ئەبۇزەكەرىيا يەھيا
ئىبنى شەرەف ئەننەۋەۋىي
"ياخشىلار باغچىسى" دېگەن كىتابتىن
ئېلىندى
تولۇق ئىسمى يەھيا ئىبنى شەرەف ئىبنى ئەبۇزەكەرىيا نەۋەۋىي بولۇپ،
ئىمام نەۋەۋىي دېگەن نام بىلەن تونۇلۇپ كەلمەكتە. ئۇ ھىجىرىيەنىڭ 631 ـ
يىلى سۈرىيەدىكى بۇسرا شەھىرىنىڭ نەۋا دېگەن يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.
ئۇ كىچىك چاغلىرىدا ئۇنىڭدا يېتىلىۋاتقان زېرەكلىك، ھۇشيارلىق ۋە كىچىك
بالىلاردا ئاز ئۇچرايدىغان ئەقىل ـ ئىدراك، ساغلام مىجەز ـ خاراكتىرنى
كۆرۈپ يەتكەن ئاتىسى، ئۇنى ئۆز تەربىيىسى ئاستىدا كۆڭۈل قويۇپ
تەربىيىلەپلا قالماسىتىن، ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئىلىم ئىگەللەشكە
رىغبەتلەندۈرگەن.
ياسىن ئىبنى يۈسۈف ئەلمەراكەشى ئىمام نەۋەۋىي ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
"مەن ئىمام نەۋەۋى ئەمدىلا 10 ياشقا كىرگەندە، كىچىك بالىلارنىڭ ئۇنى
ئۆزلىرى بىلەن ئويناشقا زورلاۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ بالىلار بىلەن
ئويناشتىن قېچىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ۋە شۇ ھالەتتە قۇرئان
ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا قارىتا مۇھەببەت پەيدا بولدى.
ئاتىسى ئۇنى دۇكانغا قاراشقا قويۇپ قويغاندا ئۇ سودا ـ سېتىققا كۆڭۈل
بۆلۈشتىن كۆپرەك قۇرئان ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلەتتى. مەن ئۇنىڭ ئۇستازىنىڭ
يېنىغا كېلىپ: ئۇ بالا كەلگۈسىدە زامانداشىلىرى ئىچىدە ئەڭ بىلىملىك،
ئەڭ تەقۋادار ۋە كىشىلەرگە ئەڭ مەنپەئەتلىك ئادەم بولىدىغاندەك تۇرىدۇ،
دېگەن ئىدىم. ئۇستازى ماڭا: سەن مۇنەججىممۇ؟ دېدى. مەن: ياق لېكىن اﷲ
مېنىڭ كۆڭلۈمگە شۇنداق ھېس قىلدۇردى، دېدىم. ئۇستازى بۇ سۆزلىرىمنى
ئۇنىڭغا ئاتىسىغا يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ قۇرئاننى
تولۇق يادقا ئېلىشىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى".
ئۇنىڭ ئۆز يۇرتى ئۇنىڭ ئىلىمغا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرالمىغانلىقى
ئۈچۈن، ھىجىرىيەنىڭ 639 ـ يىلى ئاتىسى ئۇنى دەمەشىق شەھىرىگە ئېلىپ
كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا دەمەشىق شەھىرى ئۆلىمالارنىڭ، دانالارنىڭ ۋە
ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئىلىم بۆشىكى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا دەمەشىقتە
ھەرخىل پەنلەردىن دەرس بېرىلىدىغان 300 دىن ئارتۇق مەكتەب بار ئىدى.
ئۇ
دەمەشىققە كەلگەندىن باشلاپ ئابدۇلكافىي ئىبنى ئابدۇلمەلىك رەبىئىي ۋە
ئابدۇراھمان ئىبنى ئىبراھىم قاتارلىق كاتتا ئالىملاردىن دەرس ئالدى.
