|
ئىمام ئەبۇ يۈسۈف (اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت
قىلسۇن)
ئا. قۇتۇبى
ئۇنىڭ
ئەسلى
ئىسمى ياقۇپ ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ھەبىب ئىبنى سۇئاد
بولۇپ
چوڭ دادىسى سۇئاد ساھابىلاردىن
ئىدى.
ئەبۇيۈسۈف
ھىجرىيەنىڭ 113 ـ يىلى
(مىلادىيە
731 ـ يىلى)
كۈفە شەھىردىكى بىر كەمبەغەل ئائىلىسىدە
دۇنياغا كەلگەن.
ئۇنىڭ ئائىلىسى كەمبەغەل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ناھايىتى قىيىنچىلىق
ئىچىدە ياشايدۇ.
شۇڭا
ئائىلىسى
ئەبۇيۈسۈفنى
ئوقۇشىنى
تاشلاپ،
بىر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتۇشقا
زورلايدۇ.
ئەبۇيۈسۈف
مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋال ۋە ئېغىر تۇرمۇشقا دۇچ كەلسىمۇ،
يەنىلا
ئوقۇشىنى
داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ.
ئەبۇيۈسۈف توي قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، شۇ يوقسۇزلۇقنىڭ سەۋەبىدىن
بەزىدە ئۇستازى ئەبۇھەنىفىنىڭ دەرىسلىرىگە قاتنىشالمايتتى.
ئەبۇيۈسۈفنىڭ ناھايىتى زېرەك ئىكەنلىكىن سەزگەن ئەبۇھەنىفە، ئۇنىڭ
دەرىستىن توختاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ خىراجىتىنى ئۆز
ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ داۋاملىق دەرىسكە قاتنىشىشقا ياردەمچى بولدى.
ئەبۇيۈسۈف ئىمام ئەبۇھەنىفە، ئىبنى ئەبۇلەيلا، ئەبۇئىسھاق ئەششەيبانى،
سۇلايمان ئەتتەمىمى، ئەئمەش، ھىشام ئىبنى ئۆرۋە، مۇھەممەد ئىبنى يەسار،
ھەسەن ئىبنى دىنار ۋە ئىسمائىل ئىبنى ئۇمەييە قاتارلىق ئالىملاردىن
ئىلىم تەھسىل قىلغان بولۇپ، ئىمام ئەبۇھەنىفە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇ ئەڭ
كۆپ دەرىس ئالغان ۋە ئۇنى يىتىشتۇرگەن كىشىدۇر. ئەبۇيۈسۈف ھەدىس
ئىلمىنى ھۇسەين ئىبنى ئابدۇراھماندىن ئۆگەنگەن.
ئەبۇيۈسۈف ئىسلامغا ئائىت ئاساسلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىپ بولغاندىن
كېيىن، فىقھى ئۆگىنىش ئۈچۈن دەسلەپتە ئىبنى ئەبۇلەيلانىڭ قېشىغا باردى.
ئەبۇيۈسۈف ئۇنىڭدىن توققۇز يىل فىقھى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئىمام
ئەبۇھەنىفەنىڭ قېشىغا يۆتكلىپ باردى.
مەشھۇر تارىخشۇناش ئىمام ئىبنى ئىسھاق كۇفىغا كەلگەندە، ئەبۇيۈسۈف
ئۇنىڭدىن بىر ئايغا يېقىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غازاتلىرىغا
ئائىت بىلىملەرنى ئۆگەنگەن ۋاقىتنى ھىسابقا ئالمىغاندا، تولۇق 17 يىل
ئۈزۈلدۈرمەي ئىمام ئەبۇھەنىفىدىن فىقھى ئۆگەندى.
ئەبۇيۈسۈف ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھىجرىيە 137 ـ يىلى
(مىلادىيە 775 ـ يىلى) ئابباسىيلارنىڭ خەلىفىسى مەھدى بىللاھنىڭ
زامانىدا ئائىلىسى بىلەن باغداتقا كۆچۈپ كېلىپ، ھىجرىيە 150ـ يىلى
(مىلاىيە782ـ يىلى) قازىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. ھىجرىيە 153
ـ يىلى (مىلادىيە 786 ـ يىلى) خەلىفە ھارۇن رەشىدنىڭ زامانىدا
"قازىقۇزات (قازىلارنىڭ قازىسى)" دېگەن مەرتىۋىگە كۈتۈرۈلدى.
ئەبۇيۈسۈف ئىسلام تارىخىدا ئەڭ دەسلەپ "قازىقۇزات (قازىلارنىڭ قازىسى)"
دېگەن مەرتىۋېگە ئېرىشكەن كىشى بولۇپ، ئۇ قازىلىق قىلىۋاتقان دەۋرىدە
ئابباسى خەلىپىلىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىغا كېرىدىغان مسىر، سۈرىيە ۋە
خۇراسان قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز قازى تەيىن
قىلنمايتتى. ئەبۇيۈسۈف ھىجرىيە 167 ـ يىلى (مىلادىيە 798 ـ يىلى) ۋاپات
بولغانغا قەدەر، بۇ مەرتىۋىدە داۋام قلىپ كەلدى. ئەبۇيۈسۈف ۋاپات
بولغاندا، ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا خەلىپە ھارۇن رەشىدمۇ قاتنىشىپ،
جىنازىنىڭ ئالدىدا ماڭدى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ جەمەتلىرىنى قويۇدىغان
قەبرىستانلىقتا قويدى.
ئەبۇيۈسۈف پەزىلەتلىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇ يوقسۇز ۋە قېيىنچىلىقى بار
كىشىلەردىن ھەرقانداق ياردىمىنى ئايىمىدى، ھەمدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە
پەزىلەت ئىگىسى ۋە ئۇستازى ئىمام ئەبۇھەنىفىگە دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتمىدى.
ئەبۇيۈسۈف ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەخلاقى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن خەلىپىلەر ۋە
ئاممىنىڭ قەلبىدە ياخشى ئورۇن ئېلىپ كەلدى.
ئىمام ئەبۇيۈسۈفتىن تەپسىر، ھەدىس ۋە فىقھى ماددىلىرىدىن نۇرغۇن
ئوقۇغۇچىلار دەرس ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ۋە
تۇنۇلغانلىرى بولسا، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى
ھەسەن شەيبانى، ئىمام بېشىر ئىبنى ۋەلىد كىندى، ئىمام بىشىر ئىبنى
غىياس، ئىمام يەھيا ئىبنى مەئىن، ئىمام ھىلال ئىبنى يەھيا، ئىمام
جەئفەر ئىبنى يەھيا، ئىمام ھەسەن ئىبنى زىيان، ئىمام ئەسەد ئىبنى فۇرات
ۋە ئىمام يەھيا ئىبنى ئادەم قاتارلىق ئالىملاردۇر. اﷲ تائالا ئىمام
ئەبۇ يۈسۈفكە ۋە بارلىق توغرا يولدا ماڭغان بارلىق ئىماملارغا رەھمەت
قىلسۇن ۋە جەتنەتى مەئۋادىن ئورۇن ئاتا قىلسۇن!
|