بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى ئالماشتۇرۇش | силавийәнчә

 

 

   

 

ئىمام شافىئىينىڭ تەرجىمىھالى

ئىمام شافىئىي (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) نىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئەل ئابباس ئىبنى ئوسمان ئىبنى شافىئىيدۇر. ئۇ ھىجرىيەنىڭ 150 ـ يىلى (مىلادىيە 767 ـ يىلى) پەلەستىندىكى ”غەززە“ دېگەن شەھەردە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلى ئىمام ئەبۇھەنىيفە (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) نىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەن يىلىغا توغرا كېلىدۇ. ئىمام شافىئىي (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) نىڭ نەسەبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى بوۋىسى ئابدۇلمەننەفتا ئۇچرىشىدۇ.

ئىمام شافىئىي (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) يېتىم ھالەتتە ئۆسۈپ يېتىلدى. ئانىسى ئۇنى قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلار يېتىلىۋاتقان مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلسۇن، دەپ ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەندە پەلەستىندىن مەككىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ چاغدا مەككە فىقھى ۋە ھەدىس ئالىملىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يېشى تېخى يەتتە ياشتىن ئاشمايلا قۇرئاننى يادا ئېلىپ بولۇپ ئىلىم سورۇنلىرىغا كېلىپ ـ كېتىشكە باشلايدۇ. اﷲ تائالا ئۇنىڭغا ئىلىم ئاتا قىلدى ۋە ئىلىم ئۆگىنىش ئىشتىياقىنى سالدى.  

ئىمام شافىئىي (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) بىر تەەرەپتىن ئىلىم ئۆگەنگەچ ۋە ھەدىس يادا ئالغاچ يەنە بىر تەرەپتىن تىلىنى كۆندۈرۈش، تىلىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېزىدىكى بەزى ئەرەب قەبىلىرىنىڭ ئارىسىغا دائىم دېگىدەك بېرىپ تۇرىدۇ.

ئۇ مەزگىللەر دەل ئىمام مالىكنىڭ شۆھرىتى پۈتكۈل مەدىنە تەۋەسىگە پۇركەتكەن ۋە كىشىلەر ئۇنىڭ "مۇئەتتا" ئىسىملىك كىتابىنى قولدىن قولغا ئېلىشىپ ئوقۇيدىغان بىر مەزگىل ئىدى. شۇڭا ئىمام شافىئىي مەدىنىگە بېرىپ ئىمام مالىكنىك يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭدا ئوقۇماقچى بولىدۇ. لېكىن، ئۇ مەككىدىن ئايرىلىپ ئىمام مالىكنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئىىلگىرى ئۇنىڭ "مۇئەتتا" ئىسىملىك كىتابىنى يادا ئېلىش قارارىغا كېلىپ ئۇ كىتابنى يادا ئېلىپ بولىدۇ. ئىمام شافىئىي (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) مەدىنىگە بېرىپ ئىمام مالىكتىن دەرس ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقتىدا، ئىمام مالىكقا ئۇنىڭ "مۇئەتتا" ئىسىملىك كىتابىنى يادقا ئوقۇپ بېرىدۇ. ئىمام مالىك (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) شافىئىينىڭ ئۆزىنىڭ كىتابىنى يادقا ئوقۇغانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭ تىلىنىڭ ناھايىتى راۋانلىقىدىن ھەيران قالىدۇ. بۇ ۋاقتىدا ئىمام شافىئىي ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن ۋاقىت ئىدى. ئىمام شافىئىي شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تاكى ئىمام مالىك (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) ھىجرىيەنىڭ 179 ـ يىلى (مىلادىيە 796 -يىلى) ۋاپات تاپقانغا قەدەر ئىمام مالىكنىڭ يېنىدا 16 يىل ئىلىم تەھسىل قىلدى. ئىمام شافىئىي بۇ جەريانىدا يەنە ئىبراھىم ئىبنى سەئد ئەنسارىي، ئابدۇلئەزىز ئىبنى مۇھەممەد ئەددىراۋۇردىى ۋە مۇھەممەد ئىبنى سەئىد ئىبنى ئەبى فۇدەيك (اﷲ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن!) قاتارلىق ئىماملاردىنمۇ ئىلىم تەھسىل قىلدى.

