خەلقلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا باشلىدى.
ئىسلامىيەتنى ھېندىستاننىڭ شەھەر ـ يېزىلىرىغا يېيىش ئۈچۈن سەپەرگە
چىقىشقا باشلىدى ۋە بۇ سەپەرلەرنىڭ بەزىلىرى بىرەر ئايغىچە سۈرەتتى.
نەدەۋىينىڭ نەزىرىدە شەيخ مۇھەممەد ئىلياس چوڭقۇر دىنى ئىلىمگە ۋە
كۈچلۈك ئىمانغا ساھىب كىشى ئىدى. دوستۇم نەدەۋىينىڭ ئېيتقىنىدەك شەيخ
مۇھەممەد ئىلياس بىر تەقۋا سەلەپى نەمۇنىسى بولۇپ، ئىخلاسمەن،
جاسارەتلىك كىشى ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىغا ئېچىناتتى، ئۇلار ئۈچۈن
ئىشلەيتتى، لاۋۇلداپ تۇرغان ۋۇلقاندەك كۈچلۈك روھى بىلەن
مۇسۇلمانلارنىڭ دەرتلىرىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن قەلبى يېنىپ تۇراتتى.
نەدەۋىي روھى تەربىيەسىنى ئارىف جېلىل شەيخ ئابدۇلقادىر ئەررەئيورىدىن
ئالدى. ئۇنىڭ مەجلىس سۆھبەتلىرىدىن كۆپ پايدىلاندى.
نەدەۋىي ئوردۇچە بېسىلىدىغان نەدۋەتۇلئۆلىمانىڭ نەشىر ئورگىنى بولغان
"نەدۋە" ئىسىملىك ئىلمىي ژورنالنىڭ باش يازغۇچىلىقىغا تەيىنلەندى.
ئالەيگەر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىڭغا "تەييارلىق" ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ
دىنى ئوقۇتۇش پروگراممىسىنى ھازىرلاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. بۇ
ئارىلىقتا ئۇ "ئىسلامىيەت" ناملىق بىر ئەسەر يازدى. ئۇنىۋېرسىتېت بۇ
كىتابنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ يازغۇچىنى مۇكاپاتلاندۇردى.
خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدە سۆزلىگەن لېكسىيىسى بۈيۈك ئالقىشقا
ئېرىشتى. كىتاب قىلىپ چىقىرىلدى ۋە بۇ ئەسەر بۈيۈك ئىنكاس قوزغىدى.
ئەينى ۋاقىتتا، نەدەۋىي ھېندىستاندا ئەرەب تىلى ئوقۇتىدىغان
مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن بەزى كىتابلارنى ھازىرلىدى. "ئەرەب
ئەدەبىياتىدىن تاللانمىلار" ناملىق ئەسىرى بۇلاردىن بىرىدۇر.
ھېندىستاندىكى دارۇلئۇلۇم ۋە بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلار بۇ ئەسەرنى
ئۆزلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابى قىلىپ تاللىدى. بۇندىن باشقا
"پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرى" ناملىق ئۈچ قىسىملىق ئەسىرى ۋە
باشقىلىرىمۇ بۇ كىتابلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى.
نەدەۋىي ئوردۇ تىلىدا ئايدا ئىككى سان بېسىلىدىغان "تامىر" ژورنىلىنى
چىقاردى. ھېندىلار ئارىسىدا ئىسلامىيەتنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بىر
جەمئىيەت قۇردى. ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش غايىسىدە قۇرۇلغان بۇ جەمئىيەت
ئىسلام دىنى ھەققىدە ئۇيەردە كەڭ قوللىنىلىدىغان ئىنگىلىز تىلىدا
كۆپلىگەن تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرى نەشىر قىلدى.
نەدەۋىي 1960 ـ يىلى لوكنوۋدا "ئىلىم ۋە ئىسلام جەمئىيىتى" نى قۇردى.
بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىنگىلىز، ئەرەب، ھىندى ۋە ئوردۇ تىللىرىدا ئېلىپ
بارغان كۆپلىگەن تەتقىقات ۋە ئىلمىي خىزمەتلىرىدىن باشقا نەشر قىلىنغان
قىممەتلىك ئەسەرلىرىمۇ بار.
مۆھتەرەم دوستۇم نەدەۋىينىڭ ئوقۇشقا، كېچىلىرى سۆھبەت يىغىلىشلىرىغا
قېتىلىشقا، كىتابلاردىن سۆز ئېچىشقا كۈچلۈك ۋە چوڭقۇر سۆيگۈسى بار.