كېيىن ئۇ ئۇستازى ئابدۇراھمان ئىبنى ئىبراھىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە
فىقھىشۇناس ئالىم ئىسھاق ئىبنى ئەھمەد مەغرىبىنىڭ راۋاھىيە مەكتىبىگە
كېلىپ ئوقۇدى. ئۇ بۇ مەكتەبكە كېلىپ ئوقۇغان ئىككى يىلغا يېقىن
قىسقىغىنا مۇددەت ئىچىدە ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلىكى،
مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر چۈشىنىشى، ئىلىمغا بولغان قاتتىق
ھېرىسمەنلىكى بىلەن ئۇستازىنى ھەيران قالدۇردى. ئۇستازى ئۇنى ناھايىتى
ياخشى كۆرگەنلىكى ۋە قايىل بولغانلىقتىن ئۇنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا نۇرغۇن
جامائەتلەردىن تەركىب تاپقان دەرس ھەلقىلىرىگە دەرس بېرىشكە تەيىنلىدى.
ئىمام نەۋەۋىي راۋاھىيە مەكتىۋىدىكى دەرسكىلا قاراپ قالماستىن
ئەتراپتىكى باشقا مەكتەبلەرگىمۇ بېرىپ دەرس ئوقۇيتتى. ئۇ كۈنىگە 11
پەننى ئايرىم ـ ئايرىم ئۇستازلاردىن ئوقۇيتتى. ئۇ ناھايىتى ئاز
ئۇخلايتتى ئەگەر ئۇيقۇسى كېلىپ قالسا، كىتابلىرىغا يۆلىنىپ ئازغىنا
ئۇخلايتتى. ئۇ ئۆز زامانىسىدا فىقھىشۇناسلىق، ھەدىسشۇناسلىق،
ئەقىدىشۇناسلىق، ئەرەب تىلشۇناسلىق ئىلىملىرىدە ۋە باشقا ھەرخىل
پەنلەردە ئىلىمدا توشقان شۇ زاماندىكى 20 دىن ئارتۇق ئاتاقلىق
ئۆلىمالاردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان.
ئىمام نەۋەۋىي ھىجىرىيەنىڭ 665 ـ يىلى ئۇستازى ئەبۇشامە ۋاپات
بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىدا ”دارۇلھەدىس ئەشرەفىيە“ مەكىتىۋىدە تاكى
ۋاپات بولغانغا قەدەر مۇدەررىسلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ بۇ مەكتەبتە
نۇرغۇن ئىلىم ئىگىلىرىنى ھەرخىل ئىلىم ساھەسىدە يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۇ
ئۆزىنىڭ مەشغۇلىيەت ۋاقتىنى جەدۋەللەشتۈرۈپ دەرس ئوقۇش، كىتاب كۆرۈش،
ئۇستازلاردىن مەسىلە سوراش بىلەن ئالدىراش ئۆتكۈزەتتى. ئۇ ئىلىم بىلەن
شۇغۇللىنىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلغان ئىدى.
?
ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچى شۇ ئىلىم بىلەن مال ـ دۇنياغا، ھوقۇققا،
شۆھرەتكە ۋە ياكى يۈز ئابرۇيغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلماستىن پەقەت اﷲ
تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلىشى كېرەك.
ئىسلام شەرىئىتىدە يولغا قويۇلغان ياخشى ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنى
ئۆزلەشتۈرۈپ، سېخى ۋە مەرت بولۇشى خۇش چىراي، مېھرىبان، سەۋرچان،
تەقۋادار ۋە كەمتەر بولۇشى. دەرس ئۆتكەندە قىزىقارلىق قىلىپ ئۆتۈشى.
شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان بارلىق ئەدەب ـ ئەخلاقلارنى ئۆزىگە
ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك.
?
ھەسەت قىلىشتىن رىيا قىلىشتىن ۋە كىشىلەرنى كەمسىتىشىن قەتئىي يىراق
بولۇش كېرەك.