 ئىمام شافىئىي ئۇستازى ئىمام مالىك ۋاپات تېپىپ بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن شۇ ۋاقىتتىكى ئىسلام خىلاپىتىنىڭ مەركىزى بولغان باغدادقا كەلدى. ئۇ باغدادتا ئىمام ئەبۇھەنىيفە (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) نىڭ شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد ئەششەيبانىي بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇدى ۋە بىر مۇددەت ئىمام مۇھەممەد ئەششەيبانىينىڭ (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمام شافىئىيدا ھىجازنىڭ ئىلمىي بىلەن ئىراقنىڭ ئىلمى مۇجەسسەملەشتى. كېيىن ئىمام شافىئىي مەككىگە قايتىپ كېلىپ بۇ يەردە ئىلىم سورۇنى قۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئالىملارئۇنىڭ دەرىسلىرىگە قاتناشتى. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلمۇ بار ئىدى. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) ھەج مەۋسۈمىدە ئىمام شافىئىي بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭ شاگىرتى بولۇپ قالدى. مەككىدە ئىمام شافىئىينىڭ شەخسىيىتى ۋە ھىجازنىڭ ئىلمى بىلەن ئىراقنىڭ ئىلمىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن كېلىپ چىققان ئىجتىھاد قىلىشتىكى يىڭى يولى قەد  كۈتۈرۈشكە باشلىدى.  

ئىمام شافىئىي (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) مەككىدە توققۇز يىل تۇرغاندىن كېيىن ھىجرىيەنىڭ 195 ـ يىلى (مىلادىيە 810 ـ يىلى) ئىككىنچى قېتىم باغدادقا كەلدى. ئۇ بۇ يەرگە ئىككى يىل تۇرۇپ ئۆزىنىڭ مەزھىپىنى تارقاتتى ۋە ئۇسۇلى فىقھى ئىلمىنىڭ ئۇلۇنى قۇرۇش ئاساسىدا يېزىلغان "ئەررىسالە" ئىسىملىك كىتابىنى يېزىپ چىقتى. باغدادتىمۇ ئىمام شافىئىينىڭ كاتتا شاگىرتلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئەبۇسەۋر، زەئپىرانىي ۋە كىرابىسىي قاتارلىقلار ئىمام شافىئىينىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدى. كېيىن ئىمام شافىئىي (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) باغدادتىن مەككىگە قايتىپ كېلىپ مەككىدە ئاز بىر مۇددەت تۇرغاندىن كېيىن ھىجرىيەنىڭ  198- يىلى (مىلادىيەنىڭ 813- يىلى) يەنە باغدادقا قايتىپ كەلدى. بۇ ئىمام شافىئىينىڭ باغدادقا ئۈچىنچى قېتىم شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كېلىشى بولۇپ قالدى . ئىمام شافىئىي بۇ قېتىم باغدادتا قىسقا بىر مۇددەتلا تۇرۇپ ئۇ يەردىن مىسىرغا كېتىپ قالىدۇ.

ئىمام شافىئىي (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) مىسىرغا كېلىپ ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس بېرىشنى باشلايدۇ. ئاۋام خەلق ۋە ئالىملار ئۇنىڭ ئىززىتىنى ۋە ھۆرمىتىنى قىلىدۇ. قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ھەرخىل ئىلىم ساھالىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر توپلىنىدۇ.

ئىمام شافىئىي (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) مىسىردا يېڭى مەزھىپىنى يولغا قويىدۇ. ئىمام شافىئىينىڭ يېڭى مەزھىپى بولسا ئۇ مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن چىقارغان ھۆكۈملەر ۋە بەرگەن پەتىۋالاردىن ئىبارەتتۇر. ئىمام شافىئىينىڭ مىسىرغا كېلىپ چىقارغان بەزى ھۆكۈملىرى ۋە پەتىۋالىرى بۇرۇن باغدادتىكى چېغىدا چىقارغان ھۆكۈملىرىگە ۋە پەتىۋالىرىغا ئوخشىمايدۇ.

ئىمام شافىئىينىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى:

1 ـ "ئەررىسالە" بۇ ئۇسۇلى فىقھى ئىلمىنىڭ ئۇلۇنى قۇرۇش ئاساسىدا يېزىلىپ چىققان ئەسەردۇر.

2 ـ "ئەلئۇم" بۇ فىقھى بۆلۈملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كىتابتۇر. ئىمام شافىئىي بۇ كىتابىدا ھەم ئۆزۈنىڭ قارىشىنى ھەم قارشى پىكىردىكى ئىمامنىڭ قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇ يەنە: "جىمائۇل ئىلمى"، "ئىبتالۇل ئىستېھسان" ۋە "ئىختىلاپۇ مالىك ۋە ششافىئىي" دېگەن كىچىك ـ كىچىك كىتابلارنىمۇ يېزىپ قالدۇرغاندۇر.

ئىمام شافىئىي (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) ھىجرىيەنىڭ 204 ـ يىلى (مىلادىيەنىڭ 820 ـ يىلى) مىسىردا ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ. اﷲ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن!

مەشھۇر شەخسلەر سەھىپسىگە قايتىش>

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org