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ھەدىيە بولسا، ئۇ ياخشى كۆرگەن ۋە
پايدىلىنالايدىغان بىر كىتابتۇر. نەدەۋىي كىتابلارنى ئۆيىنى بېزەش
ئۈچۈن ئەمەس، ئوقۇش، تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئالىدۇ. نەشر قىلىنغان
ئەسەرلىرى بۇنىڭ ئەڭ ئوچۇق دەلىلىرىدۇر. كېچىلىك سۆھبەت يىغىلىشلىرى ۋە
قىلغان تەتقىقاتلىرى ئۇنىڭ قابىلىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنىڭغا
ئەرەبچىنى راۋان سۆزلەش كۈچىنى بەردى. ئۇ ئىنساننىڭ زوقىنى
كەلتۈرىدىغان گۈزەل ئىپادىلەر ۋە بەدىئى ماھارەتكە تولغان جۈملىلىرى
بىلەن پاساھەت ۋە بالاغەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆزلىيەلەيدۇ.
لېكسىيەلىرىگە دائىما تەييارلىق قىلىپ بارىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا
يازىدۇ. سۆزلەشكە باشلىغان ۋاقىتتا ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ياخشى ۋە قايىل
قىلارلىق شەكىلدە سۆزلەشكە باشلايدۇ.
ئۇسلۇبىدا ھېسيات ۋە تەسىر ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن
ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك ۋە ئۆزىدىنمۇ ئاڭلىغىنىمدەك، نەدەۋىي بىر تېمىنى
تەتقىق قىلىپ تەييارلانماي تۇرۇپ ئۇ تېما ھەققىدە سۆز قىلمايدۇ. بۇ،
ئىلمىي سەرمايىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن ئەمەس، بەلكى مەسىلىنى ئوچۇقچە
ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىسپاتلاشنى ئويلىغان ئالىمنىڭ ئېھتىياتچانلىقىدىندۇر.
نەدەۋىينىڭ كۆپىنچە ئەسەرلىرى نەسرى شەكىلدە بولۇپ، ھازىرغىچە شېئىرى
ئەسەر يېزىپ باقمىدى.
ئۇستاز نەدەۋىي پۇتبول، سۇ ئۈزۈش، ئوۋ ئوۋلاش، چويلا توپ ۋە ئات
بەيگىسى قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ئىدى.
ئەمما يېقىنقى زامانلاردا بۇلارنى تەرك ئەتتى. چۈنكى ئۇزۇندىن بېرى
كېسەلدىن قۇتۇلمايۋاتاتتى. بولۇپمۇ كۆكرەك قىسمىدا بىر راھەتسىزلىك بار
ئىدى. اﷲ ئۇنى بۇ راھەتسىزلىكتىن قۇتۇلدۇردى. پەقەت ئاندا ـ ساندا
كېلىدىغان يۆتەل قالدى، خالاس!
نەدەۋىي ھەر تۈرلۈك رەسىملەرگە قارشى چىقىدۇ. رەسىمىنىڭ تارتىلىشىنى
خالىمايدۇ. بېر قېتىم بىرلىكتە قاھىرەدىكى چوڭ نەشرىيات ئورگانلىرىدىن
بىرىنى زىيارەت قىلغىلى بارغان ئىدۇق. نەشرىياتنىڭ رەسىمچىسى بىر
خاتىرە رەسىمىنى تارتىۋېلىشنى تەكلىپ قىلدى. نەدەۋىي بۇ تەكلىپنى قوبۇل
قىلمىدى. نەقەدەر يالۋۇرغان بولسىمۇ، رازىلىق بىلدۈرمىدى. ھېندىستانلىق
مۇسۇلمانلارنىڭ (رەسىم) ھارام دېگەن كۆز قاراشتا ئورتاق ئىكەنلىكىنى
ئېيتتى.
يەنە بېر قېتىم نەدەۋىدىن ئۆتمۈشتىكىلەردىن كىمنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ
ئۇچرىغانلىقىنى سورىدىم. نەدەۋىي: "ھەرخىل ئازاب ۋە قىيىن ـ قىستاققا
ئېلىنغان ئەھمەد ھەنبەل، بىدئەتلەرگە قارشى تۇرۇش، شەرىئەت، ھەقىقەت ۋە
ئىسلاھات تېمىلىرىدا بەكمۇ قىممەتلىك ئەسەرلەر يازغان شەيخ ئەھمەد
سەرھەندى (ھىجرىيە 1023 ـ يىلى ۋاپات بولغان) "ھۆججەتۇللاھى ئەلبالىغە"
ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى، بۈيۈك ئىسلام ئالىمى شەيخ ۋەلىيۇللاھ دەھلۋىي
(ھىجرىيە 1176 ـ يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ھىجرىيەنىڭ 13 ـ ئەسرىدە
ھېندىستاندا تۇنجى شەرىئەت دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى شېھىت سەييىد ئەھمەد
قاتارلىقلار" دەپ جاۋاب بەردى. بۇ دۆلەت بىر ئاي ھۆكۈم سۈرەلىدى.