اﷲ تائالانى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالدا داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇشى،
قۇرئان ئوقۇشقا، زىكىر ئېيتىشقا، دۇئا قىلىشقا، نەپلە ناماز ئوقۇشقا،
نەپلە روزا تۇتۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەپلە ئىبادەتلەرنى داۋاملىق
قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ھەممە ئىشتا اﷲ تائالادىن ياردەم سورىشى،
اﷲ تائالاغا تايىنىشى ۋە ھەممە ئىشىنى اﷲ تائالاغا تاپشۇرۇشى
كېرەك.
ئوقۇ ـ ئوقۇتۇش، ئىزىدىنىش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، باھالاش، سالاھىيىتى
توشسا كىتاب يېزىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بوشاشماي شۇغۇللىنىشى كېرەك.
ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەرۋاقىت ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشقا، يادقا ئېلىشقا
تېگىشلىك ماددىلارنى يادقا ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، ئۇلارغا
ئەھمىيەتلىك سوئاللارنى قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىشى،
باشقىلارنىڭ ئىلىم ئىگەللەشكە بولغان ھېرىسمەنلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى
كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچان ئوقۇغۇچىنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلىپ
رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.
ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىدە ئوقۇش جەريانىدا باشقا ئالىملاردىنمۇ
دەرس ئالسا، بۇنىڭغا خاپا بولماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا
ئۇنىڭ ئىلىم ئۆگىتىشتىكى مەقىستىنىڭ اﷲ رازىلىقى ئۈچۈنلا ئەمەسلىكى
ئاشكارىلىنىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي ناھايىتى تەقۋادار ئالىم بولۇپ ئۇ ھەمىشە اﷲ تائالادىن
قورقۇش تۇيغۇسى ئىچىدە ياشايتتى. كىچىكىدىن تارتىپلا ئويۇن ـ
تاماشلارغا بېرىلمەيتتى. بوش ۋاقىتلىرىنى قۇرئان ئوقۇش، اﷲ تائالاغا
يېىقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزەتتى ئۇ تۇرمۇشتا
تولىمۇ ئاددىي ـ ساددا ۋە قانائەتچان ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكەن
پەرزكار ئىدى.
ئەلائۇددىن ئىبنى ئەتتار مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام نەۋەۋىي دەمەشىق
شەھىرىنىڭ مېۋىلىرىدىن يېمەيتتى. مەن ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىسام، ئۇ:
دەمەشىقتە ۋەقپە قىلىنغان جايلار كۆپ، بىلمەي ئۇ جايدىن كەلتۈرۈلگەن
مېۋىلەردىن يەپ قېلىشنى كۆڭلۈم كۆتۈرمەيدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى".
شۇ
دەۋرىدىن تا ھازىرغىچە ئۆلىمالار ئىمام نەۋەۋىينى ئېسىل خىسلەتلەر
بىلەن تەرىپلەپ كەلمەكتە. ئەبۇئابباس ئىبنى فەرھ بۇ خىسلەتلەرنى
خۇلاسىلاپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام نەۋەۋىينىڭ ئېسىل خىسلەتلىرى ئۈچ
باسقۇچقا بۆلىنىدۇ. بىرىنچى، ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىلىمنىڭ ۋەزىپىلىرىنى
تولۇق ئادا قىلىش. ئىككىنچى، دۇنيا ۋە ئۇنىڭ تۈرلۈك نازۇ نېمەتلىرىگە
بېرىلىپ كەتمەسلىك. ئۈچىنچى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش".
ئۇ
دەمەشىقتە 28 يىل ئەتراپىدا تۇرغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتى نەۋاغا قايتىپ
كەلدى. ئۇ، ئۇيەردە ئۇزاق ئۆتمەي كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى ۋە شۇ
كېسىلىدە ھىجىرىيەنىڭ 676 ـ يىلى رەجەب ئېيىنىڭ 23 ـ كۈنى ئالەمدىن
ئۆتتى. ھەم شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى دەمەشىققە
يېتىپ بارغاندا پۈتۈن دەمەشىق خەلقى قاتتىق قايغۇ ـ ئەلەمگە چۈمدى.
اﷲ تائالا ئۇنىڭغا جەنناتىلفىردەۋسنى ئاتا قىلسۇن!!!