كېيىنچە ئىنگىلىزلەر ھەر خىل سۇيىقەستلەر پىلانلاپ بۇ ئىسلام دۆلىتىنى
يوقىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىدى ۋە ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
يەر يۈزىدە ئىسلام ھاكىمىيىتى بايرىقىنىڭ لەپىلدىگىنىنى، ئىشغالىيەتچى
جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ يەر بىلەن يەكسەن بولۇشىنى، ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش
ئېلان قىلغان، مۇسۇلمانلارغا زورلۇق ـ زۇمبۇلۇقنى راۋا كۆرىدىغانلاردىن
اﷲ نىڭ قانداق ئىنتىقام ئالغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش نەدەۋىينىڭ
ئەڭ چوڭ ئارزۇسىدۇر. پەقەت شۇندىلا ئۇنىڭ كۆڭلى ئارام تېپىپ
ھۇزۇرلىنىدۇ ۋە ئۇ ئىسلامىي ئويغىنىشنىڭ تۇنجى ئۇچقۇنىنىڭ پەقەت
تۈركىيە ۋە پاكىستاندىن تۇتىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇندىن باشقا
ھېندىستان مۇسۇلمانلىرىغا بولغان ئۈمىدىمۇ بۈيۈكتۈر.
نەدەۋىي 1937 ـــ 1950 ـ يىللىرى ئارىسىدا ھىجازغا ۋە 1951 ـ يىلى
مىسىرغا باردى. كۆپلىگەن ئىسلام دۆلىتىنى ئايلاندى، كۆردى، ياشىدى،
دەرس ۋە دوكلاتلار بەردى، خەلق ئاممىسىغا خىتاب قىلدى. ھەر ئاياق
باسقان يېرىدە ئۇنىڭ ئەجرى ـ مېھنىتى ۋە كۆز يېشى بار ئىدى.
1957 ـ يىلى "ئەرەب ئىلىم جەمئىيىتى" گە مۇخبىر بولۇپ تاللاندى. 1956 ـ
يىلى دەمەشىق ئۇنىۋېرسىتېتىدە تەكلىپلىك پروفېسسور سۈپىتىدە دوكلات
بېرىش ئۈچۈن سۈرىيەگە دەۋەت قىلىنغان ئىدى.
مىسىردىكى چاغلىرىدا ئۇنىڭدىن مىسىرنىڭ ياخشى تەرەپلىرى ھەققىدىكى
تەسىراتىنى سورىغىنىمدا: "اﷲ غا ئىمان ئېيتىش ۋە ئېتىقادتا چىڭ
تۇرۇش، مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ چەتئەللەرگە بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت،
كەمتەرلىك، كەڭ قورساقلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ زىچلىقى"؛
ئاندىن ئۇ ياقتۇرمىغان تەرەپلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى سورىغىنمدا
بولسا، بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: "يالىڭاچلىق، گېزىت ـ
ژورناللاردا يەر ئالغان يالىڭاچ رەسىملەر، بەزى زىيالىيلارنىڭ دىنىمىز
ھارام قىلغان بەزى قائىدە ـ نىزاملارغا چېقىلىشى، مەسجىد جامىئەلەرگە
لىق تولىدىغان جامائەتنىڭ تارقىلىپ ئازىيىپ كېتىشى ۋە ياۋرۇپا ئېقىمىغا
قارىغۇلارچە ئەگىشىش" دەپ جاۋاب بەردى. پۈتۈن بۇلاردىن باشقا، دوستۇم
نەدەۋىي ساختا قىلىقلارنى ھېچ ياقتۇرمايدۇ. يەپ ـ ئىچىش، كىيىنىشتە
بەكمۇ ئاددى ـ ساددا بولۇپ. خىيال پەرسلىك ۋە دورامچىلىقنىمۇ
ياقتۇرمايدۇ. پۇل ـ مالغا ھېچ ئېتىبار بەرمەيدۇ. رەببىگە بولغان
تەۋەككۈلچىلىكنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۆزى ئويلىغان مەقسەتكە يېتىش يولىدىكى
پىداكارلىقى تىللاردا داستاندۇر. باشقىلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچراۋاتسىمۇ،
ئۇنىڭ ھەر ساھەدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ بىردىن بىر سىرى بولسا،
ئۇنىڭ چەكسىز ئىخلاسىدۇر. سۆزۈمنى ئۇزاتتىم، ئەمما بۇ سۆزلىرىم بىلەن
قېرىندىشىم نەدەۋىي ھەققىدە بىر نەرسە سۆزلىيەلمىدىم دەپ ئېيتالمايمەن.
|